تۈر ۋە ھىندىستان فىلىملىرىگە نەزەر

تەسىرات ئۈنچىلىرى 2014-09-30 09:33 1,823 12

تۈر ۋە ھىندىستان فىلىملىرىگە نەزەر

filim

ئوننەچچە يىللار ئىلگىرى دىيارىمىزدا ھىندىستان فىلىملىرى قىزغىنلىقى قوزغالغاندىن بۇيان ھىندىستان فىلىملىرى ئارقا-ئارقىدىن تەرجىمە قىلىنىپ ھوزۇرىمىزغا سۇنۇلدى، بىزدەك كىنو مەستانىلىرىمۇ يېڭى فىلىملەرنى چۈشۈرۈپ قويماي كۆرۈپ ئۈلگۈردۇق. كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ، يەنى رەڭسىز تېلېۋىزورلاردا كىنو كۆرۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ كىنو كۆرسەم مۇنداقلا كۆرۈپ ئۆتۈپ كەتمەيمەن، بەلكىم بۇ مەندىكى تەبىئىي بار خۇسۇسسىيەت ئوخشايدۇ، بىرەر فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن شۇ فىلىمدىن ئازراق بىر نەرسىنى چۈشەنمىسەم ياكى مەلۇم بىر پىرسوناژغا قىزىقمىسام بۇنداق فىلىم مېنىڭ ئاخىرغىچە چىداپ كۆرۈشۈمگە مۇيەسسەر بولالمايدۇ. مەن كىنو كۆرۈشكە تازا قىزىققان ۋاقىتلار، ھىندىستاننىڭ كىنولىرى كۆپلەپ تەرجىمە قىلىنغان ۋە ھەممە يەردە ھىندىستان، شارۇلخان قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن ۋاقىتلار ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا يېشىمنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي كۆرگەن كىنولىرىم ئۈستىدە خېلى مۇلاھىزىلەرنى قىلاتتىم. ھىندىستاننىڭ كىنولىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ۋەقەلىكلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كېتەتتى. كىنودا چوقۇم يىگىت نامرات، قىز باي بولۇپ چىقاتتى. شۇنىڭ بىلەن قىز يىگىتى ئۈچۈن بارچە نەرسىلىرىدىن كېچىپ ۋىسال يولى ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتاتتى. لېكىن مەن دىققەت قىلىدىغان ئىنچىكە نۇقتا بۇ ئەمەس ئىدى. ھىندىستاننىڭ ھەر بىر كىنوسىنى كۆرسەم، قىز باي بولسۇن ۋە ياكى نامرات بولسۇن قىزغا ئاشىق بولغان يىگىت چوقۇم قىزنىڭ ئىززىتىنى، يەنى قىزنىڭ ئىپپىتىنى ساقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى. ھىندىستاننىڭ كىنولىرىدا قىزلارنىڭ ئىپپىتى جېنىدىنمۇ ئەزىز ئىدى. قىز قاچان ئۆز ئىپپىتىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن، ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتى تۈگەشكەن بىلەن باراۋەر ئىدى. يىگىتمۇ قىزنىڭ ئىپپىتى شۇنچە قوغدايىتتى ھەم ئۆزىمۇ قىز بىلەن توي ئوقۇپ توي قىلمىغىچە قىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە چېقىلمايىتتى.

ھەر بىر مىللەتنىڭ ئىشلىگەن فىلىملىرى شۇ دۆلەتنىڭ ئۆرپ-ئادەت، قائىدە-يوسۇنلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى باشقا مىللەتتىكىلەرگە تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىسىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن كىنولىرىدىن شۇ مىللەتنىڭ كۆپىنچە ئىشلىرىنى چۈشۈنىۋالغىلى بولاتتى.

