شۇنداق بىر كۈنلەردە ياشاۋاتىمەن…

تەپەككۇر تامچىلىرى 2015-07-30 06:53 2,272 5

شۇنداق بىر كۈنلەردە ياشاۋاتىمەن…

tenhaliq

ئەتراپىمدا نۇرغۇن ئىنسانلار بار، مەن ، ئادىمىزات يوق چۆلدە ياشاۋاتقاندەكلا تەنھامەن. كىملەرنىدۇ توۋلىغۇم، كىملەرگىدۇ دەرتلىرىمنى ئېيتقۇم بار. خۇددى قەلبىمدىكى سىرلىرىمنى بىرسىگە دەپ بەرسەم يېنىكلەپ قالىدىغاندەك، ھەممە بۇرۇقتۇمچىلىقتىن قۇتۇلىدىغاندەكلا ئەتراپتىكىلەرگە تەلمۈرۈۋاتىمەن. مېنى چۈشۈنىدىغان، ماڭا سىرداش بولىدىغان ئادەم ئىزدەۋاتىمەن. ئەپسۇس، ھەممە ئادەم شۇنچىلىك ئالدىراش كېتىۋاتىدۇكى، بۇلار نېمىگە ئۇنچە ئالدىراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى بەلكىم ئۆزىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن. بەلكىم شۇنداق ئالدىراش ئىشلىرى باردۇر. ھاياتنىڭ ئۆز رېتىمىدىن بەكلا تېزلىشىپ كېتىۋاتقان چاقى ئۇلارنىڭ قەدەملىرىنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرۈۋېتىپتۇ. بۇ ئالدىراش ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ھايات يۈكلىرىنى كۆتۈرۈپ مېڭىپ بولالمايۋاتقاندا، باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلغىدەك، ياق، باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىش ئۈچۈنمۇ خېلى جاسارەت كېتىدۇ. رەھىمسىز تۇرمۇش ئۇلارنىڭ باشقىلارغا شۇنچىلىك بولسىمۇ قايرىلىپ قارىغۇدەكمۇ ماغدۇرىنى قويماپتۇ. بۇلارنىڭ بۇ بىچارە ھالىتىگە قاراپ ئۆزۈمنىڭ بەكلا ئەخمەق ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىپ يەتتىم. نېمىشقا دەمسىز؟ مەن بۇنداق ئەخمەق، ھاماقەت بولمىسام، ئەھۋالى مەندىن بەتەر ئىنسانلارنىڭ مېنى چۈشۈنىشىنى، مېنىڭ دەردۇ-ھالىمغا يېتىشىنى، مېنىڭ سىردىشىم بولۇشىنى ئۈمۈد قىلارمىدىم.
بەلكىم شۇنداق بىر كۈنلەردە ياشاپ قالارمەن…
ھاۋا بەكلا ئۇچۇق، ئەتراپ شۇنچىلىك جىمجىت، ئىنسانلار بىر-بىرىگە مېھىر بىلەن قاراپ كۈلۈمسىرەپ كېتىۋاتقان، نەگىلا قارىساڭ ئىللىقلىقنى، كۆڭۈل ئازادىلىكنى ھېس قىلىسەن. كۆڭلۈڭنى غەش قىلىدىغان ھېچقانداق ئىشقا ئۇچرىمايسەن. تۇرمۇش رېتىمى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە تېزلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ھاياتى يەنىلا كۆل سۈيىدەك تىپتىنىچ، نەگىلا قارىما ھەممە ئادەم ساڭا سىراش، سەپەرداش بولالايدىغان…
ھايات توختىماي داۋام قىلىۋاتىدۇ، ھەر ۋاقىت ئۈمۈد بىلەن ياشاۋاتىمەن. قاچانىكى ئۈمۈدسىزلىنىپ قالسام، بەلكىم بۇ ھاياتتا ئۆلۈك بىلەن پەرقىم قالماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا ھەر ۋاقىت ئۆزۈمگە ئۈمۈد بېغىشلاپ ياشاۋاتىمەن. يول تېخى ئۇزۇن، يولنىڭ ئاخىرىغا بارغىچە ئۈمۈدلەر رېئالىققا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن…
جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 5 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    ماركۇس 2016-01-09 07:43

