نىران خانىدانلىقى(12)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (12) ئايچىۋەر ئوردىدىكى ئىشلارنى بەك بىلىپ كەتمىسمۇ ۋەزىرلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى بويىچە ھەر ھالدا ياخشى قىلىۋاتاتتى. ئايچىۋەر سەل بىكار بولۇپ قالسىلا ئارسلان ئۇنى ھەربىي مەشىقلەرنى قىلدۇراتتى. ئارسلان بىر ئەلگە پادىشاھ بولغان ئادەم ھەممە جەھەتتىن يېتىشمىسە بولمايدۇ دەپ قارىغاچقا ئايچىۋەرنى مەشىق قىلدۇرۇشتا بەكلا قاتتىق قول ئىدى. ئايچىۋەر ھېرىپ قالدىم دېگەنگىمۇ ئۇنىماي قىيىن مەشىقلەرنى […]

نىران خانىدانلىقى(11)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (11) ئەتىسى خان ئوردىسى جىددىي تۈسكە كىردى. تۈنۈگۈن ئايچىۋەر ئوردىدىكى بارلىق ۋەزىرلەرگە ئەتە مۇھىم ئىش بارلىقىنى بىرەرسى باھانە سەۋەب كۆرسىتىپ كەلمىسە ئېغىر جازا بېرىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق يارلىق چۈشۈرگەنىدى. ھەممەيلەن يىغىلىپ بولدى. ئايچىۋەر شاھلىق تەختىنىڭ يېنىدا قولىدا خانلىق شەمشەرنى تۇتقان پېتى تۇراتتى. تەخىتنىڭ سول تەرىپىدە پىشقەدەم ۋەزىر ئابدۇراھمان بار ئىدى. تۆۋەندە بولسا ۋەزىرلەر […]

نىران خانىدانلىقى(10)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (10) ــ خىزمەتكار قىزدىن سورىسام سىزنى مۇشۇ يەردە دېدى، رۇخسىتىڭىزنى ئالمايلا كىرىۋەردىم،ــ ئارسلان ئايچىۋەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. ــ كېرەك يوق، بىز ئاكا-سىڭىل تۇرساق رۇخسەت سوراپ كىرىش كېتەمدىكەن؟،ــ ئايچىۋەرنىڭ كۆزلىرىگە يىغا ئولاشتى. ــ كەيپىياتىڭىز قانداقراق؟ ئىنسان ئاجىز كېلىدىكەنمىز تەقدىرىمىزگە يېزىلغاننى كۆرمەي ئامال يوقكەن،ــ دېدى ئارسلان ئاسمانغا كۆزىنى تىكىپ. ــ بۈگۈن خېلى ياخشى […]