ھەر بىر كۆز بىر دۇنيا…

ھەر بىر كۆز بىر دۇنيا… يېقىندىن بېرى كۆزۈم سەل تورلىشىدىغان بولۇۋېلىپ تەكشۈرتۈپ باقاي دەپ دوختۇرخانىدا نۆۋەت كۈتۈپ ئولتۇرماقتىمەن. مۇتەخەسسىس ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا شۇ يەرنىڭ كۈزەتكۈچىسىدەك كىرگەن-چىققانلارنى بىر-بىرلەپ مۇلاھىزە قىلىپ ئولتۇردۇم. ئۆيدىن خېلى سەھەر چىقتىم دەپ ئويلىغانىدىم، يەنىلا كېچىكىپ قاپتىمەن. ئادەم باشقا ۋاقىتلاردا بىرەر سائەتلەپ بىكار تۇرساڭمۇ ۋاقىت ئۇنچە ئۇزۇن بىلىنمەيدۇ. مۇشۇ بىرەر ئىشنى بېجىرگىلى ئىدارە-ئورگانلاردا […]

ھاياتتىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىم

ھاياتتىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىم ئىنسان ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان ئارزۇ-ئارمانلارنى قىلىدىكەن. بۇ ئارزۇلارنىڭ كۆپىنچىسى غايىۋى خىياللار بولسىمۇ بەزىبىرلىرى ئەمەلگە ئېشىپمۇ قالىدىكەن. مانا بۇ رېئال تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق سىناقلىرى. رېئال تۇرمۇش ئۇ كىنو ئەمەس، شېرىن خياللىرىڭ بىردەمدىلا ئەمەلگە ئاشىدىغان، يېشىللىققا پۈركەنگەن دالىلاردا تايچاقلاردەك سەكرەپ بەخىت ئىلكىدە ئەللەيلىنىدىغان. ئۇ سېنىڭ ئويلىغىنىڭدىنمۇ قىيىن مۇرەككەپ بىر جەريانكى، ئۇنىڭ قىيىنلىقىدىن گاڭگىراپ نېمە قىلىشنى، نەگە مېڭىشنى، […]

سارغايغان يوپۇرماق

سارغايغان يوپۇرماق كۈز ئايلىرى ئاخىرلىشىپ قىشنىڭ سوغۇق ھاۋاسى ئاستا-ئاستا باشلاندى. كۈزنىڭ ھەممە ئەتراپ ساپ-سېرىق گۈزەللىككە تويۇنغان ھالىتىنى ئەمدى كۆرەلمەيدىغان بولدۇم. نېمىشقىدۇر كۈز پەسلىگە ئالاھىدە ئامراقمەن. مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ھەممە يەردە دائىم ئۇچرىتىپ قالىمەن، <<دەرەخنىڭ قەدرىنى بىلمەي يەرگە چۈشكەن يوپۇرماق، شامالغا ئويۇنچۇق، يەرگە ئەخلەت>> بىر ئويلىسام بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بەكلا چوڭقۇردەك، يەنە بىر ئويلىسام بۇ […]

ھايات ھەقىقەتەن تاتلىق ئىكەن

ھايات ھەقىقەتەن تاتلىق ئىكەن ئىنساننىڭ تەبىئىتى شۇ بولسا كېرەك، بىر ئىش ئالدىمىزغا كەلگىچە تازا چوڭ سۆزلەيدىكەنمىز، ۋاقتى-سائىتى كېلىپ، شۇ ئىشقا دۇچار بولۇپ قالساق بۇرۇن قىلغان نوچىلىقىمىزدىن ئەسەرمۇ قالمايدىكەن. خېلى بۇرۇندىن تارتىپ دائىم دەيدىغان گېپىم، ھامان بىرلا ئۆلۈمغۇ، ئۆلۈمدىن ئۇنچىۋالا قورقۇش كەتمەيدۇ دەيىتتىم. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە چوڭ بولۇپتىمەن، نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپتىمەن، بۇ ھاياتتىن يەنى […]

مېنىڭ سىردىشىم ھەم مۇڭدىشىم قەلەم ۋە قەغەز…

مېنىڭ سىردىشىم ھەم مۇڭدىشىم قەلەم ۋە قەغەز… كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ ئىچ مىجەز ئىدىم. يەنى بىرەر ئىشتىن كۆڭلۈم يېرىم بولسا ۋە ياكى باشقىلاردىن ئازار يېسەم ھېچكىمگە دەرت تۆكمەيىتتىم،تاكى شۇ دەرتنى بىر زامانلارغىچە ئۇنتۇپ كەتكىچە ھەممە ئازابنى ئۆزۈم يالغۇز تارتاتتىم. چوڭ بولدۇم بۇ مىجەزىم يەنىلا ئۆزگەرمىدى. قاچانلاردىندۇر بىر ۋاقىتلاردا ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشىم پەيدا بولغاندىن تارتىپ قولۇمغا قەلەم […]

شۇنداق بىر ئۆيۈم بولسىدى…

شۇنداق بىر ئۆيۈم بولسىدى… بەكمۇ كىچىك ۋاقىتلىرىم ئىدى، كىنولاردا بايلارنىڭ ئېسىل داچىلىرىنى كۆرسەم بەكمۇ ھەۋەس قىلاتتىم. كېيىنكى كۈنلەردە مەنمۇ چوڭ بولسام مۇشۇنداق ئېسىل ئۆيلىرىم بولارمۇ؟ دېگەندەك تاتلىق ئارزۇلارنىمۇ قىلغانىدىم. ھالا بۈگۈنكى كۈنگەكەلگەندە ئەشۇ بايلارنىڭ داچىلىرىدەك كاتتا ئۆيۈم بولمىسىمۇ، ئۆزۈمگە لايىق بىر ماكانىم بار بولدى. لېكىن نېمىشقىدۇر كۈندىن-كۈنگە شۇنداق بىر ئۆيۈم بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىپ قالدىم. […]

قار ئۇچقۇنلىرى

قار ئۇچقۇنلىرى ئاق رەڭنى ھەممە ئادەم ياقتۇرىدۇ، ياقتۇرمايدىغان ھېچكىم بولمىسا كېرەك. ئاق رەڭگە قارىغانسېرى ئادەمنىڭ قەلبىدىكى قاراڭغۇلۇقلار يوقاپ، قەلبىڭ شۇ ئاق رەڭدەك پاكىز بوپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولىسەن. قىش كۈنلىرى پاكىز ئاق رەڭنى ئۇچراتمىقىڭ بەكلا تەس، نەگىلا قارىما ئەتراپ بىر خىل غۇۋا. قىشتا قالىغان ئوتلاردىن ھەممە ياق ئىس تارتىپ ئۆزگىرەپ كەتكەن.  سىرتقا چىقساملا ھەممە ياقنى كۆزىتىپ […]