كىتاپخانا ھەققىدە پاراڭلار

تۇرمۇش كارتىنىلىرى 2013-07-15 19:37 1,645 15

كىتاپخانا ھەققىدە پاراڭلار

مەلۇم بىر تارىخىي ۋەقەلىكنى تولۇق چۈشۈنەلمەي، بىر كىتاپتا شۇ تارىخقا ئائىت ماتېرىيال بارلىقىنى ئاڭلاپ شۇ كىتاپنى ئىزدەپ بارمىغان كىتاپخانام قالمىدى. بىزنىڭ بۇ كىچىككىنە شەھەردىغۇ ئۇنچە كۆپ كىتاپخانىمۇ يوق. شۇ نەچچىلا كىتاپخانا بار. دائىم كىتاپ سېتىۋالىدىغان «بۇلاق كىتاپخانىسى»غا كىرىپ تاس قالدىم كىتاپ جازىسىدىكى بارلىق كىتاپلارنى ئاختۇرۇپ چىققىلى يەنىلا يوق. نەچچە ئاي ئىلگىرى خوتەندە مەرىپەتپەرۋەر باي قۇرغان «ئىزدىنىش كىتاپخانىسى»نىڭ نامىنى خېلى ئاڭلاپ كەتكەن بولساممۇ كىرىپ كۆرۈپ بېقىشقا ھېچ بىر پۇرسەت بولمىغانىدى، مۇشۇ كىتاپنىڭ باھانىسىدە ئىزدىنىش كىتاپخانىسىنىمۇ كۆرۈپ كەلدىم. كىتاپخانىنى خېلى كۆركەم ياساپتۇ. تاپقىلى بولمايدىغان نۇرغۇن كىتاپلارنى بۇ يەردىن تاپقىلى بولىدىكەن، باھاسى سەل يۇقىرى بولسىمۇ كىتاپلارنىڭ تېپىلغىنى ئەبزەل ئىدى.

تولىمۇ ئەپسۇس، ماڭا لازىملىق شۇ كىتاپنى يەنىلا تاپالماي كىتاپخانىدىن ھارغىن ھالدا قايتىپ چىقتىم ھەم بەكلا ئۈمۈدسىزلەندىم. ئەسلى كىتاپخانىلاردا بىزگە لازىم بولىدىغان شۇنداق كىتاپلار بولۇشى كېرك ئىدى. لازىم بولمايدىغان كىتاپلار دۆۋە بولۇپ كەتكەن، لازىم بولىدىغانلىرىنى دورىغا ئىزدىسەڭمۇ تېپىلمايىتتى.

قايسى كۈنى مۇنبەردە بىرەيلەننىڭ «ھازىر نېمە دېسە كىتاپ تولا، لېكىن ئادەمگە مەنىۋىي ئۇزۇق بېرەلەيدىغان كىتاپلار ئاز بولغاچ، كىتاپ ئوقۇيدىغانلارمۇ ئاز» دېگەن گېپى يادىمدىن كەچتى. بۇ گەپنى مۇنداقلا چۈشەنگەندە بەكلا ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن يەكۈن چىقىرۋەتكەندەكلا بىلىنىدىكەن. ئەگەردە كىتاپخانىلاردىكى كىتاپلارغا ياخشراق نەزەر سالىدىغان بولساڭ بىزگە كېرەكلىك كىتاپلار بەكلا ئاز ساندا ئىكەن.

كىتاپخانىلارنى ئايلىنىش جەريانىدا مېنى ئۈمۈدسىزلەندۈرگەن يەنە بىر ئىش، مەيلى كىتاپ كۆرۈۋاتقانلار بولسۇن ۋە ياكى كىتاپ سېتىۋېلىۋاتقانلار بولسۇن، قىز-ئاياللارنى ئاندا-ساندا ئۇچرىتىپ قالمىساڭ، يوق دېيەرلىك ئىدى. تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، بىزنىڭ قىز-ئاياللىرىمىز شۇنچە بىلىملىكمىدۇ؟ كىتاپ ئوقۇشقا ھاجىتى چۈشمەمدىغاندۇ؟ بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولغان ئانىلارنىڭ بىلىمگە نەقەدەر ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپلا كەتكەنمىدۇ؟ خىيالىم سوئاللارغا توشۇپ كەتتى.

جاۋاب ئېنىقلا ئىدى. قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىشى بەكلا سۇس ئىدى. كىيىم-كېچەك ئالىدىغان دۇكانلاردا ئاياللار شۇنچىلىك كۆپ ئىدىكى، دۇكان ئالدىدىكى كوچىلاردىن خېلى قىستىلىپ ئاندىن ئۆتكىلى بولاتتى. كىيىم-كېچەك ئېلىڭ دېسە پۇلنى ئايىماي خەجلەيدىغان خانىملىرىمىزغا، قىممەت باھالىق شۇ كىيىمگە خەجلىگەن شۇ پۇلىڭىزنىڭ 100 كويىغا كىتاپ ئېلىپ ئوقۇڭ دېسە، ئۇنىڭغا قەتئىي خوش ياقمايدۇ. شۇ پۇلنى بىكارغا بۇزۇپ چاچسا چاچىدۇكى ئۆزىنى بىلىم بىلەن كۈچلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەيىتتى.

كىتاپخانىغا كىرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىلىرى كىتابلارنى مۇنداقلا ۋاراقلاپ كۆرۈپ قويۇپ چىقىپ كېتەتتى. يانچۇقىدىن پۇل چىقىرىپ سېتىۋالىدىغانلار يوق دېيەرلىك.

نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 2-سانىدىكى ئابدۇلۋاھىد مۆلجەرى يازغان «ئاپلا، بۇ كىتاپخانىمۇ تاقىلىدىغان بولدى» دېگەن يازما ئېسىمدىن كەچتى. ئاپتور يازمىسىدا شەخسىي كىتاپخانىلارنىڭ ئۇزاققا بارمايلا تاقىلىپ قالغانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئوقۇرمەرنلەرنىڭ ئاز ئىكەنلىكى، يانچۇقىدىن پۇل چىقىرىپ كىتاپ سېتىۋالىدىغانلار كۆپ بولمىغاچ، كىتاپخانا ئاچقانلار دۇكىنىنىڭ ئىجارىسىنىمۇ تاپالماي تاقىۋەتكەنلىكى توغرۇلۇق توختالغانىدى. ئىشنىڭ تۈگۈنىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ئىزدىسەك، گەپ يەنىلا بىزدىكى بىلىمگە ئىنتىلمەسلىككە بېرىپ تاقىلىدىكەن.

نەچچە كۈن ئىلگىرى گىرىم بۇيۇملىرى دۇكىنىدىن چاچ سوپۇنى سېتىۋالاي دەپ كىرسەم، نېمە ئىش يۈر بەردى دېمەيسىلەر، پىركازچىك قىزدىن قايسى سوپۇن مايلىق چاچقا ماس كېلىدۇ دەپ سوراپ تۇرسام، ئىككى ئايال كىرىپ كەلدى. بۇلارنىڭ بىرسى 26-27 ياشلاردا، يەنە بىرسى 35 ياشلاردا بار ئىكەن، كىرىپلا بىردەم دۇكاندىكى نەرسىلەرگە قارىۋېتىپ «ماڭلاي سۇرۇخ فىلىمىدىكى ۋىدىكا قولىغا يېقىۋالغان خېنە يوقمۇ؟» دەپ سورىماسمۇ، بۇرۇلۇپ بۇلارغا باشتىن-ئاياق ئوبدان بىر سەپسالدىم، قارىسام خېلى تۈزۈك ئاياللاركەن. پىكازچىك قىزچاق «يوق» دەپ جاۋاپ بەرگەچ ماڭا قاراپ مەنلىك كۈلدى. بەلكىم بۇ قىزغىمۇ بۇ سوئال بەكلا غەلىتە ئاڭلانغان بولسا كېرەك. مېنىڭ بۇلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ قارىغىنىمنى سەزدىمۇ ئەيتاۋۇر ماڭا قاراپ چاچ سوپۇنى ئەكىلىپ بەردى ئېلىپ قايتىپ چىقتىم.

