روماندىن پۈتۈلگەن رىۋايەت

روماندىن پۈتۈلگەن رىۋايەت «يېڭى ئەسىرگە قەدەم» قويغاندىن كېيىن «يىگانە ئارال»غا چىقىۋېلىپ «كۆرەشچان يىللار»غا نەزەر سالدىم، ئويلىسام ھەممىمىز «گۆردىن قايتقانلار» «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر» ئىكەنمىز، «قۇم باسقان شەھەر»لەرگە قارىسام «ئانا يۇرت» «لېيىغان بۇلاق»لار بىلەن تولۇپ يېتىپتۇ. «كۆڭۈل»ۈم «ئاشۇ كۈنلەر»دىكى «ھايات سىرلىرى» توغرىسىدا «ئىزدىنىش»كە باشلىدى. ئەسلىدە بىز «ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنلىرى» ئىكەنمىز. ئاشۇ «جىمجىت جۇڭغارىيە» بۇرۇن «شاۋقۇن»لۇق «قاينام ئۆركىشى» ئىكەن. […]

تۆت بۇرادەرنىڭ سۆھبىتى

تۆت بۇرادەرنىڭ سۆھبىتى بىر كۈنى كەچتە، چېكىت، پەش، سوئال، ئۈندەش قاتارلىق تۆت بۇرادەر ئۆز رولى ھەققىدە قىزغىن بەس-مۇنازىرە قىپتۇ، بۇ مۇنازىرىدە بىرىنچى بولۇپ ئۈندەشجان سۆز ئېلىپ: ــ ئاڭلاڭلار، ھەي بۇرادەرلەر، خالايىق! مەنىسىز ھېچقانداق ئەسەر ئۆزنىڭ بەدىئىي قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. مەن پۈتمەس-تۈگىمەس ھاياجانغا تولغانمەن، شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرەلەيمەن، ئۇلاردا كۈچلۈك مۇھەببەت، غەزەپ-نەپرەت قوزغىيالايمەن؛ ئەگەر مەن بولمىسام، […]

ئانىنىڭ ئاجىزلىقى

ئانىنىڭ ئاجىزلىقى ساڭا ئاق-قارىنى ئايرىشنى ئۆگىتىمەن، ئەمما، ھەر بىر ئىشتا سەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرالمايمەن. ساڭا چىرايلىق كۆينەكلەرنى ئېلىپ بېرەلەيمەن، ئەمما، گۈزەل پاك قەلبىڭگە كاپالەتلىك قىلالمايمەن. سېنى نۇرغۇن ئىشلار ھەققىدە ئاگاھلاندۇرالايمەن، ئەمما، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىش سالماسلىقىڭغا مەن بىر نېمە دېيەلمەيمەن. ئانىلىق قەلبىمدە سېنى سۆيىمەن، لېكىن، مېنى ئانا ئورنىدا كۆرۈپ ھۆرمەتلىتىشكە ئامالسىزمەن. جامائەت بىلەن بارنى تەڭ كۆرۈشكە […]

ئانا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى

ئانا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى بىر قىز توي قىلىپ بىر ئائىلىگە باش بولدى دېمەك ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇنلىغان مەسئۇلىيەتلەر يۈكلەندى دېمەكتۇر. توي قىلىشتىن بۇرۇنقى تەنتەكلىكىڭگە خاتىمە بېرىدىغان ۋە ئەرنىڭ، بىر ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىدەك چىدامچانلىققا ئىگە بولىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى. توي قىلغان ئىكەنسەن بالا تۇغىسەن ۋە «ئانا »دېگەن مۇقەددەس نامغا ئىگە بولىسەن. بەزىبىر قىزلىرىمىز باركى توي قىلىشنى تۇرمۇشنىڭ مەجبۇرىيىتى، […]