قار ئۇچقۇنلىرى

تەپەككۇر تامچىلىرى 2016-01-04 00:29 2,400 11

قار ئۇچقۇنلىرى

Qar

ئاق رەڭنى ھەممە ئادەم ياقتۇرىدۇ، ياقتۇرمايدىغان ھېچكىم بولمىسا كېرەك. ئاق رەڭگە قارىغانسېرى ئادەمنىڭ قەلبىدىكى قاراڭغۇلۇقلار يوقاپ، قەلبىڭ شۇ ئاق رەڭدەك پاكىز بوپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولىسەن.

قىش كۈنلىرى پاكىز ئاق رەڭنى ئۇچراتمىقىڭ بەكلا تەس، نەگىلا قارىما ئەتراپ بىر خىل غۇۋا. قىشتا قالىغان ئوتلاردىن ھەممە ياق ئىس تارتىپ ئۆزگىرەپ كەتكەن.

 سىرتقا چىقساملا ھەممە ياقنى كۆزىتىپ ماڭىمەن. ئەلۋەتتە، ئەتراپقا قاراپ مېڭىپ ئالدىمدىكىلەرنى كۆرمەي پۇتلىشىپ يۈرمەيمەن. بۇرۇندىن مۇشۇنداق ماڭغاچقىمۇ كۆنۈپ كەتتىم، ھەم ئالدىمغا دىققەت قىلىمەن، ھەم ھەممە ياقنى كۆزىتىپ ماڭىمەن. مەندەك خىيالپەرەستىن باشقىسى بۇنداق قىلمايدۇ بەلكىم. ئەتراپتىن ئاق رەڭنى، پاكىزلىقنى ئىزدەۋاتىمەن. يەنىلا يوق، ھەممە ياق قارايغان، ئاسمانمۇ بۇلۇتلۇق، ھەممە بۇلۇت بىر خىل رەڭدە. خىيالپەرەسلىكىم ئىلكىدە مېڭىۋاتىمەن، تۇيۇقسىز يۈزۈمگە بىر نەرسە چۈشتى، چۆچۈپ ئاسمانغا قارىدىم. پاھ، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، كۆرۈشكە تەقەززا بولغان قار ئۇچقۇنلىرى ئىكەن. قار ئۇچقۇنلىرى بارغانسېرى جىقىيىۋاتىدۇ، مەن ئەسلى قەيەرگە بارماقچى بولۇپ چىققانىدىم، بۇنى ئۇنتۇپلا كەتتىم. پۇتلىرىم قەيەرگە باشلىسا شۇ ياققا قارنى سەيلە قىلىپ مېڭىۋاتىمەن. مېڭىۋاتىمەنيۇ كۆزلىرىم ئاسماندىن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى چۈشۈۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرىدا، خۇددى قار ئۇچقۇنلىرى ھېلى توختاپ قالىدىغاندەك تويماي قارىماقتىمەن. قار بارغانسېرى قېلىن يېغىۋاتىدۇ. ئەمدى ئاسمانغا تىكىلىپ قارىيالماي قالدىم. شىددەت بىلەن چۈشۈۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرى كۆزۈمنى ئېچىشىمغا يول قويمىدى. قار ئۇچقۇنلىرى يۈزۈمگە چۈشۈپ ئېرىپ يۈزلىرىم بىردەمدە مۇزلاپ كەتتى. لېكىن قەلبىم مۇزلىغاندەك ئەمەس، ئاپئاق قار ئۇچقۇنلىرىرىنىڭ يۈزۈمگە چۈشۈپ ئېرىگەن سۇلىرى قەلبىمگە سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ. قەلبىمدىكى بارچە قاراڭغۇلۇقلارنى ئېقىتىپ بىر ياقلارغا ئېلىپ كەتمەكتە، قەلبىم پاك-پاكىز جىممىدە بىر ئىزىدا توختاپ قالغاندەكلا، ھېچ نەرسىنى ھېس قىلمايۋاتىمەن. بارچە ئازاپ-خۇشاللىق ھېچقايسىسى يوق. قەلبىم شۇنچىلىك ئارامچىلىق ئىچىدىكى بۇنى تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. ۋاقىت مۇشۇ ھالەتتە توختاپ قالسىكەن دەپ ئۈمۈد قىلىۋاتىمەن. چۈنكى قار ئۇچقۇنلىرى مېنى ھەممە ئىشلاردىن بىردەملىك بولسىمۇ خالاس قىلغانىدى. ئەمما بۇ مۇمكىنمۇ؟ قار ئۇچقۇنلىرى بارا-بارا ئازلاشقا باشلىدى. مەن ئەنسىرىگەندەك قار ئاخىرى توختىدى. بايىقى تاتلىق سېزىملىرىممۇ ئاللىقاياقلارغا يوقاپ كەتتى. ئەتراپ قارغا چۈمكەلگەن ھەممە ياق شۇنچىلىك پاكىزە، مېڭىۋاتىمەن. بىرەدەم بولسىمۇ پاكىزلىقتىن ھوزۇرلىنىۋالاي، بىردەمدىلا بۇ پاكىزلىقتىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ، ئاپئاق قار كىشىلەرنىڭ ئاياغلىرى ئاستىدا چەيلىنىپ بىردەمدە قاپقارا بولۇپ كېتىدۇ. مېڭىۋاتىمەن. قەدەملىرىم ئاستىدىن قارنىڭ غاراسلىغان ئاۋازلىرى مېنىڭ خىياللىرىمغا تەڭكەش قىلىۋاتىدۇ…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 11 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    alwun 2016-01-04 02:37

