بىلوگچىلىق ھاياتىمنى ئەسلەپ…

تەسىرات ئۈنچىلىرى 2018-09-05 04:47 2,033 17

بلوگچىلىق ھاياتىمنى ئەسلەپ…

Blog

سالام، ئەزىز ئوقۇرمەنلىرىم، سىرداشلىرىم، قەلبداشلىرىم…

بلوگىمغا يېڭى يازما يوللىمىغىلى ساق بىر يىل بوپتۇ. بۇ بىر يىل ئىچىدە يېڭى يازما يوللىماي نېمە ئىش قىلدىڭ؟ دېيىشىڭلار مۇمكىن، سۆزلەپ كەلسەم گەپ بەك جىق. بىر يىل جەريانىدىكى كەچمىشلىرىمنى يېزىپ سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي دېسەم، ئازاب-ئوقۇبەتلىك بىر يىللىق ھاياتىمغا سىلەرمۇ تەڭ جۆر بولۇپ ھېرىپ قالىىسلەر، ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆتۈپ كەتكەن كەچمىشلىرىم شۇ پېتى يېپىقلىق قېپ قالسۇن. ئۆتكەن ئىش ئۆتۈپ كەتتى. يېڭى ھاياتىم، يېڭى يازمىلىرىمدا سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ، بلوگىمغا يازما يوللىمىغىلى بىر يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە سىلەر بىلەن قەلىمىم ئارقىلىق دىدارلىشىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

ئويلاپ باقسام بلوگچىلىق ھاياتىمنى باشلىغىلىمۇ ھەش-پەش دېگۈچە ئون يىلدىن ئېشىپتۇ. بلوگچىلىق ھاياتىمنى باشلىغانلىقىمنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرلەپ ھەمدە يازما يوللىماي تاشلىۋەتكىلى بىر يىل بولغان بلوگىمنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇشبۇ يازمىنى يېزىۋاتىمەن.

ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، بلوگىمنىڭ باش بېتىدىكى <<جۇلالىق بلوگى>> دېگەن يازمامدىمۇ بلوگچىلىق ھاياتىمنى قانداق باشلىغانلىقىم توغرۇلۇق توختۇلۇپ ئۆتكەندىم،

