تەشۋىقات جېڭى ۋە ئەجىر ئىسراپچىلىقى

تەشۋىقات جېڭى ۋە ئەجىر ئىسراپچىلىقى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى يەكشەنبە، كىچىككىنە بۇ شەھەرنىڭ كوچىلىرى بەكلا ئاۋاتلىشىپ كەتكەن، ئادەملەر ئىتتىرىشىپ دېگىدەك، ھەممىسى ئالدىراش بازار ئايلانماقتا. بازارنىڭ كىرىش ئېغىزىغا كېلىشىمگە 22 ياشلاردا بار بىر قىزچاق قولۇمغا مەلۇم بىر دوختۇرخانىنىڭ تەشۋىقات دەپتىرى ھەم كارتىسىنى تۇتقۇزۇپ قويدى. يولۇمنى داۋاملاشتۇرغاچ بىر كۆزۈم مېڭىۋاتقان يولۇمدا (باشقىلارغا ئۇرۇلۇپ كەتمەي دەپ) بىر كۆزۈم قولۇمدىكى […]

كىتاپخانا ھەققىدە پاراڭلار

كىتاپخانا ھەققىدە پاراڭلار مەلۇم بىر تارىخىي ۋەقەلىكنى تولۇق چۈشۈنەلمەي، بىر كىتاپتا شۇ تارىخقا ئائىت ماتېرىيال بارلىقىنى ئاڭلاپ شۇ كىتاپنى ئىزدەپ بارمىغان كىتاپخانام قالمىدى. بىزنىڭ بۇ كىچىككىنە شەھەردىغۇ ئۇنچە كۆپ كىتاپخانىمۇ يوق. شۇ نەچچىلا كىتاپخانا بار. دائىم كىتاپ سېتىۋالىدىغان «بۇلاق كىتاپخانىسى»غا كىرىپ تاس قالدىم كىتاپ جازىسىدىكى بارلىق كىتاپلارنى ئاختۇرۇپ چىققىلى يەنىلا يوق. نەچچە ئاي ئىلگىرى خوتەندە […]

ئەخلەت يىغقۇچى بوۋايدىن تىلەمچى يىگىتكىچە

ئەخلەت يىغقۇچى بوۋايدىن تىلەمچى يىگىتكىچە شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات بازىرىنىڭ بۇ كوچىسىدىن ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ئۆتىمەن. بۇ كوچىدىن ھەر كۈنى مېڭىۋەرگەچكىمۇ ئەتراپتىكى نەرسىلەرنىڭ قەيەرگە ئورۇنلاشقانلىقىدىن تارتىپ ھەممە نەرسە ماڭا تۇنۇشلا بولۇپ كېتىپتۇ. ھەر كۈنى ئىشىمغا سەھەر ماڭىمەن، بەكلا ئەتىگەن ماڭغاچقا يولدا ئىشلەمچى بازىرىغا كېتىۋاتقان ئىشلەمچىلەردىن باشقا ئادەملەر ئۇنچە ئۇچرىمايدۇ. بىزنىڭ بەك تەرەققىي قىلمىغان بۇ شەھەرنىڭ […]

خوجايىن ۋە خىزمەتچى

خوجايىن ۋە خىزمەتچى ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپلا بېكەتنىڭ ئۇدۇلىسىدىكى بىر تاللا دۇكىنىغا كىردىم. بۈگۈن ئالىدىغان نەرسىلىرىم جىددىيراق بولغاچ نەرسە-كېرەكلەرنى قايسى دۇكاندىن ئالسام بولار دەپ تاللاپمۇ ئولتۇرماي كىرىۋەردىم. كىرىپ شاكىلاتلاردىن ئازراق ئېلىپ بولۇپ قۇتىلىق بەرەنگە قەلەمچىسىدىن ئىككى قۇتا ئالاي دەپ خېلى ئىزدىگەن بولساممۇ ھېچ تاپالمىدىم. بەرەنگە قەلەمچىسىنى ئىزدەپ پۇكەيدىكى نەرسىلەرگە قاراۋاتسام سەل نېرىدىراق بىر قىزچاق ماڭا قاراپ تۇرىدۇ. […]

مۇھتاجلىق ھەققىدە پاراڭلار

مۇھتاجلىق ھەققىدە پاراڭلار 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى يەكشەنبە ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ جامىئە مەسچىتنىڭ ئالدىدىكى يولدىن ماڭدىم. بۇ يولدىن بۇرۇن نۇرغۇن قېتىملاپ ماڭغان بولساممۇ ئانچە دىققەت قىلمىدىممۇ تاڭ، بۈگۈن يول بويىدىكى ھەر خىل مەنزىرىلەر دىققىتىمنى تارتتى. بەلكىم بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ يولدىن يەكشەنبە كۈنلۈكتە مېڭىپ باقمىغان بولسام كېرەك. خوتەن چوڭ جامىئەسى شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ جامىئەنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە […]

خاتالىق ئەردىمۇ ياكى ئايالدا؟

خاتالىق ئەردىمۇ ياكى ئايالدا؟ ئاجرىشىش مەسلىسى بۈگۈنكى كۈندە ھەممە ئائىلىلەرگە ۋابادىن تېز تارقىلىۋاتىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدا كىيىم-كېچەك مودا بولۇۋاتقاندەك ئاجرىشىشمۇ مودا بولدى دېسەك ئارتۇق كەتمەسلىكى مۇمكىن. ئاتالمىش ئۈچىنچى شەخىسنىڭ ئارىغا قىستۇرۇلىشىلىرى ۋە ئەر-ئاياللار بىر-بىرىگە سەۋرىچان بولالماسلىق، ئالدىراڭغۇلۇق قىلىشىتەك بىر قاتار ئىشلار بىلەن ئۆز ئەتراپىمىزدىكى يېقىنلىرىمىز، دوستلىرىمىزنىڭ بەخىتلىك ئائىلىرى ۋەيران بولىۋاتىدۇ. قارا كۆز سەبىلەر يېتىملىك دەردىنى تارتىۋاتىدۇ. […]

دادا، مېنى قاچان بالام دەيسەن؟!

دادا، مېنى قاچان بالام دەيسەن؟! (ھېكايە ) قادىر بىلەن ئارزۇگۈلنىڭ توي قىلغىنىغا بىر ھەپتە بولدى،بۇ ئىككەيلەن چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە ماقۇللىقى بىلەن توي قىلغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئائىلىسى بەخت ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتەتتى.قادىر مۇشۇ مەھەللىنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدىكى يېزا بازىرىنىڭ دوقمۇشىدا بىر كىچىك دۇكاندا تۆمۈرچىلىك قىلاتتى،بۇ ھۈنەر ئۇنىڭغا ئاتىسىدىن مىراس قالغان. قادىر بۇ ھۈنىرى بىلەن ئاساسلىقى دېھقانلار ئىشلىتىدىغان […]