ساپ مۇھەببەت ۋە بىزدىكى مۇھەببەت ئۇقۇمى

ساپ مۇھەببەت ۋە بىزدىكى مۇھەببەت ئۇقۇمى «مۇھەببەت ئۆلمەس تېما» دېگەن بۇ گەپنى كىتاب-ژورناللىرىمىزدا قەدەمدە بىر ئۇچرىتىپ قالىمىز، لېكىن بۇ تېما ئاساسلىقى قىز-ئوغۇللار ئارىسىدىكى مۇھەببەت ئۇقۇمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا سۆزلەيدۇ. بۈگۈنكى كۈنلەرگە كەلگەندە بۇ تېمىدا سۆزلەيدىغانلار تېخىمۇ كۆپىيىپ، ئېغىزىدىن ماغزاپ كەلتۈرۈپ سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتتى. بىزنىڭ جاھانغا ماسلاشقان ئىدىيەلىرىمىزنىڭ قات-قېتىغا بۇ ئۇقۇم سىڭىپ كېتىپمۇ بولدى. «مۇھەببەت» دېسە ھەر […]

شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن…

شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن… شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن، ئانام ئېتىزغا خالتىنى كۆتۈرۈپ ماڭسا، ئانامنىڭ كەينىدىن تەمتىلەپ بىللە ماڭغان… شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن، دادام ئېتىزدا بوغداي ئۈنچىلىرىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈسە، قىر بېشىدا دادامنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا زوقلىنىپ ئولتۇرغان… شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن، ئانام پىژغىرىم ئىسسىقتا بېلىگە ياغلىقتىن بىرنى چىگىۋېلىپ پاختا تەرسە، كېۋەز شادىلىرىنىڭ ئارىسىدا قوللىرىمنى زىدە […]

ئەبجەش خىياللار…

ئەبجەش خىياللار… ئادەم بەك كۆپ سورۇنلارغا بېرىشنى پەقەتلا ياقتۇرمايمەن، مۇشۇ مىجەزىم سەۋەبلىك، كۆڭلۈمدە ئۇنداق ئويلىمىساممۇ باشقىلارغا ئارلىشىشنى بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغاندەك تەسىر بېرىپ قويىمەن. مەن بىلەن دوست بولۇشنى ئويلاپ، ئارلىشىپ باققانلار مىجەزىمنىڭ ئۇنچىۋالا غەلىتە ئەمەسلىكىنى، خېلى چىقىشقاق ئىكەنلىكىمنى تېزلا بىلىۋالالايدۇ. لېكىن سەل ئىچ مىجەز، باشقىلارغا ئاسان سىر بەرمەيدىغان بۇ مىجەزىم مېنى شۇنداق كۆرسىتىپ قويىدىكەن. بۈگۈنمۇ ئۆزۈم […]

مېھىرلىك كۆڭۈللەر

مېھىرلىك كۆڭۈللەر بىر دوستۇم بىلەن كۆرۈشىدىغان مۇھىم ئىشىم بولغاچ، ئاستا-ئاستا پېتىۋاتقان قۇياشقا قارىماي ئالدىراشلا ماڭدىم. كەچ كىرىپ قالغاچقا دوستۇمنىڭ ئۆيىدىمۇ ئۇزاق ئولتۇرمىدىم. سىرتقا چىقسام كۈن پېتىشقا ئون مىنۇتتەك ۋاقىت قاپتۇ. ئالدىراپلا كوچىنىڭ ئېغىزىغا چىقىشىمغىلا ئاپتۇبۇس بېكەتتە توختىدى. مەن ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ ئارىسىدىن يولنى كېسىپ ئۆتۈپ بولغىچە، ئاپتۇبۇس قوزغىلىپ كېتىپ قالدى. ئاپتۇبۇسنىڭ كەينىدىن تېز بىر نەچچە […]

تەشۋىقات جېڭى ۋە ئەجىر ئىسراپچىلىقى

تەشۋىقات جېڭى ۋە ئەجىر ئىسراپچىلىقى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى يەكشەنبە، كىچىككىنە بۇ شەھەرنىڭ كوچىلىرى بەكلا ئاۋاتلىشىپ كەتكەن، ئادەملەر ئىتتىرىشىپ دېگىدەك، ھەممىسى ئالدىراش بازار ئايلانماقتا. بازارنىڭ كىرىش ئېغىزىغا كېلىشىمگە 22 ياشلاردا بار بىر قىزچاق قولۇمغا مەلۇم بىر دوختۇرخانىنىڭ تەشۋىقات دەپتىرى ھەم كارتىسىنى تۇتقۇزۇپ قويدى. يولۇمنى داۋاملاشتۇرغاچ بىر كۆزۈم مېڭىۋاتقان يولۇمدا (باشقىلارغا ئۇرۇلۇپ كەتمەي دەپ) بىر كۆزۈم قولۇمدىكى […]

نارنىيا رىۋايىتى ھەققىدە قانچىلىك بىلىسىز؟

نارنىيا رىۋايىتى ھەققىدە قانچىلىك بىلىسىز؟ تىنچلىقمۇ قېرىنداشلار! فانتازىيەنى ياقتۇرمايدىغان دوسلار بەك ئازغۇ دەيمەن . بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشۇپ كۆرىشىگە ئېرىشكەن «نارنىيا رىۋايىتى»فىلىمى توغرىسىدا توختىلىمىز.قىسقىسىنى ئېيىتقاندا مەن «نارنىيا» يۈرۈشلۈك رىۋايەتلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ كۆرگەچكىمىكىن، ئۇنىڭ بارلىققا كېلىش ۋە تەرەققىي قىلىش جەريانىنى ئىزدەپ تېپىپ كۆرەتتىم. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن بۈگۈن كۆپچىلىككە ئوقۇغان ۋە كۆرگەنلىكىم توغرىسىدا ھەمبەھىرلەنمەكچىمەن. 1.كىتاپ ھەققىدە […]

سۈكۈت ئىچىدىكى خىياللار

سۈكۈت ئىچىدىكى خىياللار قەدەملىرىمنى بەكلا تەستە يۆتكىمەكتىمەن، پۇتۇمغا خۇددى بىرسى تاش ئېسىپ قويغاندەك بەكلا ئېغىر ئىدى. بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ دائىملىق جىمجىتگاھىم كۆل بويىدىكى ئورۇندۇققا كەلدىم. تۇرمۇشنىڭ بېسىملىرىدىن ھالسىرىغان بەدىنىمنى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە ئارانلا تاشلىۋالدىم. ھېلىلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك ئىدىم. ھاياتنىڭ تۈگىمەس ئىشلىرىدىن ھېرىپ-چارچىغاندا، نېرۋىلىرىمنى ئارام ئالدۇرىدىغان بىردىنبىر جىمجىت يەر مۇشۇ كۆل بويى ئىدى. بۇ يەرگە ئۇنچە […]