ئىككى-ئۈچ يىلدىن بۇيان ھىندىستان، كورىيە فىلىملىرى دىيارىمىزدا مودىدىن قېلىپ، تۈر فىلىملىرى قىزغىنلىقى خېلىلا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. تۈر فىلىملىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن تەرجىمە قىلىنىپ نۇرغۇنلىغان فىلىملەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۇق. تۈر فىلىملىرى دەسلىۋىدە تەرجىمە قىلىنىپ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرگەندە كۆپىنچىمىز ئەسلى بىر مىللەت بولغان بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ فىلىملىرىنىڭ تەرجىمە قىلىنغانلىقىدىن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈشكە مۇيەسسەر بولالغانلىقىمىزدىن بەكلا خۇشال بولغانىدۇق. تولىمۇ ئەپسۇس، بۇ خۇشاللىقلار ئۇزاق ئۆتمەي كۆپۈككە ئايلىنىپ كەتتى. بەلكىم مەندەك خىيال پەرەسلەر شۇنداق ئويلايدىغاندۇ، يەنە نۇرغۇن كىشىلىرىمىز باشتا خۇشال بولغان خۇشاللىقلىرى بىلەن ئېغىزىنى تاتلىق ئېتىپ يۈرۈيدىغاندۇ. لېكىن مەندەك خىيال پەرەسلەرنى تۈر فىلىملىرى بەكلا ئۈمۈدسىزلەندۈرۈۋەتتى. تۈر فىلىملىرىدىكى ئەسلىدىكى تۈرنىڭ ئۆرپ-ئادەت، قائىدە-يوسۇنلىرىدىن قىلچىلىكمۇ ئەسەر قالمىغانلىقىغۇ بىر يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى، ئۆرپ-ئادەتلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ياۋرۇپاچە ئۇسلۇپقا ئۆزگىرەپ بولغانىدى. مېنى ئەڭ ئۈمۈدسىزلەندۈرگىنى، تۈر قىز-يىگىتلىرىنىڭ ئۆز ئىپپەت-غۇرۇرىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىكى بولدى. تۈرنىڭ قايسىلا كىنولىرىغا قاراڭ، قىزلار ئۈچۈن ئىپپىتىنى يوقىتىش ھېچقانچە گەپ ئەمەس ئىدى. يىگىتلەرمۇ قىزلارنىڭ ئىپپىتىگە ئۇنچە بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيىتتى. توي قىلىشتىن بۇرۇن بىللە تۇرۇش ئۇلار ئۈچۈن ھەم ھەر ئىككسىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۈچۈن ئادەتتىكىدەك ئىشقا ئايلىنىپ كەتكەنىدى.

ھىندىستان كىنولىرىدا مۇنداق بىر كۆرۈنۈش چىقىدۇ، قىز باشقا بىر يىگىت بىلەن توي قىلماقچى بولۇپ ئاتا ئانىسى باشقا يىگىتكە مەجبۇرلاپ توي قىلىپ بەرگىلى قوپقان ۋاقىتتا، قىز بىلەن يىگىتكە نىكاھ ئوقۇپ بولغان بولسا بۇنداق توينى بۇزۇش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى قىز ئاللىقاچان باشقا بىرسىنىڭ نىكاھىغا ئۆتۈپ بولغان بولىدۇ. مەن بۇ يەردە قىزنى زورلاپ توي ئوقۇپ قويسا بولۇۋېرىدۇ دېمەكچى ئەمەسمەن، بەلكى ئۇلارنىڭ تويىنىڭ رولىغا بەكلا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتمەكچى خالاس.

تۈر فىلىملىرىدىن بۇنداق كۆرۈنۈشنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس. قىز-يىگىت قالايمىقان ئارلىشىپ خېلى ئۇزۇندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئادىتىگە يات توي مۇراسىمىدىن بىرنى ئۆتكۈزۈپ قويسىلا كۇپايە. بۇنى ھەر ئىككى تەرەپ ناھايىتى ئاسانلا قۇبۇل قىلىدۇ.

