ساپ مۇھەببەت ۋە بىزدىكى مۇھەببەت ئۇقۇمى

تەسىرات ئۈنچىلىرى 2014-02-27 19:18 1,311 7

ساپ مۇھەببەت ۋە بىزدىكى مۇھەببەت ئۇقۇمى

«مۇھەببەت ئۆلمەس تېما» دېگەن بۇ گەپنى كىتاب-ژورناللىرىمىزدا قەدەمدە بىر ئۇچرىتىپ قالىمىز، لېكىن بۇ تېما ئاساسلىقى قىز-ئوغۇللار ئارىسىدىكى مۇھەببەت ئۇقۇمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا سۆزلەيدۇ. بۈگۈنكى كۈنلەرگە كەلگەندە بۇ تېمىدا سۆزلەيدىغانلار تېخىمۇ كۆپىيىپ، ئېغىزىدىن ماغزاپ كەلتۈرۈپ سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتتى. بىزنىڭ جاھانغا ماسلاشقان ئىدىيەلىرىمىزنىڭ قات-قېتىغا بۇ ئۇقۇم سىڭىپ كېتىپمۇ بولدى. «مۇھەببەت» دېسە ھەر بىرىمىزنىڭ خىيالىغا دەرھاللا قىز-ئوغۇل ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت كېلىدىغان، ئۇنىڭدىن باشقىمۇ مۇھەببەت بارلىقىنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدۇق.

چۈنكى بىز يېڭى ئەسىردە ياشاۋاتىمىز ئەمەسمۇ، ئىدىيەلىرىمىزمۇ يېڭى زامانغا ماسلاشمىسا، بىز ئىدىيەسى قاتمال، قالاق دېگەن ناملارغا قالىمىزدە، قىز-ئوغۇللىرىمىزنىڭ بىر-بىرىنىڭ ۋەسلىگە يېتىش ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىنى چۈشۈنۈشكە ئامالسىز قېلىپ، ئۇلارنى بەخىتسىز ئاشىق-مەشۇقلاردىن قىلىپ قويىمىز.

بىرەر پارچە پوۋېسىت ۋە ياكى روماننى قولۇمغا ئېلىپ ئوقۇپ باقمىغىلى بەك ئۇزۇن زامان بوپتىكەن، يېقىندا «ئازغۇن ھېسلار» دېگەن روماننىڭ ئېلكىتاپىنى مۇنداقلا كۆرۈپ ئۇنى ئوقۇشقا قىزىقىپ قالدىم، بۇ روماننى بىر ئولتۇرغانچە ئوقۇپ تۈگۈتىۋەتتىم، ئوقۇپ بولۇپ ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم، مېنىڭ كىتاپ ئوقۇشقا بولغان تەلىۋىم سەل يۇقىرىمۇ قانداق، خېلى زامانلار بوپتىكەن بىرەر پارچە رومان مېنى بۇنچە قىزىقتۇرۇپ ھاياجانغا سالالمىغىلى، بۇ روماننى ئوقۇۋېتىپ نۇرغۇن خىياللارنى قىلدىم، تېگى يوق، ئاخىرى چىقماس خىياللار مېنى خىيال دۇنياسىغا غەرىق قىلىۋەتتى. يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك خىيال پەرەسلىكىم باشلاندى، كاللامدا نۇرغۇنلىغان گىچماچ سوئاللار (ماڭا جاۋاب بەر؟) دەپ مېنى توختىماي قىينىماقتا ئىدى. ئەمما مېنىڭ بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىشىم ئاسانغا چۈشمەيىتتى. خىياللىرىمنى ئامالنىڭ بارىچە تىنىچلاندۇرۇشقا تىرىشاتتىم.