بىز ئاياللارنىڭ بەكلا بىچارە ئىكەنلىكىمىزگە، كىيىم-كېچەكنىڭ، يېمەك-ئىچمەكنىڭ قۇلى بولۇپ ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قالغانلىقىمىزغا ئېچىندىم…

مەدەنىيەت ساپايىمىزنىڭ تەرەققى قىلمىغانلىقىمىزدىن، بىلىمگە ئىنتىلمەسلىكىمىزدىن، ئاغرىنىپ قاخشاپ ياشاۋاتقىلى نى زامانلار بولۇپ كەتتى. ئەتراپىمىزدا ئازراق بولسىمۇ ئۆزگىرىش بولغاندەك ئەمەس. جاھاننىڭ رېتىمىغا بېقىپ، شامال قايانغا چىقسا شۇ يانغا لىڭشىپ ياشاۋاتىمىز.

ئانىلاردىن قاخشىدۇق، دادىلاردىن قاخشىدۇق، بالىلاردىن قاخشىدۇق، جەمئىيەتتىن قاخشىدۇق، زادى قاخشىمىغان ھېچنەرسىمىز قالمىدى. ھەممە نەرسە شۇ پېتى كېتىۋاتماقتا…

مەن، قانداقتۇر ئاياللارنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن. لېكىن، بىز ئاياللارنىڭ بەكلا چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنلىكىمىزگە، روھىيتىمىزنىڭ قاغجىراپ كەتكىنىگە ئىچىم ئېچىشتى، ئەڭ قەدىرلىك نەرسىمىزنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يېتەلمىگەنلىكىمىزگە ئەپسۇسلاندىم…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 15 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    قاسىمجان 2013-07-16 08:37

    مەنمۇ بۇلاق كىتاپخانىسىغا تولا باراتتىم، ئىزدىنىش كىتاپخانىسىنىڭ ئورنى قەيەردە ئىكەن ؟

    جۇلالىق

    ئىزدىنىش كىتاپخانىسى، گۈلباغ سودا سارىيىنىڭ تۆتىنچى قەۋىتىدە، يەنى ئالتىنچى يول ئاپتۇبۇسىنىڭ بېكىتى ئۇدۇلىدا.

  •   #2  

    مەلەك 2013-07-19 06:52

    دوستلىرىم بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئەڭ ياخشى جايىم كىتابخانا… بىرىنچىدىن قارشى تەرەپ كەلگىچە كىتاب كۆرۈپ تۇرالايمەن، ئىككىنچىدىن قارشى تەرەپ كىتاب ئوقۇمايدىغان ئادەم بولسا ئاسانلىقچە كىتابخانىدىن ئېلىپ چىكەتمەيمەن،كۆرۈشۈپ بوپ ئوشۇق گەپ قىلماي بىردەم كىتاب كۆرۈپ ئاندىن چىكىتەمدۇق دەيمەن، شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپمۇ كىتاب كۆرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.
    ئەمما يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان ئۆزۈمنىڭ كىتابقا تۇتقان پوزىتسىيەمدە كۆپ ئۆزگىرىش بار، بۇرۇنقىدەك كىتابخانىغا كىرسەم ھاياجانلانماس بولۇپ قاپتىمەن، نىشانسىز ئادەمدەك كىتابخانىنىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغا مىڭىپ چىقىمەن يا بىرەر كىتابنى قولۇمغا ئالمايمەن.
    بۇرۇن كىتابخانىغا بىر كىرسەم 3-4تال كىتاب ئىلىپ چىقاتتىم،ھازىر ئاكا-ئاچىلىرىم مەن ئېلىپ بېرەي ئۇكام نېمە كىتاپ ئالىسەن قاندىقى بولسا تاللا دېسىمۇ كىتاب يارىماس بولۇپ قاپتۇ.
    مەن ياراتماس بولۇپ قالدىممۇ ياكى تۈزۈك كىتاب چىقمايۋاتامدۇ ئۇنى ئۇقمىدىم.
    يېڭى چىقىۋاتقان رومان، پوۋىست،ھېكايىلەر، ھەممىسى بىمەنە، ئالدامچىلىقتەك تەسىر بېرىدۇ، ھەقىقىي يۈزبەرگەن راست ئىشلار خاتىرىسى ياكى تارىخى ۋەقەلىك بولسا خېلى قىزىقىپ ئوقۇپ باقىمەن…
    ئاياللارنىڭ كىتاب ئوقۇماسلىقى ھەممىلا يەردە بولسا كېرەك،ھالبۇكى ئەڭ كىتاب ئوقۇشقا تىگىشلىك كىشى دەل ئايال كىشى ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ قالتىس بىر بالىغا ئانا بولغۇسى بار، ھەممىنى قىلالايدىغان ئىقتىدارلىق بالىنىڭ ئانىسى بولغۇسى بار، شۇنداق ئىكەن ئانا كۆپنى بىلمىسە، ئۇنىڭ «قالتىس» بالىسىنى قانداق تەربىيلىگۈلۈك؟

