نىشانسىز مەنزىل

تەپەككۇر تامچىلىرى 2015-06-29 23:50 1,917 9

نىشانسىز مەنزىل

Menzil

«بۇ ھايات چەكلىكتۇر، چەكلىك بۇ ھاياتنى قەدىرلەيلى» دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆزنى ھەر ۋاقىت، ھەر زامان ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، رومان-پوۋېسىتلاردا ژورناللاردا بىزلەرگە ھەردەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. بەزىدە شۇنداق بىر خىياللار كاللامغا كېلىۋالىدۇ. بۇ ھايات ئىنسانغا چەكلىك بېرىلمەي، ھېچ بولمىسا 200 يىل بېرىلگەن بولسا، نېمە ئىشلار يۈز بېرەر بولغىيدى؟ ئەشۇ قىسقىغىنە 50-60 يىللىق ئۆمرىمىزنى تۈزۈك قەدىرلىمەي ياشاتقان بىز ئۇنچە ئۇزۇن ئۆمۈرنى قانچىلىك قەدىرسىز ئۆتكۈزۈۋېتەر ئىدۇق؟ مانا مەن، بۇ چەكلىك ھاياتتا يېرىم ئۆمرۈمنى ئۆتكۈزۈپ بوپتىمەن. قانچىلىك ۋاقتىم مەنلىك ئۆتتى؟ قانچىلىك ئۆمرۈمنى كەينىمگە قارىغىنىمدا ھەسرەتلەنمىگىدەك ئۆتكۈزەلىدىم؟ ئۆتۈپ كەتكەن شۇ ۋاقىتلىرىمغا قايرىلىپ ھەر قارىغىنىمدا، ھاياتىمنىڭ ئۇنچە مەنىلىك ئۆتمىگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۈمۈدىسىزلىك مېنى چۇلغىۋالىدۇ. مەن مۇشۇنداق ياشايدىغان ئىنسانمىدىم؟ نۇرغۇنلىغان ئارزۇ-ئارمانلىرىم، بۈيۈك غايىلىرىم بار، ئالدىمنى پولات تاغلار توسۇپ تۇرسىمۇ، ھاياتقا بولغان زور ئىشتىياقىم بىلەن ھەممىنى كۈكۈم تالقان قىلىۋېتىپ ئالدىمغا توختىماي ئىلگىرلىيەلىگىدەك جاسارەتلىك ئىدىم. مانا بۈگۈنگە كەلگەندە نېمە بولدى؟ ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتىمغا قايتا باققىنىمدا چەكسىز ئىپتىخارلىنىش ئەمەس ھەسرەتلىنىۋاتىمەن.
ئىنسان بۇ ھاياتتا ياشىغاندا ئەڭ ئازاپلىق ئىش، نىشانسىز بىر مەنزىلدە مېىڭىش بولسا كېرەك. ھاياتىمغا نۇرغۇن نىشانلارنى سىزىپمۇ باقتىم، سىزغان شۇ يوللىرىمدا ئۇچرىغان توساقلارنى يىمىرىپ تاشلاپ، باتۇرلارچە كۆرەش قىلىپ ئالغا سىلجىپمۇ باقتىم. لېكىن، مەن ئارزۇ قىلغان نىشانىمغا يېتىش بەسى مۈشكۈل بولدى. سەن ھاياتىڭدا ئارزۇلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جېنىڭنىڭ بارىچە تىرىشقان بىلەن زامان،ماكان، شارائىت سېنى چەكلەپ قويىدىكەن. سەن بۇ يولدا مېڭىۋېرىپ ھېرىپ قالىدىكەنسەن، ھارغانسېرى ئالدىڭدىكى نىشانىڭ غۇۋالىشىدىكەن، چارچايدىكەنسەن. بارا-بارا مەنزىلگە يېتىشتىن ئۈمدسىزلىنىدىكەنسەن. كېيىن ياشاۋاتقان مۇھىتىڭغا، ئىرادىسىزلىككە شۇنچىلىك كۆنۈپ كېتىدىكەنسەنكى، ئالغا سىلجىش ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ھەرىكەت قىلىشقا ئېرىنىدىغان ھالغا كېلىپ قالىدىكەنسەن.
ئەسلى سەن بىر جاسارەتلىك ئىنسان ئىدىڭ. ھاياتقا تولۇپ تاشقان ئىشەنچىڭ، ئۈمۈدۈڭ بار ئىدى. بۇ ئىشەنىچ، ئۈمۈد ھەممە-ھەممىنى يېڭىپ، سېنى مەنزىلىڭگە يەتكۈزەلىيىتتى. ئەمما سەن مەنزىلىڭنىڭ يېرىمىغا بارا-بارماي ھېرىپ قالدىڭ، ئەتراپىڭدىكى غۇۋالىقلارغا قاراڭ گاڭگىراۋاتىسەن، ئەسلى مەنزىلىڭنىڭ قايان ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيۋاتىسەن، سەن خۇددى قاراڭغۇ ئورمانلىقتا ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەي مېىڭىۋاتقاندەك، پۇتۇڭ قايسى تەرەپنى خالىسا شۇ تەرەپكە مېڭىۋاتىسەن، سېنىڭ ئەسلى مەنزىلىڭ بەكلا يىراقلاردا قېلىۋاتىدۇ، سەن بارغانچە ئۇنىڭدىن يىراقلىشىۋاتىسەن. پۇتلىرىڭ سېنى باشلىغان شۇ يوللارغا مېڭىپ باق! قېنى قانچىلىك ماڭالايسەنكىن؟ بەلكىم بىر يەرلەرگە بېرىپ ئەسلى مەنزىلىڭنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋاقتىڭدا قايتىپ كېلەرسەن؟ ماڭ، قېنى مېڭىپ باق! نىشانسىز مەنزىلدە مېڭىش بەكلا قىيىن، ئەشلى نىشانىڭنى تاپقان ۋاقتىڭدا ئۆزۈڭنى، ھاياتىڭنى تېپىپ قايتىپ كېلەرسەن.
جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 9 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    تىۋىش 2015-06-30 07:51

    يازمىڭىزنى ئوقۇپ ئۆزۈمنىڭمۇ بېرىلگەن ھاياتلىقنىڭ تېڭىسىنى قۇرۇق ئارزۇلار بىلەن ئۆتكۈزۈپ بولغانلىقىمنى، يەنە قانداقتۇر بىر ئىنىقسىز نىشانلارنى كۆزلەپ مېڭىۋاتقانلىقىمنى ھىس قىلىغىلىۋاتىمەن. راست، نىشانسىزلىق ئادەمنى بەكلا چارچىتىدۇ. بەزىدە تۇرۇپلا نەۋەجىدىن ئۆزۈمگە ئۇلۇغۋار نىشان-مەخسەتلەرنى تىكلىۋېلىشىم كېرەككەن، يارالمىشتىكى ئەسلى مۇرادنى ياخشى ئادا قىلىپ، دۇنيانىڭ غەۋغالىرىدىن يىراق، ئاددى-ساددا ياشىسام نېمىشقا بولمىغۇدەك دەپ ئويلاپ كىتىمەن. بەلكىم بۇ ئويلىرىم ھايتىمدىكى نىشانسىزلىقغا تاپقان چىرايلىق باھانەمدۇ. لېكىن ھېچقاچان ئۈمىدسىزلىنىپ باققىنىمنى بىلمەيمەن. دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز كۈلۈپتۇيۇ، يىغلاپتۇيۇ، يېقىلىپ-قوپۇپتۇيۇ، ئىشقىلىپ بىر ياشىمىقىمىز بار.
    ئۈمىدۋار بولىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن ھەردائىم، چۈنكى ئۈمىدسىزلىك شەيتاندىن دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ.

    ھە راست، بلوگىمنى ئۇلانما بېتىغا قېتىپ قويغان بولسىڭىز. يېڭىدىن ئېچىۋالغان بلوگ. سىزنىڭ بلوگىڭىزنى بۇرۇنلا ئۇلىنىش قىلىپ قويغان.

    جۇلالىق

    كەچۈرۈڭ، يېقىندىن بېرى تورغا چىقىشقا ۋاقتىم يار بەرمەي بلوگىڭىزنى ۋاقتىدا ئۇلىنىشقا قېتىپ قويالمىدىم. ئەمدى قېتىۋالدىم.
    بەزىدە شۇنداق تاتلىق خىياللار كاللامغا كېلىدۇ، يەنى مېنى ھېچكىم تونۇمايدىغان، ھېچكىم بېسىم قىلىپ ئاۋارە قىلمايدىغان جىمجىت قۇيۇق ئورمانلىقلارغا كىرىپ كەتسەم دەپ، لېكىن مەن ياشاۋاتقان بۇ تۇرمۇشتىن قېچىپ نەگىمۇ بارالايمەن، ئۆز رېئاللىقىمدىن، پېشانەمگە پۈتۈلگەن قىسمەتتىن قېچىپ قۇتۇلۇشۇم مۇمكىن ئەمەس، مانا بۇ ھاياتلىق.

