دادا، مېنى قاچان بالام دەيسەن؟!

دادا، مېنى قاچان بالام دەيسەن؟! (ھېكايە ) قادىر بىلەن ئارزۇگۈلنىڭ توي قىلغىنىغا بىر ھەپتە بولدى،بۇ ئىككەيلەن چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە ماقۇللىقى بىلەن توي قىلغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئائىلىسى بەخت ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتەتتى.قادىر مۇشۇ مەھەللىنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدىكى يېزا بازىرىنىڭ دوقمۇشىدا بىر كىچىك دۇكاندا تۆمۈرچىلىك قىلاتتى،بۇ ھۈنەر ئۇنىڭغا ئاتىسىدىن مىراس قالغان. قادىر بۇ ھۈنىرى بىلەن ئاساسلىقى دېھقانلار ئىشلىتىدىغان […]

نىران خانىدانلىقى(5)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (5) ئارسلان بۇ تاشنى ھەر ۋاقىت يېنىدىن ئايرىماي يۈردى. ئۇ بۇ تاشنى بارلىق بىساتىغا تەڭ قىلمايتتى. ئارسلان ئوردىغا كېتىپ ئىككى يىلدىن كېيىن مومىسى قازا قىلىپ كەتتى. ئارسلان ھېچقانداق قېرىنداشلىرى يوق يالغۇز قالدى. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ ئارسلان يىگىرمە تۆت ياشقا ئايچىۋەر يىگىرمە ياشقا كىردى. ھەر ئىككىلىسى سەكرەپ-تاقلاپ يۈرگەن كىچىك بالىلاردىن قۇرامىغا […]

نىران خانىدانلىقى(4)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (4) ئارسلان ئايچىۋەر بىلەن تېزلا چىقىشىپ كەتتى. ئايچىۋەر ئارسلان ئاكا دەپ ئۇنى بىردەممۇ ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى. ئارسلان ئايچىۋەرنى ھەر ۋاقىت قوغدايتتى. توغرۇل بولسا ئارسلانغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بوپ كەتتى. ئايچىۋەر ئارسلانغا شۇنچە قىلغانسىرى ئۇنىڭ ئارسلانغا بولغان ئۆچمەنلىكى شۇنچىلىك كۈچىيەتتى. بۈگۈن توغرۇلنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان ماختانچاقىلىق كېسىلى يەنە تۇتتى. دەرس ۋاقتىدىكى دەم ئېلىشتا ئەتراپىغا تۆت-بەش […]