    ھەدە قايسى كىتابنى ئىزدەيتىڭىز، مەن ئىزدەپ باقاي، بىز تەرەپلەردە كونا كىتابلارنى خېلى تاپقىلى بولىدۇ، ،مەنمۇ كونا كىتابلارنى خېلى يىغقان،تاپالاپ قالسام ئەجەپ ئەمەس…

  •   #3  

    ئارتۇچ 2013-08-01 23:53

    سەمەت دوگايلىنىڭ ھايات شاماللىرى دىگەن كىتابىنىڭ pdfنۇسخىسى ياكى سىتىۋىلىش ئورنىنى دەپ بەرگەن بولساڭلا بەكمۇ مىننەتدار بولاتتىم ــــــ

    جۇلالىق

    مەن ئىزدەپ باقاي تېپىلىپ قالسا ئادرېسىنى قالدۇرىمەن.

  •   #4  

    تەشنايى 2013-08-20 01:48

    تولۇقسىزدا مەكتەپ ياتىقىدا تۇرىۋاتقىنىمدىن باشلاپ، تاماق پۇلۇمنى تىجەپ كىتاپ ئالاتتىم، كىينمۇ ئىزچىل ياخشى كىتاپلارنى قالدۇرماي ئېلىپ ، ئوقۇپ ماڭدىم. ھازىرمۇ يانجۇقۇمغا چۈشۈپ قالغان بىر يۈەندىن كىچىك پۇللارنى پۇل ساندۇقۇمغا تاشلاپ ماڭىمەن، شۇنداق قىلىپ ھەر قېتىم تەتىلگە يۇرتقا قايىتقىنىمدا 100 يۈەن ئەتىراپىدا كىتاپ سېتىۋالىمەن. ئويلاپ باقسام ھازىر بىر دۆۋە كىتابىمدىن باشقا كۆپ بايلىقىممۇ يوق ئىكەن.
    دەرۋەقە ھازىر ياخشى كىتاپلار ئازلاۋاتىدۇ، ئەمما نىمىلا بولمىسۇن، ئالاھىدە ئەبجەق كىتاب بولمىسا بىرەر نۇسخىدىن سىتىۋېىلىپ قويىمەن، چۈنكى بىر كۈنلەردە ئەشۇ يازغۇچىلارنىڭمۇ جان باقالماي، ئامالسىز جاھاندارچىلىق يولىغا چۈشۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
    سىز ئىزدەۋاتقان «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى»بىلەن «بۈركۈت سايىسى» مەندە بار ئىدى، ئەپسۇس ھازىر مەكتەپتە بولۇپ قالدىم، بولمىسا بىر خوتەندە بولغاندىكىن يەتكۈزۈپ بىرەركەنمەن…

    جۇلالىق

    كىتاپ تاللاپ سېتىۋېلىشقا كەلگەندە سەل ئىنچىكىرەك مەن. كۆڭلۈمگە ياقىدىغان مەزمۇنلۇق كىتاپ بولمىسا بىكارغا بەرسىمۇ ئالغۇم كەلمەيدۇ. يا مېنىڭ كىتاپتىكى مەزمۇنلارغا بولغان تەلىپىم يۇقىرىمۇ ئەمدى.
    سىز دېگەندەك، مېنىڭمۇ ئەشۇ كىتاپلىرىمدىن باشقا بايلىقىممۇ يوقكەن. ئۆتكەندە بىرسى كىتاپلىرىمنى شۇنچە ئاۋايلاۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، نېمانچىۋالا ئاۋايلاپ كېتىسىز دەپ مەنسىتمىگەندەكلا سۆزلەپ كەتتى. ئۆزىمۇ باشلانغۇچنى تۈزۈك ئوقۇمىغان كىتاپنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىغانلا بىر بالا ئىدى. مەن دېدىم، مەن نەچچە يىلدىن بۇيان يىغقان بۇ كىتاپلىرىمنى نەچچە يۈزمىڭ كويغا تېگىشمەيمەن، بۇ كىتاپلار مەن ئۈچۈن بەك قەدىرلىك دېسەم، ئېغىزىنى ئېچىپ قاراپلا قالدى. بەلكىم بۇ بالا مېنىڭ ئاددىي كىتاپلارنى شۇنچە پۇلغا تېگىشمەيدىغانلىقىمنى ھەرگىز چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن، كىتاپنىڭ قەدرىگە يېتىدىغانلارغا بۇنى چۈشەنمەك بەكلا ئاسان.
    ياخشى كۆڭلۈڭىز ماڭا تېگىل بولدى، رەھمەت.

  •   #5  

    ئابدۇجىلىل 2014-05-03 08:53

    سىز ئىزدىگەن كىتابنىڭ ھەر ئىككىسى مەندە بار،لازىم بولسا بىرىپ تۇراي 1432511042 بۇ مىنىڭ qqنۇمۇرۇم

    جۇلالىق

    سىزگە كۆپ رەھمەت.
    ئۇ كىتاپلاردىكى مەلۇم تارىخىي ۋەقەلىكلەر لازىم ئىدى، باشقا ماتېرىياللاردىن تېپىپ بولدۇم.

  •   #6  

    ئابدۇجىلىل 2014-05-05 08:47

    ئۇنداق بولسا مەيلى،مەنمۇ بىر شەخسي كىتاب ساقلىغۇچى،ئاساسەن تارىخى رومان بىلەن تەتقىقات خارەكتېرلىك ماتېرياللارنى ساقلايمەن، قىرېنداشلىرىم ئەگەردە پايدىلىنىۋالاي دىسەڭلار كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ياردەم قىلىمەن. يۇقارقىسى مىنىڭ ئەسلى ئىسمىم بىلەن كوتكوت نۇمۇرۇم، خەت قالدۇرۇپ قويساڭلار جاۋاب قايتۇرىمەن

    جۇلالىق

    ياخشى كۆڭلىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
    بىرەر مۇھىم كىتاب لازىم بولسا سىزنى چوقۇم ئىزدەيمەن.
    باشقا تورداشلارمۇ سىزدىن بەكلا خۇرسەن بولغۇسى.
    ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن!

  •   #7  

    دىلشات مەتنىياز 2015-06-01 05:30

    كىتاپ ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىلىنەيلى دوستلار.

    جۇلالىق

    ئەلۋەتتە تەڭ بەھىرلىنىمىز.

  •   #8  

    جۇلالىق 2015-06-04 23:09

    كىتاپنى سۈرەتكە تارتىپ يوللاپ قويسىڭىزغۇ، سىزدىن چەكسىز مىننەتدار بولار ئىدىم. ھەممە تورداشلار ئورتاپ بەھىرلىنىەتتۇق.

  •   #9  

    ئاقنۇر 2015-06-13 00:55

    بولىدۇ. بىراق ئىمتاھان پەسلى بولۇپ قالدى ،ئالدىراش بولۇپ قالىدىكەنمەن .كېلەر مەۋسۇم چ چ ئېلىخەت ساندۇقىڭىزغا يوللاپ بېرەي .