خۇلاسە كالام، دېمەكچىمەنكى، ھەر كاللىدا ھەر خىيال، ھەر بىر نەرسىنىڭ ھەر ئادەمگە بەرگەن تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ، بەلكىم نۇرغۇنلىرىمىز مەن خىيالپەرەستەك قالايمىقان خىياللارنى قىلمايلا شۇ كىنودىن ئۆزى ھېس قىلغانچە ھوزۇرلارنى ئېلىش مۇمكىن. بىزلەر قىممەتلىك ۋاقىتىمىزنى چىقىرىپ كۆرۈۋاتقان شۇ فىلىملەر بىزلەرگە نېمىلەرنى بېرىۋاتىدۇ؟ بىز نېمىلەرنى يوقىتىپ قويۇۋاتىمىز؟ ئۇلارنىڭ قايسى ئادەتلىرى تۇرمۇشىمىزغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ بولدى؟ دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ باقىدىغان ۋاقىتلىرىمىزمۇ كېلىپ قالغاندۇر بەلكىم…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 12 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    نەفىسە 2014-10-07 03:21

    بۇ تەرەپلەرگە ياخشى دىققەت قىلىپسىز.تۈنىڭ نۇرغۇن فىلىملىرىدە ئۆزىنىڭ ئۇرپ -ئادىتىنى ئەمەس ياۋرۇپا مەدەنيىتىنى كۆپرەك ئۇچۇرتىمىز .بۇلۇپمۇ ئۇلارنىڭ قىز- ئاياللارنىڭ ئىپپتىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.تۈ فىلىملىرىدىن مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى ئۇچۇرتۇش تەس .ياكى تۇركىيەدىكى ياشلار يىڭىلىقنى تىز قوبۇل قىلىپ ياۋرۇپالىشىپ كەتتىمۇ ؟……..
    شۇڭا تۈ فىلىملىرىنى كۇرۇش مەن ئۇچۇن ۋاقىت ئىسراپ قىلىش دەپ قارايمەن .ئۇنىڭ ئورنىغا ياخشىراق كىتاپتىن نەچچىنى ئۇقۇغان ياخشى .

    جۇلالىق

    ئەسلى تۈ ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلىغان ئاساستا فىلىملەرنى ھوزۇرىمىزغا سۇنغان بولسا، ئەشۇ فىلىملەردىن بىزلەرمۇ ئانچە-مۇنچە بىر نەرسىلەرنى ھېس قىلار ئىدۇق.
    مەنمۇ تۈ فىلىملىرىغا پەقەتلا قىزىقمايمەن، بەزىدە مەلۇم بىرەر فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى يېقىپ قالسا كۆرۈپ قويىمەن خالاس.

  •   #2  

    دون_ئەپەندى 2014-10-08 07:14

    مەنمۇ سىزدەك ئوخشاش قاراشتا!
    بۇرۇنلاردا ھىندىستان فىلىملىرىنىڭ يېڭى ئاۋازغا كىرىشتۈرۈلگەن قانداقلا بىر فىلىمى بولسا بەس_بەستە سرتىۋېلىپ كۆرۈپ كىتەتتۇق ھەم بلوگلاردىمۇ شۇ ھىندى چولپانلىرىنىڭ ياقتۇرغان رەسىملىرىنى چىقىرىشمۇ مودا بولۇپ كەتكەن…..
    ھىندىستاننىڭ فىلىملىرىدىكى تولىراق مەزمۇنلار ئوخشاش، مۇھەببەت ئۈچۈن پوتلىسىنى ئېقىتىپ سەۋدايىلارچە ئاشىق مەجنۇنلار……..
    شۇنداق بولسىمۇ شۇنچە ياقتۇرۇپ كۆرەپتىكەنمىز!
    تۈ فىلىملىرىنىڭ كۆرۈشكە تىگىشلىكلىرى ساناقلىقلا!
    قالدىللىرى شۇ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى
    ياۋرۇپاچىلىقنى تەرغىپ قىلغان،چاكىنا ئادەتلەر كۆپرەك،
    قېرى ياش ھەممىسى جانان ئىزدەپ يۈرەمدىكىن تاڭ!
    تازا خوشۇم يوققۇ زادى
    شۇڭا غەيۋەت قىلغان بولۇپ قالماي….
    قالغىنىنى كېيىنچە ئىنكاسلارغا قاراپ دەي