    بۇ يازمىڭىز خۇددى مەن ئۈچۈن يېزىلغاندەكلا ، مېنىڭ ھازىرقى ئىچكى ھېسياتىم بىلەن رېئاللقتىكى تۇرمۇشۇمنى ئىپادىلەپ بېرىپتۇ .
    بىلوگىڭىزنى بۇرۇنمۇ زىيارەت قىلىپ تۇراتتىم ، مېنىڭ بىلوگىم تاقالغاندىن كېيىن بلوگ ئوينىماس بولغان، 4 يىل بۇلۇپتۇ بلوگ ئوينىمىغىلى ، بۈگۈن تۇيۇقسىز كۆڭلۈم يېرىم بلوگىڭىزدىكى مۇزىكا يادىمغا يېتىپ مىڭ تەستە بلوگ ئادىرسىڭىزنى ئېسىمگە ئېلىپ شۇ مۇڭلۇق مۇزىكىنى ئاڭلاش ئۈچۈن كىرگەن ، قارىسام بۇ يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ قالدىمدە ئۇقۇپلا ياقتۇرۇپ قالدىم.
    سىزنىڭ بۇ تۇيغۇ – ھېسلىرىڭىزدىن قارىغاندا ئىككىمىزنىڭ ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى تۇرمۇش كارتىنىمىز ئوخشىاش بولمىغان بىلەن ئىچكى دۇنيايىىمىز ۋە بۇرۇختۇملۇق ئىچىدىكى ھېس – تۇيغۇلىرىمىز بەك ئوخشايدىكەن .
    قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىز ھارمىسۇن ، داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ.

    جۇلالىق

    شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى بلوگ ئادرېسىمنى ھەم بلوگىمدىكى مۇزىكىلارنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىڭىزدىن بەكمۇ خۇشال بولدۇم. نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ سىرتقى قىياپىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، سىز دېگەندەك ئىچكى ھېسياتىمىز، پىكىرلىرىمىز ئوخشاشلار كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن.
    بلوگىمغا كىرىپ تۇرۇڭ، پىكىرداش دوست بولۇپ قالىمىز. بىزنىڭ مۇشۇنداق پىكىرداش سورۇنىمىزدىن باشقا يەنە نېمىمىز قالدى؟ ھېچ نەرسىمىز يوق. مۇشۇنداق يەرلەردە بولسىمۇ ھەمسەپەرداش بولايلى.

  •   #2  

    ئاقنۇر 2016-03-25 01:26

    مەندە ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلار بولۇپ باققان . ئۇ ۋاقىتلاردا ھېچكىمنىڭ مەن بىلەن كارى يوقتەكلا ھېس قىلاتتىم . يالغۇزلۇق تەنھالىق ھىس قىلاتتىم . بىراق كىيىن چۈشەندىمكى ھەركىمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى باركەن . بەزىلىرىنىڭ نانلىرى كىچىك ، بەزىلىرىنىڭ ئالماسلىرى كىچىك . شۇنداق ئەمەسمۇ ھايات دېگەن . بىزنىڭ ھەر ئىشىمىزنى ، نىيىتىمىزنى بىلىپ تۇرغۇچى بىزگە رەھمەت قىلىش ئۈچۈن ئاتا – ئانا ، ئاكا -ئۇكا قېرىنداشلىرىمىزنى بەرگەنىكەن . شۈكۈر ! يالغۇزلۇق ، تەنھالىق ھىس قىلسىڭىز ، دەردىڭىزنى ئېيتىڭچۇ ! ئىچىڭىزدىكىنى دېيىش ، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى دېيىش سىزنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدۇ . شۇندا مېنىڭمۇ ئەڭ ياخشى دوستۇم بار دېيەلەيسىز !

    جۇلالىق

    مۇشۇ كۈنلەردەىمۇ ئۆزۈمنى بەكلا تەنھا ھېس قىلىپ قالىمەن. بىراق، مەن يەنىلا يالغۇز ئەمەس، مەن بىلەن ھەمسەپەرداش بولىدىغانلار نۇرغۇن.

  •   #3  

    جۇلالىق 2016-06-08 22:16

    تىنچلىقمۇ، قېرىندىشىم،
    بلوگىم ۋە ئاددىي يازمىلىرىم سىزگە يارىغان بولسىلا مەن شۇنىڭدىن خۇرسەنمەن، دائىم قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرۇڭ.
    بلوگ ئېچىشتىمۇ ئۇنچە چوڭ ئارزۇيۇم يوق. پەقەتلا سىلەردەك سىرداش دوستلىرىم بىلەن مۇڭدىشىپ تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.