ئۆمەر فارۇق، ئۆزگە، يۇنۇس، ئايشەن، مۇشۇ تۆت ياشنى چۆرىدىگەن ئاساستا داۋاملاشقان، ئادەمنىڭ قەلب تارىسىنى تىترىتىۋەتكۈدەك ياخشى يېزىلغان بۇ رومان، خۇددى مەن بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇنداق ياخشى ئەسەرنى كۆۈپ باقمىغاندەك مېنى بەكلا ھاياجانغا سالغانىدى، بەلكىم بۇ روماننى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەنگە ئۇنچە تەسىر قىلماسلىقى مۇمكىن، لېكىن مەندەك خىيال پەرەسكە بەكلا تەسىر قىلدى. روماننى ئوقۇغاچ ئەشۇ تۆتەيلەن بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ ياشاۋاتقىنى روماندىكى ھايات ئەمەس، ئەمەلىي رېئاللىقتەكلا، ئۇلار بىلەن غەم-قايغۇ ۋە خۇشاللىقلاردا بىللە ياشىماقتىدىم، ھەم بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدىكى «مۇھەببەت» دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى ئەڭ يارقىن نامايەندىسىنى قايتىدىن تونۇپ يېتىۋاتاتتىم.

رومان دەسلىۋىدە يۇنۇس بىلەن ئۆمەر فارۇقنىڭ دوستلۇقىدىن باشلىنىپ، ئاخىردا ئۆزگە بىلەن ئۆمەر فارۇقنىڭ ساپ مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلغان تەۋرەنمەس مۇھەببىتى بىلەن ئاخىرلىشاتتى.

بۇ يەردە روماندىكى ھەممە ئەھۋالنى تەپسىلىي دەپ يۈرۈش ئارتۇقچە، ئوقۇرمەن شۇ روماننى ئوقۇمىغىچە روماندا نېمىنى ئىپادىلىمەكچى بولغانلىقىنى تولۇق چۈشۈنۈپ يېتىشمۇ تەس.

جەمىلە موماي، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ياشىنىپ قالغانلىقىدىن ئەقلىدىن سەل ئازغان، قالايمىقان جۆيلۈيدىغان، ھەممە ئىشقا ئارتۇقچە ئارلىشىۋالىدىغان، خۇراپاتقا بەكلا ئېسىلىۋالىدىغان، كەمسۆز ئورۇنلۇق، ئەتراپلىق گەپ قىلىدىغان مېھرى ئىسسىق ئايال.

يۇنۇس، ئۆمەر فارۇق بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئۆز ھايات يولىنى توغرا سىزىقلار بويىچە بويلاپ مېڭىشقا ئانچە-مۇنچە قىززىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىر ئىشقا ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرەلمەسلىكتەك ئىرادىسىزلىكى، ئەتراپتىكى مۇھىت، ئاخىرىدا ئۇنى ئاق ساتىدىغان بىر جىنايەتچىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.

يۇنۇسنىڭ سىڭلىسى ئايشەن، سېپى ئۆزىدىن ياسانچۇق، مودىغا بەكلا ئامراق، يېڭى زاماننىڭ ئەركە قىزلىرىدىن، ئۇنىڭ زامانغا بەكلا ماسلىشىشچانلىقى ھەم ئاتا-ئانىسىنىڭ قاتتىق باشقۇرمىغانلىقى، ئۇنى ئەڭ ئاخىردا باشقىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، ئۆز ئىپپىتىنى يوقاتقان ھالدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتەك ھالاكەت گىردابىغا ئاپاردى. ئۇنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن ئۆيدىكىلىرىگە قالدۇرغان مۇنۇ خېتى ھەممىگە يېتەرلىك جاۋاب ئىدى.

«دادا، ئاپا! ئەسلىدە مومامنىڭ ئېيتقانلىرى ئورۇنلۇق ئىكەن، مەن نەپسىمنىڭ قۇربانىغا ئايلاندىم، ئۆلۈمۈمگە ھېچكىم جاۋابكار ئەمەس، مېنى كەچۈرۈڭلار!»

ئۇنىڭ بۇ خېتىغا تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز پۇشايمان، ھەسرەتلەر يوشۇرۇنغانىدى.

ئۆمەر فارۇق، بۇرۇن نۇرغۇن ئەسكىلىكلەرنى قىلغان، جەمئىيەت لۈكچەكلىرى ھاياتىنىمۇ ئۆتكۈزۈپ باققان، كېيىن ياخشى نىيەتلىك بىر مېھرىبان ئادەمنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ئاستىدا، زۇلمەتلىك ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، نۇرانە ھاياتقا قەدەم قويغان، مىجەزى ئوڭلۇق، ئېسىل پەزىلەتلىك يىگىت ئىدى.

ئۆزگە، يۇنۇسنىڭ نەۋرە سىڭلىسى، ئائىلە مۇھىتى بولسا تىپىك يېڭى زاماننى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان مەدەنىي ئائىلىلەردىن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاپىسى، ئۆلۈشكە رازىكى ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ئۇنىڭ قارىشىدىكى قالاق ئادەملەردەك ياشاشنى ھەرگىز خالىمايدۇ، ئائىلە شارائىتى ئۆزگەنى ئايشەندىن قېلىشمىغىدەك دەرىجىدە مودا قىزچاق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققان، لېكىن ئۇنىڭ ئەسلى تەبىئىتىدىكى ئېسىل خىسلىتى ھامان تېشىغا پارلاپ چىقىدۇ، بىر مەزگىلدىن كېيىن ھەقىقەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، بۇ ھاياتتا ياشاشنىڭ چىن مەنىسىنى چۈشۈنۈپ يېتىپ، ئۆزى تاللىغان مۇشۇ يولدا نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ.

ئازغۇن يوللاردىن ئۆز ھاياتىنىڭ توغرا نىشانىنى تاپقان ئۆزگە بىلەن ئۆمەر فارۇق مۇستەھكەم ئەقىدە، ساپ مۇھەببەت ئاساسىدا قۇرۇلغان مۇھەببەت ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

روماننى ئوقۇپ بولۇپ، ئاپتور بۇ روماننى يەنە ئازراق داۋاملاشتۇرغان بولسىكەن دېگەننى ئۈمۈد قىلىپ قالدىم، رومان ئۆزگە بىلەن ئۆمەر فارۇقنىڭ بەخىتلىك ھاياتىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلىنىپلا ئاخىرلىشىپ قالدى. يەنە تۇرۇپلا ئويلىنىپ قالدىم، ساپ مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ھاياتنىڭ داۋامىمۇ چوقۇم ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرگىدەك بەخىت ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ كەينىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ئەمەس. شۇڭا ئاپتورمۇ بۇ روماننى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرغان.

مۇھەببەت، ئەڭ ئاۋۋال سېنى يوقتىن بار قىلغان ياراتقۇچى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاتا-ئاتىغا، ئايالنىڭ ئېرىگە، ئەرنىڭ ئايالىغا، ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن ھازىر ئاشىق-مەشۇقلار مۇھەببىتى ھەممىنى بېسىپ چۈشتى، بىزلەرمۇ ھەممىدىن نوچىسى شۇ مۇھەببەتتەك، شۇ مۇھەببەتنى ماختاپ ئۇچۇرۋېتىدىغان بولۇپ كەتتۇق.

بەلكىم ئوقۇرمەن، ئۆمەر فارۇق بىلەن ئۆزگەنىڭ ئارىسىدىمۇ مۇھەببەت بولۇپتىكەنغۇ، سىز قىز-ئوغۇللار ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى پۈتۈنلەي چەتكە قېقىۋەتتىڭىز دېيىشى مۇمكىن، ياق، مەن قىز-ئوغۇللار ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى ھەرگىز چەتكە قاقمايمەن. قىز-ئوغۇل ئارىدىسىكى مۇھەببەت ئىنسان يارىلىشىدىنلا ئۇلارنىڭ تەبىئىتىدە بار.

دېمەكچىمەنكى ھەر نەرسە ئۆز قىممىتىنى، ئەسلى مەنىسىنى يوقىتىپ قويسا، شۇ نەرسىنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە قانچىلىك قىممىتى بولماقچىدى؟ بۇنداق نەرسىنى باشقىلار ئىشلەتكىسى كەلسە ئىشلىتىپ، ئىشلەتكىسى كەلمىسە تاشلىۋېتىدىغان ئەخلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.

