شۇنداق بىر كۈنلەردە ياشاۋاتىمەن…

شۇنداق بىر كۈنلەردە ياشاۋاتىمەن… ئەتراپىمدا نۇرغۇن ئىنسانلار بار، مەن ، ئادىمىزات يوق چۆلدە ياشاۋاتقاندەكلا تەنھامەن. كىملەرنىدۇ توۋلىغۇم، كىملەرگىدۇ دەرتلىرىمنى ئېيتقۇم بار. خۇددى قەلبىمدىكى سىرلىرىمنى بىرسىگە دەپ بەرسەم يېنىكلەپ قالىدىغاندەك، ھەممە بۇرۇقتۇمچىلىقتىن قۇتۇلىدىغاندەكلا ئەتراپتىكىلەرگە تەلمۈرۈۋاتىمەن. مېنى چۈشۈنىدىغان، ماڭا سىرداش بولىدىغان ئادەم ئىزدەۋاتىمەن. ئەپسۇس، ھەممە ئادەم شۇنچىلىك ئالدىراش كېتىۋاتىدۇكى، بۇلار نېمىگە ئۇنچە ئالدىراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى بەلكىم ئۆزىمۇ بىلمەسلىكى […]