بالىلىقتىكى ھېيىت خۇشاللىقلىرىم

بالىلىقتىكى ھېيىت خۇشاللىقلىرىم ھېيىت ئۆتۈپ كەتكىلى خېلى ۋاقىتلار بولسىمۇ، لېكىن شۇ ھېيىتنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بالىلاردىكى ئۆزگۈرۈشلەر، ھېسسىياتلار خىيالىمدىن زادىلا نېرى كەتمىدى. بالىلىق دەۋرىمدىكى ھېيىت كېلىش ئالدىدىكى تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز خۇشاللىقلارنى خىيال قىلىدىم. ئۇ ۋاقىتلاردا ھەممە نەرسە ئەتىۋار بولۇپ، پۇلنىڭمۇ، كىيىم-كېچەكنىڭمۇ قىممىتى بار ئىدى. ھازىرقى بالىلارغا تەييارلاپ بەرگەندەك، باشتىن-ئاياغ بىر پۈتۈن كىيىم ئەپ بېرىدىغان ئىشلار نەدە، ئايىغىمىز كونىراپ […]

شۇنداق بىر كۈنلەردە ياشاۋاتىمەن…

شۇنداق بىر كۈنلەردە ياشاۋاتىمەن… ئەتراپىمدا نۇرغۇن ئىنسانلار بار، مەن ، ئادىمىزات يوق چۆلدە ياشاۋاتقاندەكلا تەنھامەن. كىملەرنىدۇ توۋلىغۇم، كىملەرگىدۇ دەرتلىرىمنى ئېيتقۇم بار. خۇددى قەلبىمدىكى سىرلىرىمنى بىرسىگە دەپ بەرسەم يېنىكلەپ قالىدىغاندەك، ھەممە بۇرۇقتۇمچىلىقتىن قۇتۇلىدىغاندەكلا ئەتراپتىكىلەرگە تەلمۈرۈۋاتىمەن. مېنى چۈشۈنىدىغان، ماڭا سىرداش بولىدىغان ئادەم ئىزدەۋاتىمەن. ئەپسۇس، ھەممە ئادەم شۇنچىلىك ئالدىراش كېتىۋاتىدۇكى، بۇلار نېمىگە ئۇنچە ئالدىراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى بەلكىم ئۆزىمۇ بىلمەسلىكى […]

نىشانسىز مەنزىل

نىشانسىز مەنزىل «بۇ ھايات چەكلىكتۇر، چەكلىك بۇ ھاياتنى قەدىرلەيلى» دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆزنى ھەر ۋاقىت، ھەر زامان ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، رومان-پوۋېسىتلاردا ژورناللاردا بىزلەرگە ھەردەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. بەزىدە شۇنداق بىر خىياللار كاللامغا كېلىۋالىدۇ. بۇ ھايات ئىنسانغا چەكلىك بېرىلمەي، ھېچ بولمىسا 200 يىل بېرىلگەن بولسا، نېمە ئىشلار يۈز بېرەر بولغىيدى؟ ئەشۇ قىسقىغىنە 50-60 يىللىق ئۆمرىمىزنى تۈزۈك […]

مۇزلىغان يۈرەك

مۇزلىغان يۈرەك ھاۋا بارغانسېرى ئىللىۋاتىدۇ، ھاۋا شۇنچە ئىللىغانسېرى مەن مۇزلاۋاتىمەن، ياق، مەن ئەمەس يۈرىكىم مۇزلاۋاتىدۇ، يۈرىكىمنى ئىللىتىش ئۈچۈن قەيەردە ئىسسىق بولسا شۇ يەرنى ئىزدەۋاتىمەن، مەن يۈرىكىمنى ئىللىتىماقچى بولغانسېرى، يۈرىكىم ئاستا-ئاستا ھېچنەرسىنى سەزمەس بوپ قېلىۋاتىدۇ. يۈرىكىم قاچاندىن بېرى بۇنداق سوغۇق مۇزلايدىغان بوپ قالدى، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئىنسان بەدىنىدە ئەڭ ئىسسىق ئەزانى يۈرەك دەيدىكەنۇ، بىراق، مېنىڭ يۈرىكىم ھەممىدىن […]

يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك

يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك مانا ھەش-پەش دېگۈچە 2015-يىلى كىرە-كىرمەيلا باھار پەسلىنىڭ ئاخىرقى ئېيىمۇ كەپ قالدى. تەكلىماكاننىڭ باغرىدىكى بىزنىڭ بۇ يۇرتنىڭ باھار پەسلى باشقا يۇرتلارنىڭكىدىن بەكلا پەرىقلىق. كۆپىنچە كۈنلەرنى چاڭ-توزانلار بىلەن كۈتۈۋالىمىز. بۈگۈنمۇ ھاۋا بەكلا ناچار. بۇلۇتلار ئۆزىگە قۇم-بورانلارنى سۈمۈرۈپلىۋالغاندەكلا بەك دۇغا، قارىغان ئادەمگە ھۇزۇر ئەمەس كۆڭۈل غەشلىكى ئاتا قىلاتتى. ئۆيدە ئولتۇرۇۋېرىپ، ئىچىم سىقىلىپ، قايسى كۈنى ئاتايىن […]

قار ياققان ئەشۇ كۈنلەردە

قار ياققان ئەشۇ كۈنلەردە ئەتىياز كىرىشىگىلا نېمىشقىدۇر بىر خىل غېرىپلىق بېسىپ قالدى، كۈز بىلەن ئەتىياز مەزگىللىرىدە سەندىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان يېقىنلىرىڭنى باشقىچە سېغىنىپ قالىدىكەنسەن. دەل-دەرەخلەرنىڭ بىخ چىقىرىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ، بىزدىن ئايرىلغىلى بەكلا ئۇزاق بولغان دادامنىڭ قىش كۈنلىرىدىكى سىمالىرىنى ئەسلەپ قالدىم. قېلىن قار ياققان كۈنلىرى، دادام ئۇزۇن پاختىلىق چاپىنىنى كىيىپ، بېشىغا قاما تەلپىكىنى چۆكۈرۈپ كىيگىنىچە، خۇرۇم مەسە […]

خاتىرەمنى يوقاتقۇم بار

خاتىرەمنى يوقاتقۇم بار كىچىك ۋاقىتلىرىمدا تېلېۋىزورلاردا بىرەرسىنى ماشىنا سوقۇۋېتىپ ياكى بىرەر ھادىسىگە ئۇچراپ ۋاقىتلىق ياكى مەڭگۈلۈك خاتىرىسىنى يوقاتقان كۆرۈنۈشلەرنى تولا كۆرەتتىم، نېمىشقىدۇر بۇنداق خاتىرىسىنى يوقىتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەستەك، بۇ كىنودىكى رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كۆرۈنۈشتەك بىلىنەتتى. مانا ھازىر چوڭ بولدۇم، كىنودىكى نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەرنىڭ رېئاللىقتىكى ئىشلارغا ئاساسەن ئىشلىنىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم. ھەمدە خاتىرىسىنى يوقىتىشنىڭ ئەمەلىيەتتە بولىدىغانلىقىنى ئەتراپىمدىمۇ ئۇچراتتىم. […]