«مۇھەببەت» دېگەن بۇ سۆزنىمۇ ئىشلەتكىمىز كەلگەندە جاھاننى بىر ئالغىدەك دەرىجىدە كۆككە كۆتۈرۈپ، بىزگە لازىمى بولمىغاندا كۆز قىرىمىزنىمۇ سېلىپ قويمايدىغان قىممەتسىز سۆزگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇق.

ئاسمانغا قارىدىم، «مۇھەببەت» ھاۋادا ئۇچۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئاخىرقى نىشانى قەيەر؟ نەگە بارماقچى؟ بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 7 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    نەفىسە 2014-03-04 01:13

    مۇھاببەت ئۇ بىر مەڭگۇلۇك تىما .ئەسىرلەردىن بۇيان يازغۇچىلار -شائىرلار مۇھاببەت ھەققىدە ئۆلمەس ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەلدى .مۇھاببەر پەقەت سەمىمىي ۋە سادىق بولغاندىلا ئاندىن ئۆز گۇزەللىكىنى نامايەن قىلالايدۇ .
    مۇھاببەت ئۇ كۆزلەردىن چاقنىغان مېھىرلىك ئۇچقۇن .
    مۇھاببەت ئۇ ئىشىنىش ،چۇشىنىش ،قوللاش مۇھىمى ئۆزىنى قۇربان قىلىش …….

    جۇلالىق

    مۇھەببەت، بىر-بىرىنىڭ قەلب سىرلىرىنى چۈشىنىش…
    ئەڭ مۇھىمى، مۇھەببەتنىڭ قىممىتىنى تونۇش يېتىشتۇر.

  •   #2  

    جۇلالىق 2014-03-07 22:56

    قەلبىڭنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن يېرىپ چىققان مۇھەببەت، ئەڭ ساپ، پاك مۇھەببەتتۇر.
    ھەر بىرىنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەت ئورنىنى بىلەلمىگەن كىشى، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتسىز كىشىدۇر.

  •   #3  

    نەفىسە 2014-04-08 16:19

    مۇھاببەت ئۇ مەنزىلسىز بىر يول .
    مۇھاببەت ئۇ چىگرىسىز دېڭىز ،
    مۇھاببەت ئۇ تۇگىمەس مۇزىكا .
    مۇھاببەت ئۇ مۇزىكىسىز ئاھاڭ ،
    مۇھاببەت ئۇ ئىنسانلار تارىختىن بۇيان ئۇقۇپ كىلىۋاتقان ،ئەۋلاتتىن -ئەۋلاتقا مىراس بۇلۇپ قالدىغان ئۆلمەس ئەسەر………..

    جۇلالىق

    مۇھەببەت، ئۇ بىر ئۈزۈلمەس مىلودىيە…

  •   #4  

    رىۋايەت 2014-05-12 03:56

    مۇھەببەت ھەقىقەتەن ئۈزۈلمەس مىلودىيە …
    بۇ كۈينى چىلىش ھەر ئىنساننىڭ تەقدىرىگە پۈتۈلگەن ، ئەمما بۇ كۈينى چىلىش ھۇقۇقى ھەرشەيئىگە بىرىلگەن .
    بەزىلەر مۇڭ كۈيلەرگە چالسا ، بەزىلەر كىشىنى بىزار قىلدىغان كۈيلەرگە چالىدۇ . بەزىلەر بۇ كۈي ئارقىلىق ھۇزۇر ئاتا قىلسا ، بەزىلەر بۇ كۈيدىن مەنپەئەت ئۈچۈن چالىدۇ .
    بۇ كۈينى شۇنداق چالغىنكى بۇ كۈيدىن ئۈزۈڭمۇ ،باشقىلارنىمۇ بەھىش تۈيغۇلارغا باشلىسۇن .

    جۇلالىق

    چالغان شۇ كۈيىمىزنىڭ مۇڭلۇق رېتىملىرى پۈتكۈل جاھاننى قاپلىسا، شۇ كۈنلەردە ئەھۋال قانداق بولۇپ كېتەر ھە!؟