2007-يىلى تۇنجى قېتىم بلوگ يەنى شەخسىي مەھەللە دېگەن ئۇقۇمنى ئازراق ھېس قىلىپ <<شىنجاڭ لىنىيىسى>> تور بېتىنىڭ مەھەللە سەھىپىسىدىن <<جۇلالىق بلوگى>> نامدا شەخسىي مەھەللىدىن بىرنى قۇرۇۋالدىم. گەرچە بۇ مەھەللە شۇ تور بەتنىڭ قوشۇمچە نامدىكى بېتى بولسىمۇ مەن ئۈچۈن تور دۇنياسىدىكى ئۆزۈم ئەركىن-ئازادە باشقۇرالايدىغان ماڭا خاس تەۋە ئۆيۈم ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي تور بەت تاقىلىش بىلەن بىرگە مەھەللەم يوق بوپ كېتىپ، بىر يىلدىن كېيىن بلوگباستىن يەنىلا قوشۇمچە نامدىكى بلوگدىن بىرنى قۇرغانمۇ بولدۇم. تۇنجى مەھەللەم تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەندىن كېيىنكى تەشۋىشلەر ئىچىدە بلوگباسنى ئاۋات قىلىپ تاققا-تۇققا يازمىلارنى يوللاپ تۇردۇم. لېكىن كۆڭلۈمدە بۇ تور بەتمۇ تاقىلىپ قالارمۇ؟ دەيدىغان ئەندىشە بار ئىدى. نېمىلا دېگەن بىلەن بەتنىڭ باشقۇرىشى باشقىلارنىڭ ئىلكىدە قاچان تاقىۋەتكۈسى كەلسە تاقىۋېتىدۇ. تەشۋىشلەر ئىچىدە ئىككى يىللىق بلوگ ھاياتىم ئۆتۈپ كەتتى. كېيىن تور دۇنياسىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ مەنمۇ پىشىپ يېتىلىدىم، بلوگدىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇممۇ ماڭا خېلىلا ئايدىڭلاشتى. ئاخىرى بىر قارارغا كەلدىمدە، ئىسىم ۋە بوشلۇق ئېلىپ ھازىر سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردىكى ئاددىي ماكانىمنى قۇرۇپ چىقتىم. نەچچە يىللىق بلوگچىلىق ھاياتىمدا نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم، بلوگنى نەچچە قېتىم تاقىۋەتمەكچىمۇ بولدۇم، يەنىلا تاقىمىدىم. نېمىشقا دېسەڭلار، بلوگ مېنىڭ مۇڭدىشىم، سىردىشىم، قەلبدىشىم ئىدى. بلوگىمدا مەن بىلەن سىرداش نۇرغۇنلىغان ئوقۇرمەنلىرىم، دوستلىرىم، پىكىرداشلىرىم بار. بلوگىمنى تاقىۋەتسەم ئۇلار بىلەن نەدە مۇڭدىشىپ سىردىشىمەن؟ مانا مۇشۇنداق تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن بۇ ئاددىي بلوگىم ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. نەچچە يىللار ئىلگىرى توردىكى يېقىن دوستلار، تونۇش-بىلىشلەر ئارىسىدا بلوگ قۇرۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ، بلوگچىلىق خېلىلا تەرەققىي قىلغانىدى. لېكىن ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نورمال ئېچىلىدىغان بلوگلارنى بارماقتا ساناپ بەرگىلى بولىدۇ. پات-پات شۇ ۋاقىتلاردىكى بلوگ قىزغىنلىقىنى ئەسلەپ قالىمەن. ئۇ چاغلاردا بىر-بىرىمىزنىڭ بلوگلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئىنكاسلارنى يېزىشىپ كېتەتتۇق. كەيپىيات شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك، قىزغىن ئىدى. بەزى ۋاقىتلاردا جىددىي ئىشىمىز چىقىپ قالسا كومپيۇتېر ئالدىدىن قوپقىمىز كەلمەي، توردىكى شۇ خۇشال كەيپىاتىمىزدىن ۋاز كەچكىمىز كەلمەيتتى. شۇ كۈنلىرىمىزمۇ كەلمەسكە كەتتى. بەلكىم بىر كۈنلەردە بلوگچىلىق يەنە شۇنداق تەرەققىي قىلار…

بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئەقلىفۇن دەۋرى تېزلا تەرەققىي قىلىپ، بىزلەر بۇرۇنقىدەك تورغا چىقىش ئۈچۈن كومپيۇتېر ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرمايدىغان، خىزمەت ئورنىمىزدا ياكى يولدا كېتىۋاتقان بولساقمۇ نەدىلا بولايلى تورغا، بلوگلارغا بىمالال چىقىۋېرىدىغان بولدۇق. ئەقلىفۇن نەچچە يىل ئىلگىرىمۇ بار ئىدى، بىراق ھازىرقىدەك پۈتۈنلەي كومپيۇتېرنىڭ ئورنىنى ئىگەللىمىگەن. ئۈندىداردىن ئ‍ىبارەت ئۇچۇر سېستىمىسى قاچان پەيدا بولدى، بلوگچىلىق شۇنىڭدىن تارتىپ كۈنسېرى خارابلىششىقا يۈزلەندى. بۇرۇن بلوگ ئېچىپ يازما ئارقىلىق باشقىلار بىلەن پىكىرلىشىدىغانلار سالون ئېچىپ بلوگچىلىقتىن ۋاز كەچتى. ئىنسان بىردەملىك قىزغىنلىقتا نۇرغۇن ئىشلارنى روياپقا چىقىرالايدۇ. باشلىغان شۇ ئىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدىكەن. لېكىن مەندەك كونىلىقنى تاشلىماي يەنىلا شۇ كونا مۇقامدىكى بلوگچىلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلار بەكلا ئاز قالدۇق. چۈنكى مېنىڭ ھاياتىمدا بلوگىمدەك قەلب سىرلىرىمنى تىڭشاپ ماڭا جۆر بولىدىغان سىرداش دوستۇم يوق. تۇرمۇشۇمدا مەيلى خۇشاللىق بولسۇن ۋە ياكى غەم-قايغۇ بولسۇن ھامان بلوگىم بىلەن ئورتاقلىشىمەن. تېنىم ساق، خاتىرجەملا بولىدىكەنمەن بلوگىمنى ئاخىرغىچە ئاچىمەن، بلوگىمدىكى قەلبداشلىرىم بىلەن سىردىشىپ تۇرىمەن. خۇلاسە كالام، مانا بۇ مېنىڭ بلوگچىلىق ھاياتىم.