    جۇلالىق

    ئەينى ۋاقىتلاردا بىزلەرنىڭمۇ تەپەككۇرلىرىمىز ئاددىيلا بولغاچقىمۇ ھىندىستاننىڭ فىلىملىرىنى زوقمەنلىك بىلەن كۆرۈپتىكەنمىز، ھازىر شۇ ۋاقىتلارنى ئويلىسام ئۆزۈمچىلا كۈلۈپ كېتىمەن.
    تۈنىڭ فىلىملىرىدىن كۇر ۋادىسى ۋە ئىنتىقام فىلىمىدىن باشقا بىرەر فىلىمنى چىداپ ئولتۇرۇپ كۆرۈپ باقمىدىم. يېڭىدا تەرجىمە قىلغان ئىنتىقام فىلىمى مېنى ۋەقەلىك ۋە رول ئېلىش جەھەتتىن ئالاھىدە قىزىقتۇرغاچقا قالدۇرماي كۆرۈۋاتىمەن. كۇ ۋادىسىنىغۇ ئىز قوغلاپ كۆرۈۋاتقىلى نەچچە يىل بولدى.
    تۈنىڭ باشقا فىلملىرىدىكى ۋەقەلىكلىرىنى سوزماقتەك سوزۇشلىرىدىن بەكلا بىزارمەن. شۇڭا كۆرۈش خوش ياقمايدۇ.

  •   #3  

    چاشقان 2014-10-21 00:50

    مەن كىنو كۆرۈشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن.ئەينى ۋاقتلاردا ھىندىستان كىنولىرى بەك مودا بولغاندا كىنونى ساراڭلارچە كۆرىدىغان ئەھۋال شەكىللەندى، نۇرغۇنلار شاھرۇلخان دېسە تونۇمايدىغىنى قالمىدى؛ بىر چاغلاردا كورىيە كىنولىرى ئۆزىنىڭ بىزنىڭ قېلىپىمىزغا يات كىنولىرى بىلەن بىر يېڭى دولقۇن قوزغىدى ۋە بۇ جەھەتتە ئاساسەن مەقسىتىگە يەتتى. ئەمدى تۈ كىنولىرى كېسەل ۋىرۇسلىرىدەك يامراشقا باشلىدى. مەن كىنىونى مەدەنىيەت تارقىتىشتىى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاستە دەپ قارايمەن.

    جۇلالىق

    نىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئېسىل مەدەنىيەتلىرىنى تارقاتسىغۇ مەيلىدى، ياۋروپانىڭ ناچار مەدەنىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۈركىيەنىڭ كىنولىرىدىن قۇبۇل قىلىۋاتىمىز.
    بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، ئۇيغۇر مىللىتىدىن باشقا مىللەتلەرمۇ سىرىتقى ئامىللارنى مۇشۇنداق تېزلا قوبۇل قىلامدىغاندۇ؟ ياكى بىزنىڭ سىرىتقى نەرسىلەرگە بولغان قىزىقىشىمىز بەكلا يۇقىرىمۇ؟

  •   #4  

    ھايات 2014-10-27 01:04

    مىنىڭ قىززقىپ كۈردىغان فىلىم ئاساسەن كۇ ۋادىسى، باشقىسىغا ۋاقىت چىقىرالمىدىم .
    ماڭا بولسا ۋەقەلىكى كەسكىن ئادەمنى ئويغا سالالايدىن فىلىم بولسا كۈرمەن ، بىشىنى كۈرۈپ بولغۇچە ئاخىردا نىمىش بولدىغىنى ئىنىق فىلىملەرگە خۇشۇم يوق.

