بىر مىنۇتلۇق قىزىل چىراق ۋە ئۈندىدار…

تەپەككۇر تامچىلىرى 2023-04-17 18:00 1,355 0

بىر مىنۇتلۇق قىزىل چىراق ۋە ئۈندىدار…

قەھرىتان قىشنىڭ سوغۇقى ئادەمگە نەشتەردەك سانجىلىۋاتىدۇ، چاپىنىمنىڭ ئىچىگە تۈگۈلۈپ كىرىپ كېتەي دېگۈدەك بوپ يول مېڭىۋاتىمەن، سەھەردە يول بويلىرىدىكى چاربازارچىلار ئۆزىنىڭ سودىلىرى بىلەن ئالدىراش، تاڭمىيەنچىلەر بار ئاۋازى بىلەن توۋلاپ خېرىدار چاقىرماقتا، پىلتە قۇيماقچىلارنىڭ ئالدىدىمۇ قاتارلىشىپ تۇرغانلار شۇندا جىق قازاندىكى قىززىق مايغا شۇندا تاشلاپ بولغىچە ھۈپپىدە بۇلۇپ پىشقان قۇيماقلارنى ماڭا بالدۇر بېرەمدىكىن دەپ بىر-بىرىنى ئىتتىرىشكىنىچە كۈتۈشمەكتە…

بىردەم ئەتتىگەنلىك قايناق بازارغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم، ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى بىر چوكان توكسىكىلىتنى جىددىي تۇرمۇز قىلىپ توختاتتىدە ماڭا ئۈچ تال قۇيماق، ئىككى تال مانتا، بىر ئىستاكان سۈت بېرىڭە دەپ قويۇپ توكسكىلىتتا سوغۇقتىن يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن سەككىز ياشلاردا بار ئۇماققىنە ئوغۇل بالىنى سىرلىرى چۈشۈپ كەتكەن دىققەت قىپ ئولتامىسا يىقىلىپ كەتكىدەك بوپ قالغان ئەبجەق ياغاچ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. قوللىرىنى ئۇگۇلاپ ئىسسىتقاچ يانفۇنىنى ئېلىپ قاراشقا باشلىدى، ئۈزۈمچە ئۈندىدارغا قاراۋاتىدۇ دەپ پەرەز قىلدىم چۈنكى يۈزدە توقسان پىرسەنىت كىشلەرنىڭ بىردەم بىكار قالسا ئۈندىدارغا قاراش ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەنىدى. بالا بىر ئانىسىغا بىر مەكتەپكە ماڭىدىغان يولغا قارايتتى. بالىلارنىڭ ئەتتىگەنلىك مەكتەپكە بېرىش سائىتى توشاي دەپ قالغانىدى سەل ئالدىرىمىسا بالا چۇقۇم ئىشىك ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ جازالىنىدۇ. ئانا بولسا چەمبىرەك كۈرەمدۇ ياكى ئۈندىدار توپ ئۇچۇرىغا قارامدۇ ئەيتاۋۇر بىر نەرسىلەرنى كۈرۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى، ئەللىك ياشتىن ئاشقان گۈللۈك پەشتامىسىنىڭ ئالدى مايلىشىپ كەتكەن ئايال بىردەمدە قۇيماقلارنى بالىنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلگە قويدى، بولە تېز يە، ھېلى مەكتەپكە كېچىكىسەن مەكتەپ دەرۋازىسىنى تاقاشقا ئاز قاپتۇ بىكا خانىمىڭ ماڭا توپتا يەنە كايىيدۇ نېمىشقا كۈندە كېچىكىپ كېلىدۇ دەپ تېز يە قاراپ تۇرماي. ئانا شۇنداق دېگەچ بىر قولىدا يانفۇن بىر قولىدا مانتىدىن بىرنى ئەپلا يېمەكتە. بالا ئانىسىدىن قورققاچ قۇيماقنى يەۋاتاتتى ئىككى مىنۇتقا قالماي ئۈچ قۇيماقنى يەپ بولدى قۇيماقنى شۇنچىلىك تېز يېدىكى بالا قۇيماقنى يېدىمۇ قۇيماق بالىنىمۇ بىلگىلى بولمايىتتى. ئىچە ئاۋۇ سۈتنى تېز بول نېمىگە قاراپ تۇرىدىغاندۇ ماڭىمىز دەيمەن ھېلى كېچىكىسەن، بالىنىڭ بېشىغا بىرنى نۇقۇۋېدى بالا ھۇدۇققىنىچە سۈتنى گۈپپىدە ئىچىشىگە تۇلۇقۇپ سۈت ئۆپكىسىگە ئوبدانلا كەتتى. ئاستىراق ئىچمەمسە كالۋا شۇم، ئىچ دېسە ئاشۇندامۇ ئىچەمدۇ دېگىنىچە بالىنىڭ دۇمبىسىگە مۇشتلىغاچ غەزەپ بىلەن بىرنى ئالايدى، بالا يۈتەلگەچ چالا سۈتنى ئىچىۋېتىپ موتسىكىلىتقا مىنىشكە تەمشىلىۋېدى ئانىسى ھېلىھەم تۇرغان يېرىدە يانفۇن بىلەن ئالدىراش، ئانا ماڭايلى كېچىكىمەن، ئايال ھومايغىنىچە بالىنى كۆتۈرۈپلا مىنگۈزۈپ يۈرۈپ كەتتى بالا بىر قولىدا موتسىكىلىتنى تۇتمىسا تېخى بىر قولىدا بايا يۇقۇپ قالغان سۈتنى سۈرتكەچ كېتىپ قالدى ئۇلارنىڭ كەينىدىن بىر ھازاغىچە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدىم.

بۇنداق مەنزىرىلەر ھەر كۈنى قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ، بەزىدە تاڭمىيەنچىلەرنىڭ ئالدىدا بەزىدە پىلتە قۇيماقچىلارنىڭ ئالدىدا بايىقى ئانا-بالىغا ئوخشاش نۇرغۇنلارنى ئۇچرىتىمەن ئاۋۇ بالىغا ئوخشاش يىگەن نەرسىلىرىنى ئوڭ-تەتۈر يەپلا ماڭغان بالىلارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ. يانفۇننىڭ، ئۈندىدارنىڭ قۇلى بوپ كەتكەن ئەۋلادلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇستازى تەربىيەچىسى بولغان ئانىلارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ، قاق سەھەردە بالىلارنى ھېلى تاڭمىيەنچىلەرنىڭ ھېلى مانتىپەزنىڭ ئالدىدا يېتىلەپ يۈرگىچە ئۆزىنىڭ ئىسسىق ئۆيىدە قىززىق بىر چەينەك چاينى دەملەپ ئاق ناندىن ئىككىنى داستىخانغا قويۇپ ئالە بالام ناشتا قىل دېگەچ ئۆزىمۇ بىللە ئولتۇرۇپ ناشتا قىلسا ئۆيىدە قىلغان شۇ ناشتىلىقنىڭ ھۇزۇرى بالىغا باشقىچە بولار ئىدى.

بەلكىم ئۆيىدە يىگەن ئاق نان پىلتە قۇيماقتەك مەززىلىك ئەمەستۇر ئۆيدە ئىچكەن چاي سۈتتەك تەملىك ئەمەستۇر، لېكىن ئىسسىق ئۆيدە ئولتۇرۇپ قىلغان شۇ ناشتىلىق بالىنىڭ ئاشقازىنىدا ئوبدان ھەزىم بولاتتى سىڭەتتى قۇۋۋەت بولاتتى. قىسقىسى شۇ بىر ۋاقلىق ناشتىلىققا ئانىسىنىڭ مېھرى، ئەجرى سىڭگەنىدى بالىنىڭمۇ قەلبى مېھرى-مۇھەببەتكە تويۇنغان ھالدا ئىللىپ قالاتتى ئانا مېھرى سىڭگەن بىر ۋاقلىق ناشتىلىق ئۇنىڭغا چەكسىز خۇشاللىق، ئازادىلىك بېغىشلايىتتى.

بۇ يىل راستىنلا مالىنا يىلى بولدىمۇ نېمە؟ سوغۇقتىن قوللىرىم ئۈششۈپ قالاي دېدى توكسىكىلىتنىڭ ماي قۇلىقىنى تولغىغىدەكمۇ مادار قالمايۋاتىدۇ يېشىل چىراق ئۆچۈشكە بەش سىكۇنىتلا قاپتۇ تېز ماڭسام ئۈتۈپ كېتەلەيتتىم ماي قۇلىقىنى خېلى كۈچەپ تولغىساممۇ كونىراپ قالغان بۇ ئەبجەق توكسىكىلىتنىڭ مىسىلداپ ماڭغۇسى يوقلا تۇرىدۇ. ئەپسۇس قىزىل چىراق يېنىپ قالدى توقسان سىكىنۇتلۇق قىزىل چىراقنى ساقلىماي ئامال يوقتە، قوللۇرۇمنى ھوردىغاچ بىرسى قارا دېگەندەك يېرىم مېتىر ئالدىمدا بەش-ئالتە ياشلاردا بار كىچىك قىزچاقنى مىندۈرۈۋالغان ئايالغا كۈزۈم چۈشتى ئايال خېلى مودا كىيىنگەنىكەن شۇنچە قىسقا ۋاقىتنىمۇ قولدىن بەرمەي پەلىيىنى سېلىۋېتىپ يانفۇنىغا قاراشقا باشلىدى ھەقىچان ئۈندىدارغا قارايدۇ، كىچىك قىزچاق يەسلىدە دوستلىرى بىلەن بولغان قىزىقارلىق ئىشلارنى ۋىچىرلاپ سۆزلەيىتتى. ئانا بۈگۈن مەكتەپتە يەشىم شىزدىم، خانىم ياخشى سىزىپسىز دەپ مۇكاپاتلاپ كەمپۈت بەدى قىزچاق توختىماي سۆزلەيىتتى ھاياجانلىناتتى ئانا ھە بالام دەپ قويۇپ يانفۇنغا قاراش بىلەن ئالدىراش ئىدى مانا يېشىل چىراقمۇ ياندى بىرسى ئالغا دېگەن بۇيرۇقنى بەرگەندەكلا قاتارلىشىپ تىزىلىپ كەتكەنلەر بىرىمىزنىڭ كەينىدىن بىرىمىز يۈرۈپ كەتتۇق توكسىكىلىتىمنى ھەيدەۋاتىمەن كۆزۈم ئالدىمدىكى ئايالدا ئۇنىڭ بىر قولىدا تېخىچە يانفۇنى بار ئىدى كىملەرگىدۇر ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللاۋاتىدۇ بىر قولىدا ماينى كۈچەپ بېرىۋاتىدۇ كەينىدىكى قىزچاق توكسىكىلىتنىڭ تېزلىكىدىن بىر ئالدىغا بىر كەينىگە مۈدۈرۈپ ئانىسىغا چىڭ يېپىشىۋالغان ئانىنىڭ كۆزى بىر يولدا بىر يانفۇندا ئالدىمدىن خېلىلا ئۇزاپ كەتتى قىزچاقنى سىلكىنىپ  چۈشۈپ قالمىغىيدى دېگەن ئەندىشە بىلەن ئۆيۈم تەرەپكە قايرىلدىم. يولدا مېڭىۋاتىمەن خىياللىرىم قالايمىقان ئايال بولمىش ئانا دېگەن ئۇلۇغ نامنى ئالغان نە ئانىلىق مەسئۇلىيەتنى، نە ئاياللىق مەجبۇرىيەتنى ئۇنۇتقان بىزلەرگە ئېچىنىۋاتىمەن، نەپرەتلىنىۋاتىمەن، دەرغەزەپ بىلەن نېمىلەرنىدۇ دەپ تىللاۋاتىمەن كىمنى تىللايدىغاندىمەن بۇنىسى نامەلۇم. يانفۇن ۋە ئۈندىدارنىڭ قۇلى بوپ كەتكەن تۇرقى ئايال روھىيىتى چىرىپ كەتكەن، مەنىۋىيىتى قۇرۇپ كەتكەن ئاياللارغا نېمىلەرنىدۇر دېگۈم كېلىۋاتىدۇ نېمە دەيمەن؟ بۇ تېمىدا قاخشاۋاتقىلى يىللار بولدى نېمىنى ئۆزگەرتەلىدۈك ھېچنەرسىنى، ھايات ئۆز رېتىمى بويىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ بىز ئۆز سەنىمىمىزگە دەسسەۋاتىمىز. ئانىلار بىر مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى، ئاياللار بىر ئەلنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، قىزلار بىر مىللەتنىڭ ئار-نۇمۇسى ئىدىغۇ، ئانىلارنىڭ قەلبى ئىلىم-مەرىپەت بىلەن يۇرۇمىسا ئەۋلادلارنىڭ كۆزى بىلىم بىلەن يۇرۇمايدۇ، ئاياللار ئىلىمسىز قالىدىكەن بىر ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقى قەلب ھۇزۇرى يوقاپ كېتىدۇ، قىزلار تايانچىسىز قالىدىكەن مىللەتنىڭ شان-شۆھرىتى ۋەيران بولىدۇ.

ئانىلار بۈيۈك، ئانىلار ئۇلۇغ دېيىشىدىكەن، ئەشۇ بۈيۈكلۈكنىڭ شەنىگە داغ يەتمىسۇنلەر….

جۇلالىق

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى ئىنكاس يېزىش