    ئاپئاپ قارنى كىم ياقتۇرمايدۇ دەيسىز ، مەن تۈت پەسىلدىكى ئۈزگۈرۈشكە بەكمۇ دىققەت قىلىمەن ، ھەم شۇ پەسىللەردىن ئازراق بولسىمۇ مەنىۋىيتىمنى بىيتىمەن …

    جۇلالىق

    قار نەقەدەر ساپ، قەلبىڭدىن قاراڭغۇ ھېسلارنى پاك-پاكىزە تازىلىۋېتەلەيدۇ. كاشكى، شۇ ئاچچىق ھېسلارنى مېڭەڭدىنمۇ يۇيۇۋىتەلىگەن بولسا؟!

  •   #2  

    جۇلالىق 2016-01-05 23:02

    تىنچلىقمۇ، كىرىپ تۇرسىڭىز، قەلىب تىۋىشلىرىمنىڭ بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ھېسلىرىنى تىڭشىيالايسىز.

  •   #3  

    تىۋىش 2016-01-06 00:48

    بىرۋاقىتلاردا مەنمۇ ئاجايىپ ئامراق ئىدىم قارغا. ئەلۋەتتە، ھازىرمۇ شۇنچىلىك ئامراق. ئەتراپىمدىكى ھاۋادىن قۇيۇق ئىسنىڭ پۇرۇقى كېلىپلا تۇرىدۇ، بەزىدە ئاندا-ساندا قارمۇ يېغىپ قويىدۇ، ئەمما بۇ ئاپئاق قار ئۇچقۇنلىرى يەرگە چۈشۈپ بىردەمدىلا باشقىچە بىر رەڭگە كېرىپ قالىدۇ، ھاۋا ئازراق بولسىمۇ پاكىزلىنىدۇ. شۇڭا قار ياغسا باشقىچە خۇشال بولۇپ كېتىمەن، قارنى ئۇچۇملاپ-ئۇچۇملاپ ئېلىپ كىملەرگىدۇ ئېتىپ ئوينىغىم كېلىپ كېتىدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يا بولمىسا ئۆيىگە بېكىنىۋالغان، يا بولمىسا دۇنيا ھەلەكچىلىكىگە چۆكۈپ كەتكەن، ناتوغرا رىقابەتلەر ۋە شەخسىيەتچىلىكلەرنىڭ قۇلى بولىۋالغان ئۆزلىرى خالاپ. قارنى ئۇچۇملاپ ئالىمەن، يەۋالغۇم كېلىپلا كېتىدۇ، ئەمما يەنە تۇرۇپ قالىمەن، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا تەكلىماكاندا ئاپئاق قارلارنى ئۇچۇملاپ ئېلىپلا يەيدىغان ۋاقىتلىرىم ئېسىمگە كېلىدۇ، ئەمما ھازىر ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ، بۇرۇنقى پاكىز مۇھىت، پاك-پاكىز مۇھىتلار غايىپ بولغاندەك. بۇرۇنقىدەك ھاپ ھاۋا بولسىچۇ دەپ قويىمەن ئۆزۈمگە، شۇئان خىيالىمدىن « ئارزۇنىڭ بولغىنى گۈزەل بىر ئىش، ئاشۇ گۈزۈل ئازرۇ ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىش تېخىمۇ گۈزەل» دېگەن پىكىرلەر ئۆتىدۇ. نېمىشمۇ قىلارلارمەن؟ ھېچ بولمىسا ئۆزۈمنىڭمۇ دۇنيا ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۆزگىلەرنىڭ، كېيىنكىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى ئازراقمۇ ئويلاپ قويايدىغان باشقىچە بىر ئىنسان بولۇپ قېلىشىمدىن پاناھ تىلەلەرمەن ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشالارمەن.

    ئۆزۈمنى توختىۋالاي-ھە، ھى،ھى…بىر تالاي تاققۇ-تۇققۇلارنى يېزىپ كېتىپتىمەن بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن.
    يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.

    جۇلالىق

    دېگىنىىڭىزدەك ئەتراپىمىزدىكىلەردىن باشقا نەرسە ئەمەس، سەن بىلەن ھەمدەم بولۇشنى، پىكىرداش بولۇشنى ئىستەيدىكەنمىز، بىراق، ئىنسانلار ئۆزلىرى بېكىنىۋالغان رامكىلاردىن چىقىپ كېتەلمەي چۆرگىلەپ ئاۋارە.
    ئۆزىڭىزنى توختىۋالماي مۇشۇنداق يېزىپ تۇرۇڭە، تېتىملىق ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە خۇشال بولۇپ قالدى.
    بلوگىڭىزنى مەنمۇ زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن، تەڭ ھەمكارلىشايلى.

  •   #4  

    مەلەك 2016-01-09 07:36

    بۇ تونۇش كۈينى ۋە مەن بۇيەردىن ئالىدىغان ھوزۇرنى بەكمۇ سېغىنغانىدىم ئۇزۇن مەزگىللەردىن كېيىن ئاران بىر كومپىيوتىردا تورغا چىقىش مۇمكىن بولدى.بۇ كۈي نۇرغۇن ئەسلىمىلەرنى كىنو لىنتىسىدەك قەلب ئىكرانىمغا ئېلىپ كەلدى . قار ۋە يامغۇر ئۈچۈن خۇشال بولۇپ ھاياجانلىنىپ نېمە قىلارىمنى بىلمەي قالىدىغان شۇ ئۆتمۈشتىكى كۈنلەرنى سېغىنىپتىمەن . ھەركۈنى دېگۈدەك يېغىپ تۇرىدىغان يامغۇر ۋە نەچچە كۈن ئاۋال ياغقان قارنى ئويناپمۇ باقماپتىمەن ،ىر زامانلار پەلەيسىز قوللىرىمنى تىترىتىپ قار ئوينايتىم ئەمدى ئۆزۈمچە ئېغىر بېسىقلىشىپ چوڭ بوپ قالغاندا قار ئوينىسا ياراشمايدىغاندەك قارنى تۇتۇپمۇ باقماپتىمەن.

