بالىلىقىمنى ئەسلەپ…

بالىلىقىمنى ئەسلەپ… مەن ئامراق كۈز پەسلى كەلدى. باھار پەسلى بىلەن كۈز پەسلىنى ئەڭ ياقتۇرىمەن، كۈز پەسلىدە سارغايغان يوپۇرماقلار چۈشۈۋاتقان يولدا يالغۇز سەيلە قىلىپ ماڭسام ئۆزۈمنى شۇنداق روھلۇق تېتىك ھېس قىلىمەن.سارغايغان يوپۇرماقلارنىڭ چۈشۈۋاتقان ھالىتىگە قارىغانسېرى قارىغۇم كېلىدۇ، ھەر بىر تال يوپۇرماق بىر خىل مۇزىكا رېتىمىنى ياڭرىتىپ يەرگە چۈشۈۋاتقاندەكلا سېزىم پەيدا بولىدۇ.بۈگۈن ھاۋا شۇنداق ئوچۇق مەيىن شامال […]

مۇھتاجلىق ھەققىدە پاراڭلار

مۇھتاجلىق ھەققىدە پاراڭلار 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى يەكشەنبە ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ جامىئە مەسچىتنىڭ ئالدىدىكى يولدىن ماڭدىم. بۇ يولدىن بۇرۇن نۇرغۇن قېتىملاپ ماڭغان بولساممۇ ئانچە دىققەت قىلمىدىممۇ تاڭ، بۈگۈن يول بويىدىكى ھەر خىل مەنزىرىلەر دىققىتىمنى تارتتى. بەلكىم بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ يولدىن يەكشەنبە كۈنلۈكتە مېڭىپ باقمىغان بولسام كېرەك. خوتەن چوڭ جامىئەسى شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ جامىئەنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە […]

پۇل ۋەسۋەسىسىدە

پۇل ۋەسۋەسىسىدە نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 5-يۈرۈش قانىلىدا «پۇل ۋەسۋەسىسىدە» دېگەن بىر فىلىمنى قويدى. كىتاب كۆرۈپ ئولتۇراتتىم بېشىدا فىلىمگە ئۇنچە قىزىقمىغانىدىم. فىلىم ئامېرىكىنىڭ بولۇپ توي قىلىپ بولغان ئۈچ ئايالنىڭ تۇرمۇشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئىشلىگەنىكەن. بىردەم كىتابقا بىردەم فىلىمگە قاراپ ئولتۇرۇپ فىلىمنى كۆرۈشكە قىزىقىپ قالدىم. فىلىم ئۇنچە بەك ئادەمنى جەلىپ قىلغىدەك قىزىقارلىقمۇ ئەمەس. مېنى […]

ئورمان بالىسىدەك تەنھا ياشىغۇم بار

ئورمان بالىسىدەك تەنھا ياشىغۇم بار ئورمان بالىسى «موگىلى»نىڭ كارتون فىلىمىنى كۆرگىلى ئون بەش يىلدىن ئېشىپتۇ، شۇ ۋاقىتلاردا ئۆزۈمچە شۇنداق خىياللارنى قىلاتتىم. مەنمۇ موگىلىدەك ياپ-يېشىل ئورمانلىقلاردا گۈزەل مەنزىرىلەر ئىچىدە ئەركىن-ئازادە ياشىسام، مېنى ھېچكىم باشقۇرمىسا، ئوقۇ دەپ مەجبۇرلىمىسا، مەكتەپكىمۇ بارماي موگىلىدەك ھايۋاناتلار ئارىسىدا ئورمان بالىسى بولۇپ ياشىسام نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى دەپ شۇنچىلىك شىرىن خىياللارنى قىلاتتىمكى بۇ […]

نىران خانىدانلىقى_خاتىمە

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) خاتىمە توغرۇل ئادەملىرىنى باشلاپ ئورمانلىقنىڭ ئەتراپىنى بىر ئايلىنىپ چىقتى ئارسلاننى يەنىلا تاپالمىدى. شۇ تاپتا ئۇ ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىگۈدەك بولۇپ كېتىۋاتماقتا ئىدى. شۇنداق تۇرۇۋېدى ئارسلان ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىدىن ئات چاپتۇرۇپ چىقتى. ئارسلاننى كۆرگەن توغرۇل ئادەملىرىگە ئۇنى قورشاشقا ئىشارەت قىلدى. ئۇنىڭ ئەرسكەرلىرى تېزلىكتە ئارسلاننى قورشىۋالدى. ئەھۋالدىن ھاڭ-تاڭ قالغان ئارسلان نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي تۇرۇشىغا […]

نىران خانىدانلىقى(32)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (32) ئەركىن ئىشىكنى ئېچىۋېتىپلا بىرسىگە ئوق ئۈزدى. ئوق ئۇ ئادەمنىڭ سول كۆزىگە تىگىپ يىقىلدى. ئوسمان ئادەملىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق بەردى. بۇلارمۇ ئوقلىرىنى بەتلەپ ئېتىشقا باشلىدى. ئەركىن ئىشىكنىڭ كەينىگە ئۆتۈپلا دالدا قىلدى. بۇلاربارغانسېىرى يېقىنلاشماقتا ئىدى. ئەركىن شەمشەرنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە ئېتىلىپ چىقتى. چىقىپلا ئېلىشىپ ئىككىسىگە شەمشەر ئۇرۇپ يىقىتتى. شۇ ۋاقىتتا ئېتىلغان بىر تال […]

نىران خانىدانلىقى(31)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (31) ئارسلان ئەركىن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئازراق خاتىرجەم بولۇپ ئوردا تەرەپكە قاراپ ماڭدى. توغرۇلنىڭ ئادەملىرى ئارسلاننى ئىزدەپ شەھەرنى قېزىۋەتكەن بولسىمۇ ئۇنى تاپالماي قۇرۇق قول قايتىپ كەلدى. ئارسلاننى يوقاتمىغىچە كۆڭلى تىنمايدىغان توغرۇل بۈگۈن مىڭ كىشىلىك تاللانغان سەرخىل ئەسكەرلەرنى ئەگەشتۈرۈپ ئارسلاننى ئىزدەش ئۈچۈن چىقتى. چۈشتىن بۇرۇن ئەتراپتىكى كەنىتلەرنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئاختۇردى. ئارسلاننى يەنىلا […]