بالىلارنىڭ قەلبىدىكى غايىۋى قەھرىمان «ئەلى»

بالىلارنىڭ قەلبىدىكى غايىۋى قەھرىمان «ئەلى» تۈركىيە ئىشلىگەن «ئادانالىق رازۋىتچىك چاكىر» فىلىمىنى ئۇيغۇرلاردىن كۆرمىگەن ئادەم بەكلا ئاز دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بۇ فىلىمنىڭ ئاخىرىسى تەرجىمە قىلىنىپ كېلىپ بولغىچە كۆپىنچىلەر ئىچى تىتىلداپ بىئارام بولۇپ كېتىدىكەن. ئەمدى بۇ فىلىمنىڭ بىزلەرگە بولغان تەسىرى يەنە كېلىپ ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەسىرى توغرىلىق ئازراق توختالغۇم كەلدى. چۈنكى قايسى كۈنى ھەدەمنىڭ ئوغلىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ […]

ئانام ياققان نان

ئانام ياققان نان ئانا، سەن ياققان ناننى، سېنىڭ ئەجرىڭ سىڭگەن ئاشۇ مەززىلىك نانلارنى شۇنداق يىگۈم كەلدى… كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن خېمىرىنى يۇغۇرۇپ يېقىپ بەرگەن نانلارنى يەپ چوڭ بولغانىدىم. ھەر قېتىم سەن نان يېقىش ئۈچۈن چوڭ داسلاردا خېمىرلارنى كۈچەپ يۇغۇرۇۋاتقانلىرىڭدا چېكەڭدىن تەر چىقىپ كېتەتتى. لېكىن سەن ھېرىپ قالدىم دېمەي ئىككى-ئۈچ داسنىڭ خېمىرىنى يۇغۇرىۋېتەتتىڭ. […]

بالىلىقىم

بالىلىقىم بالىلىق دېگەندە ماندا ياشايمىز……… كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا بەكلا كەپسىز ئىدىم، لېكىن دەرەخكە يامىشالمايدىغان بىر كەمچىللىكىم بار ئىدى.ئۆزۈم سەل ئوغۇل بالا مىجەز بولغاچقا دائىم نەۋرە ئاكىلىرىم بىلەنلا ئوينايدىغان، نەۋرە ھەدىلىرىم بىلەن (سوبو) ئويناپ قوياتتۇق. بۇنى باشقا يەرلەردە نېمە دەيدۇ ئۇقمايدىكەنمەن، قىشلىق تەتىل بولسىلا بىزگە بوپ بېرەتتى. بىر كۈنى ھەدىلىرىم بىلەن 6-7 بالا نامازدىگاھلىقتا سوبو ئويناش […]

ئۆكسۈش

ئۆكسۈش بىر دوستۇم كىتاب سورىغانىدى. شۇ كىتابنى ئىزدەپ يۈرۈپ قولۇمغا «كەرىمە نادىر»نىڭ «ئۆكسۈش» رومانى چىقىپ قالدى. بۇ كىتابنى خېلى بۇرۇن ئوقۇغانىدىم. بۈگۈن مۇنداقلا ۋاراقلاپ كۆردۈم. كىتابتىكى بەزى ۋەقەلىكلەر ئېسىمدىن كەچتى. بۇ كىتابنى تۇنجى ئوقۇغان ۋاقتىمدا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان يېرى نالەننىڭ ئېرى ئىلھامى بەيگە بولغان ساداقىتى ئىدى. كەنان، نالەنگە مۇھەببىتىنى شۇنچە ئىزھار قىلسىمۇ، نالەن، كەناننى […]

تۆت بۇرادەرنىڭ سۆھبىتى

تۆت بۇرادەرنىڭ سۆھبىتى بىر كۈنى كەچتە، چېكىت، پەش، سوئال، ئۈندەش قاتارلىق تۆت بۇرادەر ئۆز رولى ھەققىدە قىزغىن بەس-مۇنازىرە قىپتۇ، بۇ مۇنازىرىدە بىرىنچى بولۇپ ئۈندەشجان سۆز ئېلىپ: ــ ئاڭلاڭلار، ھەي بۇرادەرلەر، خالايىق! مەنىسىز ھېچقانداق ئەسەر ئۆزنىڭ بەدىئىي قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. مەن پۈتمەس-تۈگىمەس ھاياجانغا تولغانمەن، شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرەلەيمەن، ئۇلاردا كۈچلۈك مۇھەببەت، غەزەپ-نەپرەت قوزغىيالايمەن؛ ئەگەر مەن بولمىسام، […]