ئۆكسۈش

ئۆكسۈش بىر دوستۇم كىتاب سورىغانىدى. شۇ كىتابنى ئىزدەپ يۈرۈپ قولۇمغا «كەرىمە نادىر»نىڭ «ئۆكسۈش» رومانى چىقىپ قالدى. بۇ كىتابنى خېلى بۇرۇن ئوقۇغانىدىم. بۈگۈن مۇنداقلا ۋاراقلاپ كۆردۈم. كىتابتىكى بەزى ۋەقەلىكلەر ئېسىمدىن كەچتى. بۇ كىتابنى تۇنجى ئوقۇغان ۋاقتىمدا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان يېرى نالەننىڭ ئېرى ئىلھامى بەيگە بولغان ساداقىتى ئىدى. كەنان، نالەنگە مۇھەببىتىنى شۇنچە ئىزھار قىلسىمۇ، نالەن، كەناننى […]

تۆت بۇرادەرنىڭ سۆھبىتى

تۆت بۇرادەرنىڭ سۆھبىتى بىر كۈنى كەچتە، چېكىت، پەش، سوئال، ئۈندەش قاتارلىق تۆت بۇرادەر ئۆز رولى ھەققىدە قىزغىن بەس-مۇنازىرە قىپتۇ، بۇ مۇنازىرىدە بىرىنچى بولۇپ ئۈندەشجان سۆز ئېلىپ: ــ ئاڭلاڭلار، ھەي بۇرادەرلەر، خالايىق! مەنىسىز ھېچقانداق ئەسەر ئۆزنىڭ بەدىئىي قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. مەن پۈتمەس-تۈگىمەس ھاياجانغا تولغانمەن، شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرەلەيمەن، ئۇلاردا كۈچلۈك مۇھەببەت، غەزەپ-نەپرەت قوزغىيالايمەن؛ ئەگەر مەن بولمىسام، […]

سودىدىكى راستچىللىقىمىز

سودىدىكى راستچىللىقىمىز ئاخشام سائەت سەككىزلەر بىلەن سىرتتا تاماق يەپ قايتىشىمدا ئاپلېسىن سېتىۋالاي دەپ باردىم. ــ سىڭلىم، ئاپلېسىننىڭ كىلوسى قانچە پۇل؟ ــ بىر كىلوسى 15 كوي. ــ نېمانچە قىممەت، بىر كىلوسىنى 14 كويدىن بېرىڭ. ئىككى كىلو ئالاي. ــ ئاچا بىر كىلو ساتسام كىلو بېشىدا ماڭا ئاران بەش مو چىقىدۇ. بۇنداق بەرسەم زىيان تارتىمەن. ــ مەيلى ئەمىسە […]

ئۈزۈم ھەققىدە رىۋايەت

ئۈزۈم ھەققىدە رىۋايەت بوغدا ئابدۇللا 1 مۇشۇ يۇرتتا بۇرۇنىسىدا، ئىككى تاغ ئارىسىدا، توققۇز ئوغۇل، توققۇز قىز، ئۆگەي ئانا قاقشىتىپ، كۈن ئالماقنىڭ تەسلىكى، بۇ تەلەينىڭ كاجلىقى، كۈندە جىگدە قاينىتىپ، كىمگە بارسۇن ھال ئېيتىپ؟ قىزلار ئىچىدە بىر قىز، تۈندە ياتسا ئۇيقۇسىز، مەككار ئۆگەي ئانىسى، ئەقلى يوق شۇ ئاتىسى، كۇسۇرلىشىپ كەتكەنمىش، بىر مەسلىھەت ئەتكەنمىش؛ بېشىمىزدا توي قەرزى، لايىق […]

بىنەپشە گۈلى

بىنەپشە گۈلى مەن بىنەپشە رەڭگە ئالاھىدە ئامراق. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئەتىيازدا ئۆيگە بارسام ئانام گۈل تېرىۋېتىپتۇ. ــ ئانا، بۇ قانداق گۈل؟ دەپ سورىدىم. ــ ئانام، بىنەپشە گۈلى بەك چىرايلىق ئېچىلىدۇ. يەڭگەمنىڭ ئۆيىدە كۆرۈپ ئۇرۇقىنى ئەپ قويۇڭ دېگەنىدىم ئەپ قويۇپتىكەن تېرىپ قويۇۋاتىمەن. ئانامنىڭ گۈلگە ئالاھىدە ئىشتىياقى بار ئىدى. مودەن گۈل، سېرىن گۈل، يەنە پاكار ئۆسىدىغان بىر […]

ياخشى كۆرۈپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولامدۇ؟

بىللە خىزمەت قىلىش جەريانىدا ياخشى كۆرۈپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولامدۇ؟ بىر دوستۇم مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى. دوستۇمنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ تام قوشنىسى يېقىندا ئاجرىشىپ كېتىپتۇ، بىر ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان ئۆزىدىن 7-8ياش چوڭ بىر ئادەم بىلەن توي قىپتۇ. بۇ ئايالمۇ 40 ياشلارغا كىرگەن ئايال ئىكەن. ئىككى ئوغلى بىر قىزى بار ئىكەن. ئوغۇللىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن. قىزى ئوتتۇرا […]

چولپان يۇلتۇز ھەققىدە رىۋايەت

چولپان يۇلتۇز ھەققىدە رىۋايەت بوغدا ئابدۇللا قەدىم ئەييامدا بىر خانقىز بولمىش لۈكچۈن ساياندا، ئىزدەر ئىمىش بوز يىگىتنى، كېچىلەر ئۇيقۇ يوق ئەپسۇن ئەتكەندەك، دەردلىك ئۆتەرمىش، نەكۆڭۈل شادى، شۇ ئوردا چۆرىسى ئالەمدە يوق باغ، ھەرىلەر غوڭۇلدار ئۆرۈك پىشقاندا، ئاسماندىن چۈشكەندەك بىر يوقسۇل يىگىت گاھىدا سالقىنلار سايىغا كېلىپ، بىر كۆرۈپ ھوشىنى يوقاتتى تامام كۈندىن-كۈنگە ھال بەتتەر شۇ پەرىشاندا، […]