  •   #2  

    نۇربەگ 2015-07-01 09:26

    نىشانسىز – مەنزىلسىز ھايات خۇددى كۈندۈرۈلمىگەن ياۋايى ئاتقا ئوخشايدۇ ئۇنۇڭدا نەگە بىرىش نەدە توختاش سىزىقى بولمايدۇ ، ئۇ ئاخىردا نىشانسىز غايىپ بۇلدۇ خالاس ، نىشانسىز ھاياتنىڭ ئىزناسىمۇ بولمايدۇ خالاس …
    قىنى قانچىلىكمىز مەن مەن دەپ نىشانى كىتىپ بىرىپ ئۈزگۈرۈپ بىرەر ئىشتا نەتىجە قازنالماي ئۈتۈپ كەتمىدۇق …؟

    جۇلالىق

    دېگىنىڭىزدەك بۇ ياۋا ئاتنى قانداق كۆندۈرۈش ساڭا باغلىق ئىكەن، بۇ شاش ئاتنى ئاستا-ئاستا پەپىلەپ كۆندۈرەلىسەڭ تەلىيىڭنىڭ كەلگىنى شۇ، ناۋادا ئۇنىڭ خۇي-پەيلىنى بىلەلمەي ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويساڭ ئۇ بېشىڭغا بالا بولىدۇ.

  •   #3  

    سالىھ بەگ 2015-07-13 07:27

    ھاياتتا نۇرغۇن ئارزۇلار ئۇمىدلەر بولىدىكەن . ئوتتەك ئىشتىياق قىزغىنلىق بولمىسا توسالغۇغا ياكى قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئادەم ئۇمىدسىزلىنىدىكەن . لىكىن قانداقتۇر كىتابتىكى بىرەر ئۈمىدتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىك توغرىسىدىكى سۆز ياكى ئاۋازلىق بىرەر سۆزنى ئاڭلاپ قالىدىكەنمىز ئادەمدە كۈچ قۇۋۋەت ھاسىل بولىدىكەن . ياپۇنيەنىڭ كارتونلىرىنى كۆرۈشكە ئامراقلىقىم ئەنە شۇنداق مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك . ئۈمىدىدىن ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىسىمۇ شۇ يولدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىك ، ئەڭ مۇھىم ئادەملىرى ئۈچۈن بولسىمۇ قەتئىي بوشاشماسلىق ئىددىيەسىنىڭ كۈچلۈكلىكىدە .

    جۇلالىق

    ‹‹ئىنسان قۇلاقتىن سەمرىيدۇ، ھايۋان تۇياقتىن›› دەپ ئادەم جەڭگىۋارلىقنى ئاشۇرىدىغان گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرسا باشقىچە قەيسەر بولۇپ كېتىدىكەن. خۇددى مايسىغا ھەر كۈنى سۇ قۇيۇپ تۇرمىسا بولمىغاندەك، ئىنسانمۇ روھىي ئوزۇققا مۇھتاج.

  •   #4  

    ئاقنۇر 2016-03-25 01:14

    توغرا ئېيتىسىز !بىز ھاياتىمىزدا نۇرغۇنلىغان نىشانلارنى تىكلەيمىز . ۋە شۇ نىشانلارغا يېتىش ئۈچۈن توختىماي تىرىشىمىز . ئەمما بىز شۇنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىز كېرەككى بىز تىكلىگەن نىشاننىڭ ئەمەلگە ئېشىش نىسبىتى قانچىلىك ؟ بىز زادى قانچىلىك ۋاقىت ، قانچىلىك زېھنى كۈچىمىزنى سەرىپ قىلغاندا ئاندىن ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز ؟
    بىزدە بۇ نىشاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن قانداق شارائىتلار ھازىرلىنىشى كېرەك ؟ مەن سىزلەرگە بىر كىتاپ تەۋسىيە قىلاي !
    ئەركىن سىددىق ئاكىنىڭ يېڭىدىن نەشىردىن چىققان« مۇۋەپپىقىيەت ۋە كىشىلىك تەرەققىيات » دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ بېقىڭ . نىشاننى قانداق تىكلەش توغۇرلۇق ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولالايسىز ..نىشان خاتا بولسا تىرىششىڭىز ، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەي ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىسىز ، شۇڭا نىشانىڭىز بولسۇن ، ئەمما نىشانىڭىز ، ئەمەلىيەتنى ، سىزنىڭ شارائىتىڭىزنى چىقىش قىلشان ئاساسىدا بولسۇن . قۇرۇق خىيال ، ئەمەلگە ئاشمايدىغان تەسەۋۇر ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆزىڭىز ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان نىشانىڭىز ئۈچۈن تىرىشىڭ !! شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەتراپىڭىزدىكى پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇشنى بىلىڭ . تەلەي دېگەن شۇ …

    جۇلالىق

    سىز تەۋسىيە قىلغان ئۇ كىتاپنى ئوقۇغانىدىم.
    ئەمما بىزنىڭ نىشانلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېىشىش يولىنى شارائىتلار توسۇپ قويۇۋاتىدۇ، لېكىن يەنىلا بىر ئىنساننىڭ ئېنىق نىشانى بولمىسا، بۇ ئۆمرىدە بىھۇدە ياشاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

  •   #5  

    ئاقنۇر 2016-03-25 01:16

    ئۇ كىتاپنى مەنزىل كتاپ ئامبىرىدىن چۇشۇرۋالالايسىز .