روماندىن پۈتۈلگەن رىۋايەت

روماندىن پۈتۈلگەن رىۋايەت «يېڭى ئەسىرگە قەدەم» قويغاندىن كېيىن «يىگانە ئارال»غا چىقىۋېلىپ «كۆرەشچان يىللار»غا نەزەر سالدىم، ئويلىسام ھەممىمىز «گۆردىن قايتقانلار» «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر» ئىكەنمىز، «قۇم باسقان شەھەر»لەرگە قارىسام «ئانا يۇرت» «لېيىغان بۇلاق»لار بىلەن تولۇپ يېتىپتۇ. «كۆڭۈل»ۈم «ئاشۇ كۈنلەر»دىكى «ھايات سىرلىرى» توغرىسىدا «ئىزدىنىش»كە باشلىدى. ئەسلىدە بىز «ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنلىرى» ئىكەنمىز. ئاشۇ «جىمجىت جۇڭغارىيە» بۇرۇن «شاۋقۇن»لۇق «قاينام ئۆركىشى» ئىكەن. […]

بىلەيچى بوۋايدىن گازىرچى مومايغىچە

بىلەيچى بوۋايدىن گازىرچى مومايغىچە بىر يېقىن دوستۇم بىلەن بازاردىن بىللە نەرسە سېتىۋالماقچى بولدۇق ھەمدە بىز دېيىشكەن يەردە ئۇنى ساقلاپ تۇردۇم. بۇ يەر بازارنىڭ ئەڭ ئاۋات قايناق يېرى ئىدى. يىمەك-ئىچمەك ساتىدىغانلار، لەڭپۇڭچىلار، مىۋە-چىۋە ساتىدىغانلار ھەممىسى ئۆز سودىلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى. دوستۇمنى ساقلاپ زېرىكىپ ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگە قاراۋېتىپ ئۇدۇلىمدا كىچىك بىر ھارۋىدا گازىر سېتىۋاتقان 67-68 ياشلاردا بار بىر […]

باھار شامىلى

باھار شامىلى نورۇز كېلىشى بىلەنلا يەر-جاھان ئازراق بولسىمۇ ئىللىدى، بۇ يىل ياز بەكلا ئاستا كىرگەندەكلا بىلىنىپ كەتتى. نورۇز كۈنلىرى ئۆتۈپ كەتكىلى خېلى كۈنلەر بولغان بولسىمۇ سىرىتقا چىقسا ئادەمنىڭ دۈمبىلىرىنى سەل قورۇيدىغان سوغۇق شامال يەنىلا چىقىۋاتماقتا. بۈگۈن ھاۋا شۇنداق ئوچۇق، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەمگە باھارنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان يېقىملىق شامال چىقماقتا ئىدى. ئەتىيازنىڭ چىچەكلەر ئېچىلغان ۋاقتىنى، بولۇپمۇ […]