  •   #5  

    نىلائاي 2014-10-28 04:28

    قەتئىي خوشۇم يوق ئىشنىڭ بىرى كىنو كۆرۈش

    جۇلالىق

    كىچىكىمدىن كىنو كۆرۈشكە ئامراق ئىدىم، ھازىرمۇ ۋەقەلىكى ئادەمنى ئويلاندۇرغىدەك كىنولار بولسا كۆرۈپ قويىمەن.

  •   #6  

    سالىھ بەگ 2014-11-14 10:01

    ھىندىستان كىنولىرىنىڭ بۇرۇن كىچىك ۋاقتىمىزدا بىرنى قويسا 10كىلومىتىر يەگە ئۈچۈشلىرىنى ھەجەپ لاۋزىكەن دەپ كۆرەپ كىتىتۇق . ھەم سىز دىققەت قىلغاندەك يەرلەرگە كىنونى ھەقىقى چۈشۈنۈپ كۆرىدىغانلار دىققەت قىلىدۇ دەپ قارايمەن . لىكىن سىزگە ئوخشاشلار ناھايىتى ئاز . قىزلار قارىغۇلارچە چولپانغا چوقۇنسا ئوغۇللار ئۇرۇشۇشلىرىنى دوراپ .
    ئەمدى تۇ كىنولىرىنىڭ مەن ئەڭ ياقتۇرمايدىغىنى بەكلا قىزىىق قان . ھەم ئاغزىدىن جاجاڭنى بەرسۇن دىگەن قاغىش سۆزلەر . ئۆزۇم ئۆزبىك بولغانلىقىم ئۈچۈنمىكى بىزلەرنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ بىشىڭغا پۇل ياغسۇن دىگەندەك تىللاش سۆزلىرىنى ياقتۇرمەن . كىنولىرىدا تىخى دەپ تاماكا چەككەندەك ئاغزىدىن چىققان گەپ بىلەن قىلغان قىلىقى باشقا باشقا . ھەقىقەتەن ياۋروپالىشىپ كەتكەن دۆلەت . لىكىن يىزا كەنت دىگەن يەرلىرى يەنىلا بىزنىڭ دىيارىمىزغا ئوخشاش .. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا نىڭ ئاساسلىق كىنو خەۋەر ئىشلىرى يەھۇدىنىڭ قولىدىمىش … شۇڭا نىڭ يۇزىنى تۆكىدىغان سەلتەنەتلىك يۇز يىلدەك كىنولارنى جىق ئىشلەپ قىپتىمىش دەپ ئاڭلىدىم . ھەممە ئىچىۋىتىلگەن شەھەر . بەلكىم شۇنداقتۇ .

    جۇلالىق

    ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىپ كۆرگەن شۇ كىنودىن ئازراق بولسىمۇ مەنىۋىيتىمىزگە ياخشى ئوزۇقلارنى ئالالىساق ئىدۇق، شۇ ۋاقىتنىڭ سورىقىدىن ئازراق بولسىمۇ ئاسان چىقار ئىدۇق. لېكىن ھازىرقى كىنولار روھىيىتىمىزنى زەئىپلەشتۈرۈشتىن باشقىغا يارىمايۋاتىدۇ.

  •   #7  

    سالىھ بەگ 2014-12-29 21:55

    شۇنداق . مەن شۇڭا جىق كىنومۇ كۆرۈپ كەتمەيمەن . كۆرىدىغىنىم يىڭى چىققان ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن فانتازىيە فىلىملىرى . مەن ئۇلارنىڭ تىخنىكىلىرىدىن ھوزۇرلۇنۇش ئۈچۈن كۆرىمەن . يانا بىرسى ياپۇنيەنىڭ كارتونلىرى ….ھەم مەنىلىك ، ھەم كىشىگە يىقىشلىق . يانا نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقى بار …….