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 17 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    ئالۋۇن 2018-09-12 07:54

    سالام ئەزىز بىلوگداشلىرىم …
    سالامەت تۇرۇپسىزبلوگدىشىم ، يىڭى يازمىڭىزنى كۈرۈپ تۇلىمۇ خۇش بولدۇم .
    يازمىڭىزنى ئۇقۇپ مىنىڭمۇ ئۈتۈپ كەتكەن كەچمىشلىرىم خىيالىمدىمدىن بىر _ بىرلەپ ئۈتتى …
    مەنمۇ بلوگنى تاشلاپ قويغان ئىدىم ، نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇيغۇربەگ بىگىمنىڭ كەپىسىنى ئويلاپ ئادرىسىنى بىسىپ ساپتىمەن تۇيۇقسىز ئىچىلىپ قالدى شۇنداق خۇشال بۇلۇپ كەتتىم سەۋەبىنى ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن . شۇنىڭدىن بىرى ئارلاپ ئارلاپ بلوگداشلارنى يوقلايدىغان بۇلۇپ قالدىم ، بۈگۈنمۇ مانا جۇلالىق بلوگىنىڭ يىڭىلانغىننى كۈرۈپ مەندە يەنە قايتا بلوگ يىزىش ئىستىكى قوزغالدى .
    بۇندىن كىيىن تاشلىنىپ قالغان بلوگلارنىڭ قايتىدىن جانلىشىنى ئۈمۈت قىلىم قىلىمەن .
    سالامەت بۇلۇڭلار بلوگداشلىرىم …

    جۇلالىق

    سىزمۇ ياخشى تۇرۇپسىزمۇ؟ سىزگىمۇ سالاملار بولسۇن.
    بۇ بىر يىلدىن بېرى نەچچە قېتىم يېڭى يازما يوللاي دەپ قولۇمغا قەلەم ئالدىميۇ، لېكىن كاللام قۇپقۇرۇق ھېچنەرسە يازالمىدىم. بۇرۇندىن مەجبۇرىي بىر نەرسىلەرنى ئويلاپ يازما يازالمايمەن ھەم يازغۇم كەلمەيدۇ. زورلاپ يېزىلغان ئەسەر ئوقۇرمەنلەرنى ھاردۇرۇپ ئۇلارغا مەنىۋىي ئوزۇق ئاتا قىلالمايدۇ. شۇڭا بلوگىمنى شۇ پېتى تاشلاپ قويدۇم. ئەمدى تېچ-ئامانچىلىق بولسا ئايدا بىر يېڭى يازمامنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن. ئۇنىڭدىن جىقىنى تاما قىلماڭلار جۇمۇ، (چ چ دىكى ئوتتۇز ئىككى چىشىنى چىقىرىپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)
    سىزمۇ بلوگچىلىقنى تاشلىۋەتمەڭ داۋاملاشتۇرۇڭ، بىزدەك قېرى بلوگچىلاردىن بەك ئاز قالدۇق. ئەينى ۋاقىتتىكى بلوگچىلىقىمىزنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن بىزلەر بولسىمۇ تىرىشىپ-تىرماشقاچ تۇرايلى.
    بەگ ئىنىمنىڭ بلوگىنى مەنمۇ پات-پات ئېچىپ باقاتتىم، يەنىلا تاقاق ئىدى، سىز ئېچىلىپتۇ دېگەنىدىڭىز دەرھال مەن بىلىدىغان ئادرېسلارنى باسسام يەنىلا ئېچىلماي قويدىغۇ؟ قايسى ئادرېستا ئوچۇق ئىكەن بىر قالدۇرىۋېتىڭە.
    سىزمۇ سالامەت بولۇڭ!

