مېنىڭ سىردىشىم ھەم مۇڭدىشىم قەلەم ۋە قەغەز…

تەپەككۇر تامچىلىرى 2016-05-29 05:15 3,172 5

مېنىڭ سىردىشىم ھەم مۇڭدىشىم قەلەم ۋە قەغەز…

qelem we qeghez

كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ ئىچ مىجەز ئىدىم. يەنى بىرەر ئىشتىن كۆڭلۈم يېرىم بولسا ۋە ياكى باشقىلاردىن ئازار يېسەم ھېچكىمگە دەرت تۆكمەيىتتىم،تاكى شۇ دەرتنى بىر زامانلارغىچە ئۇنتۇپ كەتكىچە ھەممە ئازابنى ئۆزۈم يالغۇز تارتاتتىم. چوڭ بولدۇم بۇ مىجەزىم يەنىلا ئۆزگەرمىدى.

قاچانلاردىندۇر بىر ۋاقىتلاردا ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشىم پەيدا بولغاندىن تارتىپ قولۇمغا قەلەم بىلەن قەغەزنى ئېلىپ بىر نەرسىلەرنى جىجىلاپ باقىدىغان بولدۇم، يازغان شۇ نەرسىلىرىم يا قاملىشاتتى يا قاملاشمايىتتى. كېيىنچە بىرەر ئىشتىن كۆڭلۈم يېرىم بولغان ھامان قەغەزگە يازىدىغان بولدۇم. بەزىدە كۆڭلۈم يېرىم چاغلاردا ئۇچرىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى يازاتتىم، بەزىدە بىرەر ئىشتىن خۇشال بولاتتىمدە، شۇ خۇشال مىنۇتلىرىمنى يەنىلا قەلەم ۋە قەغەز بىلەن ئورتاقلىشاتتىم، ھاياتىمدا ئاز بولمىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈردۈم، ھەممىسىگە مېنىڭ سىردىشىم قەلەم بىلەن قەغەز ھەمراھ ئىدى.

چوڭ بولۇپ باشقىلارغا بەزى ئىشلاردا مەسلىھەت بېرىپ پىكىرلەشكىدەك بولدۇم، مانا شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆزۈممۇ بىلمەيلا ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ دەرت-ئازاپلىرىنى ئۈن-تۈنسىز تىڭشاپ بېرىدىغان دەرت خالتىسىغا ئايلىنىپ قالدىم. مەيلى كىملا بولمىسۇن مەن بىلەن پاراڭلىشىشىنى خالىسا ئۇنىڭ پارىڭىنى ئۈزىۋېتىشنى خالىمايىتتىم، مۇشۇ مىجەزىم سەۋەبلىكمۇ كۈندىن-كۈنگە ماڭا دەردىنى ئېيتىپ بېرىدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ دەردۇ-ئەھۋالىنى زەن سېلىپ ئاڭلاپ كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىپ قوياتتىم. ئەلۋەتتە مېنىڭ قولۇمدىن بۇنىڭدىن ئارتۇقى كەلمەيدۇ. ئەمما مەن باشقىلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ ئۇلارغا تەسەللىي بېرىپ كۆڭلىنى ياساپ قوياۋەرگەچكە باشقىلارغا شۇنداق تەسىر بېرىپ قويدۇممۇ تاڭ، خۇددى مېنىڭ پەقەتلا دەردىم يوقتەك، پەقەتلا ئازاپ چەكمەيدىغاندەكلا بىلىنىدىغان ئوخشايمەن. بەزى ۋاقىتلاردا باشقىلارنىڭ دەرتلىرىنى ئاڭلاپ بېرىۋېرىپ شۇنچىلىك ھېرىپ كېتىمەن. خۇددى ئۇلار تارتقان ئازاپلارنى مەن تارتقاندەك قىينىلىپ كېتىمەن. ئۆزۈمگە شۇنداق دېگۈممۇ كېلىدۇ، ئۆزۈمگە ئاز، كىم مېنى بۇنچە كۆڭۈلچەك باشقىلارنىڭ دەرت خالتىسى بولسۇن دەپتىكەن، ئىچىمدە ئۆزۈمنى تازا تىللايمەن. لېكىن تۇرۇپلا يەنە ئۆزۈمگە ئاچچىقىم كېلىدۇ. باشقىلارنىڭ ئازاۋىنى تەڭ تارتىشىپ بېرەلمىسەممۇ ئۇلارنىڭ دەردىگە ئازراق بولسىمۇ دەرمان بولالايمەنغۇ، شۇنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن يېتەرلىك.

