ئەخلەت يىغقۇچى بوۋايدىن تىلەمچى يىگىتكىچە

ئەخلەت يىغقۇچى بوۋايدىن تىلەمچى يىگىتكىچە شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات بازىرىنىڭ بۇ كوچىسىدىن ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ئۆتىمەن. بۇ كوچىدىن ھەر كۈنى مېڭىۋەرگەچكىمۇ ئەتراپتىكى نەرسىلەرنىڭ قەيەرگە ئورۇنلاشقانلىقىدىن تارتىپ ھەممە نەرسە ماڭا تۇنۇشلا بولۇپ كېتىپتۇ. ھەر كۈنى ئىشىمغا سەھەر ماڭىمەن، بەكلا ئەتىگەن ماڭغاچقا يولدا ئىشلەمچى بازىرىغا كېتىۋاتقان ئىشلەمچىلەردىن باشقا ئادەملەر ئۇنچە ئۇچرىمايدۇ. بىزنىڭ بەك تەرەققىي قىلمىغان بۇ شەھەرنىڭ […]