سۈكۈت
–
سۈكۈت قىلىشنى ئۈگەنمەك بولدۇم. ئەمما سۈكۈتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتىم. زامانداشلىرىم «سۈكۈت»دەپ ۋارقىرايدۇيۇ، گېزى كەلگەندە ماڭا ئوخشاش سۈكۈتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ.
-ھوي تەنقىتچى،- دەپ كايىدى بىراۋلار – ئۆزۈڭنى ئۇپراتقىچە سۈكۈت قىلمامسەن؟!
-كايىغىنىڭ بىكار، ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئۈچۈن سەن جازالانمايسەن. سۈكۈت قىل!
سۈكۈت،سۈكۈت،سۈكۈت…
مەن جاھاننىڭ سىر-ئەسرالىرىنى خېلى ئوبدان بىلگەن دانا زاتتىن سۈكۈت توغرىسىدا سوراپ باردىم:
-ئى ئۆلىما، سۈكۈت نېمىدۇر؟
-ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى كۈتمەكتۇر.
-كىشى سۈكۈت قىلىۋەرسە بوزەك بولامدۇ؟
-ئاگاھلاندۇرغىنىڭ باشقا، سۈكۈت باشقا .
-چۈشەنمىدىم؟
-سەن بىلگىنىڭنى ئەلدىن ئايىما. ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توس. ئەمما چالۋاقاپ كەتمە!
-نېمە ئۈچۈن؟
-ئىشلارنىڭ ئىختىيار تىزگىنى سېنىڭ قولۇڭدا ئەمەس.
-يەنىلا چۈشەنمىدىم.
-زامانداشلىرىڭنىڭ تولىسى، ئەڭ ئەقەللىيسى يامانلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. سەن سۆزلىسەڭ زاڭلىق قىلىدۇ. چۈنكى بۈگۈن ھېچكىم سەندىن«ماۋۇ ئىش يامانمۇ ئەمەس؟»دەپ سورىمايدۇ. ئۇلار ھەتتا يامان يەرلىرىنىمۇ ياپمايۋاتسا، سۆزۈڭنى ئەڭ يېقىن ھەمرىھىڭمۇ قېتىغا ئالمايدۇ. شۇڭا سۆزۈڭنى ئېيتالايسەنكى، ئاڭلىتالمايسەن.
-سەۋەبى نېمىدۇر؟
-زامانداشلىرىڭ ياخشى بىلەن ئادەتنى ئارلاشتۇرۋالغان، بىلگىنكى، ياخشى بىلەن ئادەت ئارىلىشىپ كەتكەن قوۋم نادانلىققا مايىل بولىدۇ.
-ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇنى بىلىدىغۇ؟
-شۇنداق، ئىشلارنىڭ كۆپى بىلمەسلىكتىن، نادانلىقتىن بولىدۇ. يەنە بىلىپ تۇرۇپ، خۇپسەنلىكتىنمۇ بولىدۇ.
-مەن نېمە قىلسام بولىدۇ؟
-سۈكۈت قىل!
-ئۇنى قانداق ئۆگىنىمەن؟
-زاماننىڭ رەپتارى ئۇنى ساڭا ئۆگىتىدۇ. بىراق ئەخلاقلىق بۇلۇش ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىندۇر.