كىنوخۇمارلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر

كىنوخۇمارلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر بىر يىلدىن بېرى تۈنى ئانچە-مۇنچە ئۆگۈنىۋېلىپ، ھەر ھالدا ئازراق چالا ساۋاتلىق بولۇپ قالدىمدە، دەرھاللا تۈ ئاۋازلىق فىلىملەرنى كۆرۈشكە باشلىدىم. لېكىن بۇ يەردە بىر قىيىنچىلىق چىقتى. بۇرۇن ھەممە تور نورمال ئېچىلىدىغان ۋاقىتلاردا قانداقلا فىلىم ئىزدىسەم قىينالمايلا تاپاتتىم. ھازىر كۆپىنچە چەتئەلنىڭ تور بەتلىرى ئېچىلمايدىغان بولغاچ، تۈ ئاۋازلىق فىلىملەرنى تېپىشمۇ قىيىنغا چۈشتى. بىر كۈنى […]

ھايات ھەقىقەتەن تاتلىق ئىكەن

ھايات ھەقىقەتەن تاتلىق ئىكەن ئىنساننىڭ تەبىئىتى شۇ بولسا كېرەك، بىر ئىش ئالدىمىزغا كەلگىچە تازا چوڭ سۆزلەيدىكەنمىز، ۋاقتى-سائىتى كېلىپ، شۇ ئىشقا دۇچار بولۇپ قالساق بۇرۇن قىلغان نوچىلىقىمىزدىن ئەسەرمۇ قالمايدىكەن. خېلى بۇرۇندىن تارتىپ دائىم دەيدىغان گېپىم، ھامان بىرلا ئۆلۈمغۇ، ئۆلۈمدىن ئۇنچىۋالا قورقۇش كەتمەيدۇ دەيىتتىم. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە چوڭ بولۇپتىمەن، نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپتىمەن، بۇ ھاياتتىن يەنى […]

مېنىڭ سىردىشىم ھەم مۇڭدىشىم قەلەم ۋە قەغەز…

مېنىڭ سىردىشىم ھەم مۇڭدىشىم قەلەم ۋە قەغەز… كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ ئىچ مىجەز ئىدىم. يەنى بىرەر ئىشتىن كۆڭلۈم يېرىم بولسا ۋە ياكى باشقىلاردىن ئازار يېسەم ھېچكىمگە دەرت تۆكمەيىتتىم،تاكى شۇ دەرتنى بىر زامانلارغىچە ئۇنتۇپ كەتكىچە ھەممە ئازابنى ئۆزۈم يالغۇز تارتاتتىم. چوڭ بولدۇم بۇ مىجەزىم يەنىلا ئۆزگەرمىدى. قاچانلاردىندۇر بىر ۋاقىتلاردا ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشىم پەيدا بولغاندىن تارتىپ قولۇمغا قەلەم […]

شۇنداق بىر ئۆيۈم بولسىدى…

شۇنداق بىر ئۆيۈم بولسىدى… بەكمۇ كىچىك ۋاقىتلىرىم ئىدى، كىنولاردا بايلارنىڭ ئېسىل داچىلىرىنى كۆرسەم بەكمۇ ھەۋەس قىلاتتىم. كېيىنكى كۈنلەردە مەنمۇ چوڭ بولسام مۇشۇنداق ئېسىل ئۆيلىرىم بولارمۇ؟ دېگەندەك تاتلىق ئارزۇلارنىمۇ قىلغانىدىم. ھالا بۈگۈنكى كۈنگەكەلگەندە ئەشۇ بايلارنىڭ داچىلىرىدەك كاتتا ئۆيۈم بولمىسىمۇ، ئۆزۈمگە لايىق بىر ماكانىم بار بولدى. لېكىن نېمىشقىدۇر كۈندىن-كۈنگە شۇنداق بىر ئۆيۈم بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىپ قالدىم. […]

يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ

يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ مۇشۇ كۈنلەردە كىشىلەرنىڭ يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ دېگەن سۆزىنى ھەقىقەتەن ھېس قىلىۋاتىمەن. بەزىدە تۇرۇپلا يۈرىكىم قاتتىق ئاغرىيدۇ، يۈرىكىمنى قولۇمغا ئېلىپ كۆرۈپ باققۇم كېلىدۇ، ئۆيدە بىر ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئولتۇراتتىم، بۈگۈن ھاۋا سوغۇق بولغاچ ھېچ ئىش قىلىش خوش ياقمايۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلدى، ئىشىكنى ئېچىۋېدىم، ئەللىك ياشلاردا بار بىر ئەر كىشى ئېغىزىنى ئۆمەللەيدۇيۇ گەپ چىقمايدۇ، چىراي-تۇرقىدىن، […]

قار ئۇچقۇنلىرى

قار ئۇچقۇنلىرى ئاق رەڭنى ھەممە ئادەم ياقتۇرىدۇ، ياقتۇرمايدىغان ھېچكىم بولمىسا كېرەك. ئاق رەڭگە قارىغانسېرى ئادەمنىڭ قەلبىدىكى قاراڭغۇلۇقلار يوقاپ، قەلبىڭ شۇ ئاق رەڭدەك پاكىز بوپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولىسەن. قىش كۈنلىرى پاكىز ئاق رەڭنى ئۇچراتمىقىڭ بەكلا تەس، نەگىلا قارىما ئەتراپ بىر خىل غۇۋا. قىشتا قالىغان ئوتلاردىن ھەممە ياق ئىس تارتىپ ئۆزگىرەپ كەتكەن.  سىرتقا چىقساملا ھەممە ياقنى كۆزىتىپ […]

بىلوگقا ئىنكاس يازالماسلىق خاتالىقى ئوڭشالدى

بىلوگقا ئىنكاس يازالماسلىق خاتالىقى ئوڭشالدى تېچلىقمۇ بىلوگداشلىرىم مانا ھەش-پەش دېگۈچە بىلوگ ئېچىۋاتقىلى بەش يىل بوپتۇ. بۇ بەش يىل جەريانىدا تېمىلاردا ئىنكاس ئارقىلىق سىلەر بىلەن ھال-مۇڭ بولۇشۇپ كەپتىمىز، ۋاقىت نېمە دېگەن تېز ئۆتكەن. بلوگ قۇرغىلى بۇنچە ئۇزۇن بولغاندەك ھېس قىلمىغانىدىم، ھېساپلاپ باقسام شۇنچە ئۇزۇن بولۇپ كېتىپتۇ. ھەممەيلەن بۇ بەش يىل جەريانىدا نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپتىمىز، قسىسقىسى […]