  •   #2  

    تىۋىش 2018-09-17 10:12

    (بۇ يەردە بىر خۇشاللىقتىن كۈلۈمسىرىگەن، ئۇھ دېگىنىچە چاقنىغان بىر كۆزنىڭ ئىپادىسى بار)

    ئاخىرى يېڭىلىدىڭىز بلوگنى. بەك خوش بولدۇم.
    دېگىنىڭىزدەك بولوگچىلىق بىر زامانلاردا بەك جانلانغان ئىدى. مەنمۇ شۇ جانلىنىشنىڭ تەسىرىدە بۇ ساھەگە سىغىلىپ كىرىۋالغان ئىدىم. ئالى مەكتەپتىكى ۋاقىتتا بوش قالساملا بلوگلارنى ئارىلايتتىم، پىكىرلىشەتتىم. ھازىر بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرغاچ ئۇنچە كۆپ ۋاقىتمۇ چىقىرالمايدىغان بوپ قالدىم. شۇنداقتىمۇ بلوگلارنى پات-پات زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن. سىز دېگەندەك ساناقلىق بلوگلا قالدى. ئۆزۈممۇ ئۇزاق بولدى بلوگنى يېڭىلاپ باقمىدىم، لېكىن تاشلىۋەتكۈم كەلمەيدۇ. چۈنكى بلوگ مېنى بىر نەرسىلەرگە ئۈندەيدۇ، ماڭا ھوي دېمەيدۇ، ئىككىنجى ياخشى سىردىشىم بولالايدۇ. ھەم بۇ يەردە قايغۇلىرىمنى ئەمەس، خۇشاللىقىىرىمنى، ئۈمۈد تىۋىشلىرىنى ساننى بارمىقىمىزدىنمۇ ئاز بولغان ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشالايمەن. ھازىرمۇ جاھىللىق ۋە ئۈمۈد بىلەن بلوگ يېزىۋاتقان سىزگە ئوخشاش بىر قېتىممۇ كۆرۈشۈپ باقمىغان، تور تەخەللۇسىمىز بىلەن بىر-بىرىمىزگە تونۇلغان دوستلارنىڭ خۇشاللىقىغا ھەمدەم بولالايمەن…..

    سالامەتلىك، ئاسايىشلىق سىزگە يار بولسۇن، دېگەن تىلەكلىرىم بىلەن..
    يېڭى يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرايلى بۇندىن كېيىن