    جۇلالىق

    سىڭلىمنىڭ قەدەملىرىگە خۇش مۇبارەك.
    بۇ يەرگە قەدەم باسمىغىلى ئۇزۇن بولغانىدى، بۇ يەرنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ دېسەم، ئۇنتۇپ قالماپسىز. (چاخچاق ھە)
    كۆڭلۈمىدىكىنىلا دەپسىز، قار ياغسا سىرتقا چىقىپ كىچىك بالىلاردەك قارلارنى پوملاپ ئېتىپ ئوينۇغۇم، قارلاردا دومىلىغۇم كېلىدۇ، لېكىن نېمىشقىدۇر بىر نەرسە مېنى توسۇپ تۇرۇۋاتقاندەك ئۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن. چوڭ بولغانسېرى بۇنداق ھوزۇرلاردىن يىراقلىشىپ كېتىدىغان ئوخشايمىز.

  •   #5  

    جۇلالىق 2016-01-10 21:01

    تىنچلىقمۇ، ئەزىز سىڭلىم. مەنمۇ سىزنى بەكلا سېغىنغانىدىم. بلوگىمغا ھېچ كىرمىدى دەپ ئويلاپ يۈرگەنىدىم. مانا بۈگۈن قەدىمىڭىز يېتىپتۇ. كەلگەن قەدەملىرىڭىزگە مۇبارەك.
    بلوگىمدىكى مۇزىكىلارنى بىرەر بوشلۇققا چىقىرىپ ئاندىن قويمىغانىدىم، مۇزىكىنى بەتنىڭ ئۆز بوشلۇقىغا قويغان، شۇڭا چۈشۈرۈش ئادرېسى يوق. ئەگەردە مۇزىكىلارنى چۈشۈرىۋالماقچى بولسىڭىز بەكلا ئاددىي ئۇسۇل بىلەن چۈشۈرىۋالالەيسىز.
    كومپيۇتېرىڭىزغا شۈنلېي قاچىلانغان بولسا، بلوگنىڭ مۇزىكا قويغۇچىغا مائۇسنى ئەكەلسىڭىز قويۇلىۋاتقان شۇ مۇزىكىنى چۈشۈرۈش بەلگىسى چىقىدۇ، بلوگدىكى مۇزىكىلارنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ چۈشۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ.
    يەنە بىر ئىش، چ چ نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويىڭە. مەن ئىنكاسىڭىزنى تەستىقلىماي ئارقا سۇپىدىلا چ چ نومۇرىڭىزنى قوشۇۋېلىپ ئىنكاسىڭىزنى ئۆچۈرۈۋېتەي.
    ئاپئاق قارنى بىردەمدە ئەتراپتىكى مەينەتچىلىك قاپقارا قىلىۋەتكىنىدەك، قەلبلىرىمىزنىڭمۇ ئاشۇنداق قارىداپ كېتىشىدىن بەكلا ئەنىسرەيمەن…

  •   #6  

    alwun 2016-01-21 23:16

    بۈگۈن ياققان قار يەنە بۇ تىمىنى قايتا ئۇقۇشقا سەۋەپ بۇلۇپ قالدى …

    جۇلالىق

    ئىككى كۈندىن بۇيان ياغقان قار ماڭىمۇ بۇ يازمامدىكى تەسىراتنى قايتا ئەسلەتتى.

  •   #7  

    جۇلالىق 2016-01-23 22:43

    تىنچلىقمۇ، بۇرۇندىن بىر ئادىتىم، بىرئايدا بىر تاللا يازما يوللايمەن. بەلكىم يازمىلارغا سىزمۇ دىققەت قىلغانسىز، قاچانىكى ماڭا بىرئىش تەسىر قىلسا ئاندىن شۇ ئىشنى يازىمەن، شۇڭا بلوگقا بەك كۆپ تېما يوللانمايدۇ.