خوجايىن ۋە خىزمەتچى

خوجايىن ۋە خىزمەتچى ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپلا بېكەتنىڭ ئۇدۇلىسىدىكى بىر تاللا دۇكىنىغا كىردىم. بۈگۈن ئالىدىغان نەرسىلىرىم جىددىيراق بولغاچ نەرسە-كېرەكلەرنى قايسى دۇكاندىن ئالسام بولار دەپ تاللاپمۇ ئولتۇرماي كىرىۋەردىم. كىرىپ شاكىلاتلاردىن ئازراق ئېلىپ بولۇپ قۇتىلىق بەرەنگە قەلەمچىسىدىن ئىككى قۇتا ئالاي دەپ خېلى ئىزدىگەن بولساممۇ ھېچ تاپالمىدىم. بەرەنگە قەلەمچىسىنى ئىزدەپ پۇكەيدىكى نەرسىلەرگە قاراۋاتسام سەل نېرىدىراق بىر قىزچاق ماڭا قاراپ تۇرىدۇ. […]