جۇلالىق بىلوگى يېڭى «چاپان» كىيدى

جۇلالىق بىلوگى يېڭى «چاپان» كىيدى سالام ئەزىز ئوقۇرمەنلىرىم، بىلوگداشلىرىم… جۇلالىق بىلوگى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئىككى خىل ئۇسلۇب ئىشلىتىپتىمەن، بىرسى بىلوگنى دەسلىۋىدە قۇرغاندا ئىشلەتكەن يېشىل بىر خىل ئۇسلۇب ئىدى. ھازىرقى ئۇسلۇبقا ئانچە ئوخشىمايدۇ، كېيىن ھەقسىز ئۇسلۇب بەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ يۈرۈپ مۇشۇ ئۇسلۇب ئۇچراپ قالدى، تەييار ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلدۇرۇپلا بىلوگقا بىر كەيگۈزۈپ قويغانچە نەچچە يىل ئىشلىتىپتىمەن. تور دۇنياسىنىڭ […]

چوڭىمۇ ھاياتلىق، كىچىكىمۇ ھاياتلىق ئىدىغۇ؟!

چوڭىمۇ ھاياتلىق، كىچىكىمۇ ھاياتلىق ئىدىغۇ؟! كۈز ئايلىرىمۇ چىقىپ كېتەي دەپ قالدى، كۈزنىڭ سوغۇق شاماللىرى بىر خىل ئادەمنى قورۇيدۇ. ھويلىدىكى تال باراڭلىرىدىن سارغايغان يوپۇرماقلار ئاستا چۈشۈۋاتىدۇ. ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى نەچچە تۈپ قارا تېرەكنىڭ يوپۇرماقلىرىنىڭ ئالدىراش بىر-بىرىنى قوغلاپ چۈشۈۋاتقان مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز گەجگەمنى بىر نەرسە قاتتىق چاقتى. قولۇمنى تېزلا ئاپىرىپ تۇتۇۋالدىم. ئەسلىدە كىچىككىنچە چۈمۈلە ئىكەن ئەمەسمۇ، ئۆزى […]

بىلوگچىلىق ھاياتىمنى ئەسلەپ…

بلوگچىلىق ھاياتىمنى ئەسلەپ… سالام، ئەزىز ئوقۇرمەنلىرىم، سىرداشلىرىم، قەلبداشلىرىم… بلوگىمغا يېڭى يازما يوللىمىغىلى ساق بىر يىل بوپتۇ. بۇ بىر يىل ئىچىدە يېڭى يازما يوللىماي نېمە ئىش قىلدىڭ؟ دېيىشىڭلار مۇمكىن، سۆزلەپ كەلسەم گەپ بەك جىق. بىر يىل جەريانىدىكى كەچمىشلىرىمنى يېزىپ سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي دېسەم، ئازاب-ئوقۇبەتلىك بىر يىللىق ھاياتىمغا سىلەرمۇ تەڭ جۆر بولۇپ ھېرىپ قالىىسلەر، ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆتۈپ […]

ھەر بىر كۆز بىر دۇنيا…

ھەر بىر كۆز بىر دۇنيا… يېقىندىن بېرى كۆزۈم سەل تورلىشىدىغان بولۇۋېلىپ تەكشۈرتۈپ باقاي دەپ دوختۇرخانىدا نۆۋەت كۈتۈپ ئولتۇرماقتىمەن. مۇتەخەسسىس ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا شۇ يەرنىڭ كۈزەتكۈچىسىدەك كىرگەن-چىققانلارنى بىر-بىرلەپ مۇلاھىزە قىلىپ ئولتۇردۇم. ئۆيدىن خېلى سەھەر چىقتىم دەپ ئويلىغانىدىم، يەنىلا كېچىكىپ قاپتىمەن. ئادەم باشقا ۋاقىتلاردا بىرەر سائەتلەپ بىكار تۇرساڭمۇ ۋاقىت ئۇنچە ئۇزۇن بىلىنمەيدۇ. مۇشۇ بىرەر ئىشنى بېجىرگىلى ئىدارە-ئورگانلاردا […]

ھاياتتىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىم

ھاياتتىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىم ئىنسان ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان ئارزۇ-ئارمانلارنى قىلىدىكەن. بۇ ئارزۇلارنىڭ كۆپىنچىسى غايىۋى خىياللار بولسىمۇ بەزىبىرلىرى ئەمەلگە ئېشىپمۇ قالىدىكەن. مانا بۇ رېئال تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق سىناقلىرى. رېئال تۇرمۇش ئۇ كىنو ئەمەس، شېرىن خياللىرىڭ بىردەمدىلا ئەمەلگە ئاشىدىغان، يېشىللىققا پۈركەنگەن دالىلاردا تايچاقلاردەك سەكرەپ بەخىت ئىلكىدە ئەللەيلىنىدىغان. ئۇ سېنىڭ ئويلىغىنىڭدىنمۇ قىيىن مۇرەككەپ بىر جەريانكى، ئۇنىڭ قىيىنلىقىدىن گاڭگىراپ نېمە قىلىشنى، نەگە مېڭىشنى، […]

سارغايغان يوپۇرماق

سارغايغان يوپۇرماق كۈز ئايلىرى ئاخىرلىشىپ قىشنىڭ سوغۇق ھاۋاسى ئاستا-ئاستا باشلاندى. كۈزنىڭ ھەممە ئەتراپ ساپ-سېرىق گۈزەللىككە تويۇنغان ھالىتىنى ئەمدى كۆرەلمەيدىغان بولدۇم. نېمىشقىدۇر كۈز پەسلىگە ئالاھىدە ئامراقمەن. مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ھەممە يەردە دائىم ئۇچرىتىپ قالىمەن، <<دەرەخنىڭ قەدرىنى بىلمەي يەرگە چۈشكەن يوپۇرماق، شامالغا ئويۇنچۇق، يەرگە ئەخلەت>> بىر ئويلىسام بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بەكلا چوڭقۇردەك، يەنە بىر ئويلىسام بۇ […]

ئەڭ قىيىن كۈنلەردە

ئەڭ قىيىن كۈنلەردە ھاياتنىڭ تاغ-داۋانلىرىدا ئۆزلۈكسىز ئىلگىرلەپ مېڭىۋاتاتتىم، بىر كۈنى تۇيۇقسىز چوڭقۇر بىر ھاڭغا چۈشۈپ كەتتىمكى، نېمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمايلا قالدىم. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ھەر ۋاقىت قىيىنچىلىقلار ئۈچۈن تەييارلىقىم بار ئىدى. چۈنكى، ھاياتنىڭ تۈرلۈك قىسمەتلىرى سېنى ھەر ۋاقىت ھەيران قالدۇرۇپ قويىدۇ. لېكىن بۇ قېتىمقىسى شۇنچىلىك دەھشەتلىك ئىدىكى، شۇنچە يېشىمغىچە بۇنداق ئېغىر قىسمەتكە دۇچ كېلىپ باقمىغانىدىم. چۈشكەن يېرىمدىن […]