    جۇلالىق

    بلوگداشلىرىم بىلىدۇ، بلوگىمغا چوقۇم ئۆزۈمنىڭ ئىجادىي يازمامنى يوللايمەن، قاچانىكى ئەتراپىمدىكى ئىشلار ھېس-تۇيغۇلىرىمغا تەسىر قىلىپ ئىلھام كەلسە ئاندىن يازمامنى يېزىشنى باشلاپ كېتىمەن. بۇ ئارىدا قولۇمغا قەلەمنى ئېلىپ يازماقچى بولدۇميۇ يەنىلا يازالمىدىم. زورلاپ يېزىلغان تاققا-تۇققۇلارنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغۇم كەلمىدى. شۇنداق قىلىپ بىر مەزگىل بلوگىم تاشلىنىپ قالدى. ئەمدى جۆيلۈشلىرىمنى ئوقۇپ تۇرىسىلەر.
    بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە ھەممەيلەننىڭ ئىشلىرى ئالدىراش، ئۆزىگە چۈشلۈق ھەر تۈرلۈك ئىشلىرى كۆپ، سىزدەك، مەندەك بلوگچىلىقنى تاشلىۋەتمەي داۋاملاشتۇرۇۋاتقان جاھىللار بلوگ ئويناپ يۈرۈۋاتىمىز. بىزدىن كېيىن تور دۇنياسىنى بىلگەن بالىلار ئۈندىدار ئويناپ چاڭ چىقىرىۋاتىدۇ. لېكىن بىزلەر ئۇنداق قىلالمىدۇق ھەم قىلالمايدىكەنمىز، بلوگچىلىقمۇ مەلۇم دەرىجىدە سەۋىيە، ئىزچىللىق تەلەپ قىلىدىكەن. بولۇپمۇ مەن مۇشۇ ئۈندىدار دېگەن دېتال بىلەن پەقەت ئېپىم كېلىشمەيدۇ، ھېلىھەم چ چ غا باشقىچە مېھرىم بار، چ چ نى پات-پات ئېچىپ قويىمەن. ئۈندىدار ئىشلەتمىدىم دېسەم يالغان گەپ بولىدۇ، ئىشلەتتىم لېكىن ئۇنچىۋالا بېرىلىپ كەتمىدىم، ھازىرقى يېقىنلار ئۈندىدارنى ئاساس قىلىپ ئىشلىتىۋاتقاچقا ئېھتىياج تۈپەيلى ئىشلىتىپ قويدۇم.
    مېنىڭمۇ نەچچە قېتىم بلوگنى تاقىۋېتەيمۇ دېگەن خىياللىرىممۇ بولغان يەنىلا تاقىۋەتمىدىم، تاقىۋەتكۈم كەلمىدى. تېمىدا ئېيىتقاندەك بلوگ مېنىڭ سىردىشىم، مۇڭدىشىم. مەيلى خۇشال بولاي ياكى خاپا بولاي، بلوگىمغا دەرتلىرىمنى تۆكۈپ يازسام ماڭا مۇڭداش بوپ بېرىدۇ. بۇ يەردە مېنى تونۇمايدىغان مەنمۇ ئۇلارنى تونۇمايدىغان سىرداشلىرىم بار. ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىمەن سىردىشىمەن. چۈنكى بىزلەرنىڭ قەلبىمىز تونۇشىدۇ، پىكىرلىرىمىز ئورتاقلىققا ئىگە. مانا بۇ تور ھاياتى، بلوگ ھاياتى.
    قانداقتۇر بەزىلەر ئويۇن-تاماشانىڭ، بۇزۇقچىلىقنىڭ ماكانى قىلىۋالغان تور دۇنياسى ئەمەس، بىزدەك جاھىللارنىڭ بىلىم ماكانىمىز.
    ئاخىرىدا سىزنىڭمۇ ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق، ئاسانلىق تىلەيمەن!

  •   #3  

    ئالۋۇن 2018-09-29 06:27

    بەگ بۇرادەر ئەسلىدىكى كەپىسىنى ئىچىۋاپتۇ …
    https://uyghurbeg.net/

    جۇلالىق

    بەگ ئىنىمنىڭ بلوگى ئاخىرى ئېچىلىپتۇ، بلوگچىلىقىمىزدا ئۈمۈد بار. بلوگچىلىق بىر كۈنلەردە چاقنايدۇ.

  •   #4  

    ئابدۇسالام 2018-10-07 08:25

    بىلوگىڭىزدىكى مۇزىكىلارنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم بولسا مۇزىكىنى چۈشۈرگىلى بولىدىغان قىلغان بولسىڭىز ياكى ئىسمىنى چىقىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويغان بولسىڭىز

    جۇلالىق

    بلوگدىكى مۇزىكىلارنى ئاسانلا چۈشۈرەلەيسىز، كومپيۇتېرغا چاقماق قاچىلانغان بولسىلا، مۇزىكا قويغۇچقا مائۇسنى ئەكەلسىڭىز چىقىۋاتقان شۇ مۇزىكىنى چۈشۈرۈش بەلگىسى چىقىدۇ. ئۇنىڭدىمۇ چۈشۈرەلمىسىڭىز، مەن مۇزىكىلارنى بىرەر بوشلۇققا چىقىرىپ ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قوياي.

  •   #5  

    ئابدۇسالام 2018-11-02 23:09

    بولىدۇ رەھمەت

  •   #6  

    ئەلداربەگ 2018-11-16 07:43

    سالام ئەزىزلەر …
    بىلوگ يېزىش ھازىر قىيىن مەسىلىگە ئايلانغان مۇشۇنداق كۈنلەردە تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقىنى كۆرۈپ تۇلىمۇ خۇش بولدۇم ، كەمىنە ئەلداربەگمۇ گەرچە بىلوگنى يۇقاتمىغان بولساممۇ لىكىن تور ئارلاپ پىكىرلىشىدىغان تور ساياھىتى قىلىدىغان ئىشلارنى ئۇزۇن بولدى قىلمىدىم ، لىكىن جۇلالىق بىلوگىنىڭ ئۆزگەرمەي بىزلەر ئۈچۈن مەنىۋى زوق بىرىپ كىلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىل بولدى ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىلوگ كاپىتانىغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن …

    جۇلالىق

    بلوگچىلىق ھاياتىمىزدىكى پىلىلداپ ئۆچەي دەپ قالغان كىچىككىنە ئۈمۈدنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزلۈكسىز تىرىشىۋاتىمەن. بلوگچىلىقنى تاشلىۋەتكۇم يوق، جاھىللىق بىلەن ئالغا سىلجىۋاتىمەن، بەلكىم بىر كۈنلەردە مۇشۇ جاھىللىقىمنىڭ نەتىجىسىنى كۆرەرمەن.

  •   #7  

    ئالۋۇن 2018-12-19 02:41

    بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى تور نامىم ئالمىشىپ ‹‹ ئالۋۇن›› نامىدىن ‹‹ ئەلۋىدا›› تور نامىغا ئالمىشىپ كەتتى ، بۇندىن كىيىن يىڭى نامىمدا ئەسرارلىشارمىز بلوگداشلار …

    جۇلالىق

    يېڭى بلوگىڭىزنى يوقلاپ تۇرىمەن، پىكىرلىشىپ تۇرايلى.

  •   #8  

    ئالۋۇن 2018-12-26 06:57

    يەنە شۇ كونا كىسەل قوزغالدىدە بلوگ نامى يەنە كىچە تاڭ ئاتماستا كورگەن چۈشنىڭ چالا جۈيلىشىدە يەنە ئالمىشىپ كەتتى دىسە …
    نەخ گەپكە كەلسەك ھازىرقى بلوگ نامى بولسا ……..

    http://www.kepem.cn بۇلۇپ كەتتى مۇبارەكلەشنى ئۇنۇتماڭلا ھە ، قۇرۇق ئەمەس جۇمۇ پىكىر تەلەپ بولسا بۇلىۋىردۇ …
    ئۇلانما قىلدىغان دوسلار بولسا تارتىنماي ئۇلىۋىتىڭلا مەنمۇ ئۇلىۋىتەي ھەمكارلىق دەپچۇ …

    جۇلالىق

    ئالۋۇن دېگەن نام سىزگە سىڭىپ قاپتىكەن، يېڭى تور نامىڭىزغىمۇ كۆنۈپ قالارمىز. ئىنسان نېمىگە كۆنمىگەن؟ ھەممىگە كۆنۈپ كەتتۇق.
    كونا سىرداشلارنىڭ بلوگلىرىنى ئەلۋەتتە ئۇلىنىش قىلىۋالىمىز.

  •   #9  

    رۇزخ 2019-04-03 05:38

    بۇرۇنقى تور دۇنياسى بەك گۈزەل ئىدى

    جۇلالىق

    بۇرۇنقى تور دۇنياسى راستىنلا بىر ئەسلىمىگە ئايلىنىپ قالدى. شۇنچىلىك قىزغىنلىق بىلەن مۇنازىرىلىشىپ كېتەتتۇق تېمىلارمۇ سەرخىل ئىدى.