ھايات ۋە ساغلاملىق

ھايات ۋە ساغلاملىق ھايات ئىنسانغا بېرىلگەن ئەڭ گۈزەل سوۋغىدۇر. بۇ گۈزەل سوۋغىنىڭ يارقىن نامايەندىسىنىڭ ئىنساننىڭ ساغلاملىقى ئىكەنلىكىنى بۇرۇن ھېس قىلىپ باقمىغاندەكلا، مۇشۇ ئىككى ئايدىن بېرى، سالامەتلىكىم بەكلا ناچار بولۇپ، كۈنلەپ كۆرپىدىن قوپماي ياتقاندا ئاندىن ھېس قىلدىم. خۇددى مەن مۇشۇ ياشقا كەلگىچە پەقەتلا ئاغرىپ قالمىغاندەك، بۇ قېتىمقى كېسەل مېنىڭ جېنىمنى ئېلىپ جاڭگالدا قويدى دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ. […]