ھاياتتىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىم

ھاياتتىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىم ئىنسان ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان ئارزۇ-ئارمانلارنى قىلىدىكەن. بۇ ئارزۇلارنىڭ كۆپىنچىسى غايىۋى خىياللار بولسىمۇ بەزىبىرلىرى ئەمەلگە ئېشىپمۇ قالىدىكەن. مانا بۇ رېئال تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق سىناقلىرى. رېئال تۇرمۇش ئۇ كىنو ئەمەس، شېرىن خياللىرىڭ بىردەمدىلا ئەمەلگە ئاشىدىغان، يېشىللىققا پۈركەنگەن دالىلاردا تايچاقلاردەك سەكرەپ بەخىت ئىلكىدە ئەللەيلىنىدىغان. ئۇ سېنىڭ ئويلىغىنىڭدىنمۇ قىيىن مۇرەككەپ بىر جەريانكى، ئۇنىڭ قىيىنلىقىدىن گاڭگىراپ نېمە قىلىشنى، نەگە مېڭىشنى، […]