ئەمما، مەنمۇ بۇ مۇرەككەپ ھاياتتا ياشاۋاتقان بىر ئىنسانمەن. مېنىڭمۇ نۇرغۇنلىغان ئازاپلىرىم بولىدۇ، نۇرغۇن قېتىم دەرتلىرىمنى باشقىلارغا تۆكۈپ ئازراق بولسىمۇ يېنىكلىۋالغۇم كەلگەن ۋاقىتلىرىم بولغان. بىراق، مەن دەردىمنى كىمگە تۆكىمەن؟ باشقىلارنىڭ دەردىنى زېرىكمەي ئاڭلاپ تەسەللىي بېرىدىغان مەندەكتىن بىرسىنى نەدىن تاپىمەن؟ مېنىڭ دەرت خالتام، مۇڭدىشىم سىردىشىم، پەقەتلا قەلەم ۋە قەغەز، مېنىڭ بارچە ئازاپلىرىمغا ئەنە شۇ قەلەم ۋە قەغەز گۇۋاھ ئىدى. مەيلى مەن خۇشال بولاي ۋە ياكى ئازاپلىناي ئۇ دائىم زېرىكمەي- تېرىكمەي مېنىڭ سۆزلىرىمنى تىڭشاپ بېرىدۇ. مەن ئۆزۈمگە مۇڭداش ئىزدەپ نېمە قىلىمەن. مانا بۇ مېنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشىم ھەم مۇڭدىشىمدۇر.

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 5 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    جۇلالىق 2016-06-08 22:25

    تىنچلىقمۇ، قېرىندىشىم.
    ھەممەيلەن بۇ ئايدا نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى كۆڭلىمىزگە پۈكىدىكەنمىز. لېكىن ئەمەلگە ئاشۇرالىغىمىز بەكلا ئاز بولىدىكەن. بىزلەر بارغانسېرى غايىسىز بولۇپ قېلىۋاتامدىمىز ياكى باشقا سەۋەبلەر بارمۇ؟ ئۆزىمىزمۇ بىلمەي ياشاۋاتىمىز.
    ياشاۋاتىمىز، كۈنلىرىمىز قىلىپلا سېلىپ قويغاندەك بىر خىللا، ھېچبىر ئۆزگۈرۈش مەناسى يوق. ئۆزىمىزچە بىر ئىشلارنى قىلىپ تۇرمۇشىمىزغا مەنالارنى قوشۇشقا تىرىشىپ باقىمىزيۇ، يەنىلا قۇربىتىمىز يەتمەيۋاتىدۇ. سەۋەب زادى نەدە؟ دېگەن بۇ سوئال دائىم مېنى قىينايدۇ.

  •   #2  

    ئىزقۇت 2016-06-23 10:47

    ئۆزۈمنىڭ كىچىك بالا ئەمەسلىكىمنى بىلىمەن
    كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتىۋاتىدۇ
    ئۆز-ئۆزۈمنى قەيسەر بولۇپ ياشاشقا
    ئۈندىگەنسېرى تۇيغۇلۇرۇم ئۆزۈمنى مەسخىرە قىلىپ ئىچىمدىن تۈگىشىپ كېتىۋاتقىنىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن …
    بەكلا چارچىدىم ..پەقەت نەچچە مىنۇت ئارام ئېلىش
    ئۈچۈن ئۆزۈمنى بۇنچە زورۇقتۇرۇشقا
    دۇچار بولىدىغانلىقىمنى ئويلىماپتىمەن

    جۇلالىق

    زامان تەرەققىي قىلىپ ھەممە ئىشلار قولايلىقلاشقانسېرى ئەسلى كۆڭلىمىزنى ئازادە تۇتۇپ، ئۆزىمىزنى ئەركىن قويۇۋېتىپ ياشىساق بولاتتى. لېكىن تولىمۇ ئەپسۇس، بىر خىل بۇرۇختۇمچىلىق بىزنى بارغانسېرى تۈگەشتۈرۈۋااتىدۇ.

  •   #3  

    جۇلالىق 2016-07-15 03:15

    تىنچلىقمۇ،
    ھەقىقى سىرداشنى تاپماق بەكلا تەسكەن، شۇنچە ئىزدىنىپمۇ تاپالمىدىم. تېمىدا دەپ ئۆتكەن سىردىشىم ئەڭ ياخشى سىرداش ئىكەن.
    ھەمدە بلوگىمدىكى ئەزىز دوستلىرىم بىلەن سىردىشىپ تۇرۇشمۇ مېنى چەكسىز خۇشال قىلىدۇ، كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ.

  •   #4  

    جۇلالىق 2016-07-15 03:18

    تىنچلىقمۇ،
    ئەلۋەتتە بولىدۇ، بىرلىكتە تىرىشايلى.