نىران خانىدانلىقى(8)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (8) ھۈسەيىن خاننىڭ يېنىدا ئازغىنە ئەسكەرلەر قالغانىدى.ھۈسەيىن خان ئويلىغاندەك دۈشمەن قوشۇنى بىردەم كەينىگە چېكىنگەندىن كېيىن كەينىگە يېنىپلا توغرۇلنىڭ قوشۇنىغا قايتۇرما زەربە بەرگىلى تۇردى. توغرۇل دۈشمەننى مەغلۇپ بولۇپ قاچتى دەپ ئويلاپ قوغلارۋەرگەچكە ئۆزىنىڭ دۈشمەننىڭ مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى سەزمەيلا قالغانىدى. ھەمدە يەر شارائىتىمۇ ئۇنىڭغا پايدىسىز يەرگە كېلىپ قالدى. دۈشمەننىڭ كەينىگە يېنىپلا بۇلارغا ھۇجۇم […]

نىران خانىدانلىقى(7)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (7) ھەر ئىككى قوشۇن بىر-بىرىنى يىراقتىن كۆرگىدەك يەردە بارگاھ تىكىپ ئورۇنلاشتى. ھۈسەيىن خان ئالدى بىلەن ئابدۇللا خانغا بۇ ئۇرۇشنى قىلماسلىقنى يەنى ھەممە ئىشنى چىرايلىقچە ھەل قىلىشنى ئېيتىپ مەكتۇب يوللاپ ئاندىن كېيىنكى ئىشلارغا قارار چىقىرىشنى ئويلىدى. ئەلچىلەر قارشى تەرەپكە كەتكىلىمۇ خېلى بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ كېلىدىغان ۋاقىتى يېقىنلاشقانسېرى ھۈسەيىن خان تىت-تىت بولۇپ كېتىۋاتاتتى. […]

نىران خانىدانلىقى(6)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (6) ئۆزى قانداقتۇر خىياللارنى قىلىپ ئايچىۋەرنىڭ يېنىغا ماڭدى. ئايچىۋەرنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى ئۇ يوق ئىدى. ئۆيدىن يېنىپ ئىشىك تۈۋىگە كېلىشىگە خىزمەتچى قىز كىردى. ــ ئايچىۋەر قېنى؟،ــ دەپ سورىدى ھۈسەيىن خان. ــ مەلىكە ئارقا ھويلىدىكى گۈللۈكتە ئارام ئېلىۋاتىدۇ.،ــ دەپ جاۋاب بەردى خىزمەتچى قىز. ھۈسەيىن خان ئارقا ھويلىغا كەلدى. ئايچىۋەر گۈللۈكتىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ گۈللەرگە […]