نىران خانىدانلىقى(12)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (12) ئايچىۋەر ئوردىدىكى ئىشلارنى بەك بىلىپ كەتمىسمۇ ۋەزىرلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى بويىچە ھەر ھالدا ياخشى قىلىۋاتاتتى. ئايچىۋەر سەل بىكار بولۇپ قالسىلا ئارسلان ئۇنى ھەربىي مەشىقلەرنى قىلدۇراتتى. ئارسلان بىر ئەلگە پادىشاھ بولغان ئادەم ھەممە جەھەتتىن يېتىشمىسە بولمايدۇ دەپ قارىغاچقا ئايچىۋەرنى مەشىق قىلدۇرۇشتا بەكلا قاتتىق قول ئىدى. ئايچىۋەر ھېرىپ قالدىم دېگەنگىمۇ ئۇنىماي قىيىن مەشىقلەرنى […]

نىران خانىدانلىقى(11)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (11) ئەتىسى خان ئوردىسى جىددىي تۈسكە كىردى. تۈنۈگۈن ئايچىۋەر ئوردىدىكى بارلىق ۋەزىرلەرگە ئەتە مۇھىم ئىش بارلىقىنى بىرەرسى باھانە سەۋەب كۆرسىتىپ كەلمىسە ئېغىر جازا بېرىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق يارلىق چۈشۈرگەنىدى. ھەممەيلەن يىغىلىپ بولدى. ئايچىۋەر شاھلىق تەختىنىڭ يېنىدا قولىدا خانلىق شەمشەرنى تۇتقان پېتى تۇراتتى. تەخىتنىڭ سول تەرىپىدە پىشقەدەم ۋەزىر ئابدۇراھمان بار ئىدى. تۆۋەندە بولسا ۋەزىرلەر […]

نىران خانىدانلىقى(10)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (10) ــ خىزمەتكار قىزدىن سورىسام سىزنى مۇشۇ يەردە دېدى، رۇخسىتىڭىزنى ئالمايلا كىرىۋەردىم،ــ ئارسلان ئايچىۋەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. ــ كېرەك يوق، بىز ئاكا-سىڭىل تۇرساق رۇخسەت سوراپ كىرىش كېتەمدىكەن؟،ــ ئايچىۋەرنىڭ كۆزلىرىگە يىغا ئولاشتى. ــ كەيپىياتىڭىز قانداقراق؟ ئىنسان ئاجىز كېلىدىكەنمىز تەقدىرىمىزگە يېزىلغاننى كۆرمەي ئامال يوقكەن،ــ دېدى ئارسلان ئاسمانغا كۆزىنى تىكىپ. ــ بۈگۈن خېلى ياخشى […]

نىران خانىدانلىقى(9)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (9) ئايچىۋەر چېدىرغا كىردى. ھەممەيلەن كارىۋاتتا ياتقان ھۈسەيىن خاننى ئورىۋالغانىدى. ئايچىۋەرنى كۆرۈپ ھەممىسى نېرى كەتتى. ئايچىۋەر قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ خاننىڭ يېنىغا كەلدى. كارىۋاتنىڭ يېنىدىلا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ چۈشەتتى. ــ خان ئاتا، مەن كەلدىم،ــ دېدى ئايچىۋەر يىغا ئارىلاش. ھۈسەيىن خان كۆزىنى تەستە ئاچتى. زەھەر ئۇنىڭ بەدىنىگە بارغانسېرى تاراپ […]

خاتالىق ئەردىمۇ ياكى ئايالدا؟

خاتالىق ئەردىمۇ ياكى ئايالدا؟ ئاجرىشىش مەسلىسى بۈگۈنكى كۈندە ھەممە ئائىلىلەرگە ۋابادىن تېز تارقىلىۋاتىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدا كىيىم-كېچەك مودا بولۇۋاتقاندەك ئاجرىشىشمۇ مودا بولدى دېسەك ئارتۇق كەتمەسلىكى مۇمكىن. ئاتالمىش ئۈچىنچى شەخىسنىڭ ئارىغا قىستۇرۇلىشىلىرى ۋە ئەر-ئاياللار بىر-بىرىگە سەۋرىچان بولالماسلىق، ئالدىراڭغۇلۇق قىلىشىتەك بىر قاتار ئىشلار بىلەن ئۆز ئەتراپىمىزدىكى يېقىنلىرىمىز، دوستلىرىمىزنىڭ بەخىتلىك ئائىلىرى ۋەيران بولىۋاتىدۇ. قارا كۆز سەبىلەر يېتىملىك دەردىنى تارتىۋاتىدۇ. […]

نىران خانىدانلىقى(8)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (8) ھۈسەيىن خاننىڭ يېنىدا ئازغىنە ئەسكەرلەر قالغانىدى.ھۈسەيىن خان ئويلىغاندەك دۈشمەن قوشۇنى بىردەم كەينىگە چېكىنگەندىن كېيىن كەينىگە يېنىپلا توغرۇلنىڭ قوشۇنىغا قايتۇرما زەربە بەرگىلى تۇردى. توغرۇل دۈشمەننى مەغلۇپ بولۇپ قاچتى دەپ ئويلاپ قوغلارۋەرگەچكە ئۆزىنىڭ دۈشمەننىڭ مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى سەزمەيلا قالغانىدى. ھەمدە يەر شارائىتىمۇ ئۇنىڭغا پايدىسىز يەرگە كېلىپ قالدى. دۈشمەننىڭ كەينىگە يېنىپلا بۇلارغا ھۇجۇم […]

نىران خانىدانلىقى(7)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (7) ھەر ئىككى قوشۇن بىر-بىرىنى يىراقتىن كۆرگىدەك يەردە بارگاھ تىكىپ ئورۇنلاشتى. ھۈسەيىن خان ئالدى بىلەن ئابدۇللا خانغا بۇ ئۇرۇشنى قىلماسلىقنى يەنى ھەممە ئىشنى چىرايلىقچە ھەل قىلىشنى ئېيتىپ مەكتۇب يوللاپ ئاندىن كېيىنكى ئىشلارغا قارار چىقىرىشنى ئويلىدى. ئەلچىلەر قارشى تەرەپكە كەتكىلىمۇ خېلى بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ كېلىدىغان ۋاقىتى يېقىنلاشقانسېرى ھۈسەيىن خان تىت-تىت بولۇپ كېتىۋاتاتتى. […]