سۈكۈت

-

سۈكۈت قىلىشنى ئۈگەنمەك بولدۇم. ئەمما سۈكۈتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتىم. زامانداشلىرىم «سۈكۈت»دەپ ۋارقىرايدۇيۇ، گېزى كەلگەندە ماڭا ئوخشاش سۈكۈتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ.
-ھوي تەنقىتچى،- دەپ كايىدى بىراۋلار – ئۆزۈڭنى ئۇپراتقىچە سۈكۈت قىلمامسەن؟!
-كايىغىنىڭ بىكار، ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئۈچۈن سەن جازالانمايسەن. سۈكۈت قىل!
سۈكۈت،سۈكۈت،سۈكۈت…
مەن جاھاننىڭ سىر-ئەسرالىرىنى خېلى ئوبدان بىلگەن دانا زاتتىن سۈكۈت توغرىسىدا سوراپ باردىم:
-ئى ئۆلىما كىرام، سۈكۈت نېمىدۇر؟
-ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى كۈتمەكتۇر.
-كىشى سۈكۈت قىلىۋەرسە بوزەك بولامدۇ؟
-ئاگاھلاندۇرغىنىڭ باشقا، سۈكۈت باشقا .
-چۈشەنمىدىم؟
-سەن بىلگىنىڭنى ئەلدىن ئايىما. ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توس. ئەمما چالۋاقاپ كەتمە!
-نېمە ئۈچۈن؟
-ئىشلارنىڭ ئىختىيار تىزگىنى سېنىڭ قولۇڭدا ئەمەس.
-يەنىلا چۈشەنمىدىم.
-زامانداشلىرىڭنىڭ تولىسى، ئەڭ ئەقەللىيسى ئەۋرەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. سەن سۆزلىسەڭ زاڭلىق قىلىدۇ. چۈنكى بۈگۈن ھېچكىم سەندىن«يۈز، چاچ ئەۋرەتمۇ-ئەمەس؟»دەپ سورىمايدۇ. ئۇلار ھەتتا ياپىدىغان يەرلىرىنىمۇ ياپمايۋاتسا، سۆزۈڭنى ئەڭ يېقىن ھەمرىھىڭمۇ قېتىغا ئالمايدۇ. شۇڭا سۆزۈڭنى ئېيتالايسەنكى، ئاڭلىتالمايسەن.
-سەۋەبى نېمىدۇر؟
-زامانداشلىرىڭ ئېتىقاد بىلەن ئادەتنى ئارلاشتۇرۋالغان، بىلگىنكى، ئېتىقاد بىلەن ئادەت ئارىلىشىپ كەتكەن قوۋم نادانلىققا مايىل بولىدۇ.
-ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇنى بىلىدىغۇ؟
-شۇنداق، ئىشلارنىڭ كۆپى بىلمەسلىكتىن، نادانلىقتىن بولىدۇ. يەنە بىلىپ تۇرۇپ، خۇپسەنلىكتىنمۇ بولىدۇ.
-مەن نېمە قىلسام بولىدۇ؟
-سۈكۈت قىل!
-ئۇنى قانداق ئۆگىنىمەن؟
-زاماننىڭ رەپتارى ئۇنى ساڭا ئۆگىتىدۇ. بىراق تەقۋالىق ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىندۇر.