قىز غۇرۇرى
–
توز مەسەللىك بولالمىساڭمۇ،
مەيلى بولغىن شاخلاردا غۇنچە.
ئەدەب-ئەردەم ھەمرايىڭ بولسۇن،
ئۈزۈلمىسۇن رىشتىدىن ئۈنچە.
–
شىجائەتتە ئىپاردەك بول،
نۇمۇسۇڭچۈن ئۆلسەڭمۇ ئۆلگىن.
قىزىم دۇنيا سېنىڭ قولۇڭدا،
ئەخلاق بىلەن قايتا تىرىلگىن.
–
قىزىم، سەن بىر مىللەتنىڭ ئانىسى، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ تەربىيىچىسى، سەندىن ئۈمۈد قىلىدىغىنىم ئاددىيلا.
سېنىڭ ۋىجدان-غۇرۇرلۇق بۇلۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن، يۇقىرىنىڭ ساڭا قىزلىق غۇرۇر، ئەخلاق، بىلىم، ئەدەپ ئاتا قىلىشىنى ھەر ۋاقىت تىلەيمەن!
بىر مىللەتنىڭ قىزلىرى ئەخلاقسىز بولدى دېمەك، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنى تەربىيەلەش جەھەتتە كەينىگە چېكىندى دېمەكتۇر. كىيىم كىيىشتە ۋە ياكى يۈرۈش-تۇرۇش ھەممە جەھەتلەردە بولسۇن، كىشىلەر ئەخلاق نۇقتىسىدىن ساڭا ھەۋەس قىلغۇدەك ياشا! شۇندىلا بۇ ھاياتتا ياشىغىنىڭنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تاپىسەن.
قىزىم، سېنى « يەتتە قىز، ئىپار، نۇۇم» دەك جاسارەتلىك قىزلىرىمىزنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ، ئىرادىلىك، جاسارەتلىك قىز بولۇپ يېتىشىپ چىقسا ئىكەن دەيمەن.
قىزىم، بۇ دۇنيا بىر ئۆتكۈنچى شامالدۇر، ھاياتنىڭ بىردەملىك قىزغىنلىقىغا، گۈزەللىكىگە بېرىلمە! قىزلىق غۇرۇرۇڭنى جېنىڭدىن ئەزىز بىلگىن. قىزلىق غۇرۇرىنى يوقاتقان كىشىدە ئەخلاقمۇ، مېھرى-مۇھەببەتمۇ بولمايدۇ. بۇنداق ئىنساننىڭ ھايۋاندىن پەرقى يوق. بىلگىنكى، سەن قىزلىق غۇرۇر ئاچقۇچۇڭدىن ئايرىلغان كۈنۈڭ، سېنىڭ تىرىك تۇرۇپ ئۆلگەن كۈنۈڭدۇر.
قىزىم، سېنىڭ پاك قەلب، گۈزەل روھقا ئىگە بىر قىز بولۇپ چىقىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن!