قىز غۇرۇرى

توز مەسەللىك بولالمىساڭمۇ،
مەيلى بولغىن شاخلاردا غۇنچە.
ئەدەب-ئەردەم ھەمرايىڭ بولسۇن،
ئۈزۈلمىسۇن رىشتىدىن ئۈنچە.

شىجائەتتە ئىپارخاندەك بول،
نۇمۇسۇڭچۈن ئۆلسەڭمۇ ئۆلگىن.
قىزىم دۇنيا سېنىڭ قولۇڭدا،
ئەخلاق بىلەن قايتا تىرىلگىن.


قىزىم، سەن بىر مىللەتنىڭ ئانىسى، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ تەربىيىچىسى، سەندىن ئۈمۈد قىلىدىغىنىم ئاددىيلا.
سېنىڭ ۋىجدان-غۇرۇرلۇق بۇلۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن، تەڭرىنىڭ ساڭا ئىپپەت، ئەخلاق، بىلىم، ئەدەپ-ئەخلاق ئاتا قىلىشىنى ھەر ۋاقىت تىلەيمەن!
بىر مىللەتنىڭ قىزلىرى ئەخلاقسىز بولدى دېمەك، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنى تەربىيەلەش جەھەتتە كەينىگە چېكىندى دېمەكتۇر. كىيىم كىيىشتە ۋە ياكى يۈرۈش-تۇرۇش ھەممە جەھەتلەردە بولسۇن، كىشىلەر ئەخلاق نۇقتىسىدىن ساڭا ھەۋەس قىلغۇدەك ياشا! شۇندىلا بۇ ھاياتتا ياشىغىنىڭنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تاپىسەن.
قىزىم، سېنى « يەتتە قىزلىرىم، ئىپارخان، نۇزۇگۇم» دەك جاسارەتلىك قىزلىرىمىزنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ، ئىرادىلىك، جاسارەتلىك قىز بولۇپ يېتىشىپ چىقسا ئىكەن دەيمەن.
قىزىم، بۇ دۇنيا بىر ئۆتكۈنچى شامالدۇر، ھاياتنىڭ بىردەملىك قىزغىنلىقىغا، گۈزەللىكىگە بېرىلمە! ئىپپەتنى جېنىڭدىن ئەزىز بىلگىن. ئىپپەتنى يوقاتقان كىشىدە ئەخلاقمۇ، مېھرى-مۇھەببەتمۇ بولمايدۇ. بۇنداق ئىنساننىڭ ھايۋاندىن پەرقى يوق. بىلگىنكى، سەن ئىپپەت ئاچقۇچۇڭدىن ئايرىلغان كۈنۈڭ، سېنىڭ تىرىك تۇرۇپ ئۆلگەن كۈنۈڭدۇر.
قىزىم، سېنىڭ پاك قەلب، گۈزەل روھقا ئىگە بىر قىز بولۇپ چىقىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن!