كىتاپخانا ھەققىدە پاراڭلار

كىتاپخانا ھەققىدە پاراڭلار مەلۇم بىر تارىخىي ۋەقەلىكنى تولۇق چۈشۈنەلمەي، بىر كىتاپتا شۇ تارىخقا ئائىت ماتېرىيال بارلىقىنى ئاڭلاپ شۇ كىتاپنى ئىزدەپ بارمىغان كىتاپخانام قالمىدى. بىزنىڭ بۇ كىچىككىنە شەھەردىغۇ ئۇنچە كۆپ كىتاپخانىمۇ يوق. شۇ نەچچىلا كىتاپخانا بار. دائىم كىتاپ سېتىۋالىدىغان «بۇلاق كىتاپخانىسى»غا كىرىپ تاس قالدىم كىتاپ جازىسىدىكى بارلىق كىتاپلارنى ئاختۇرۇپ چىققىلى يەنىلا يوق. نەچچە ئاي ئىلگىرى خوتەندە […]

يانفۇن، ئۈندىدار، ۋاقىت…

يانفۇن، ئۈندىدار، ۋاقىت… يانفۇننى كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا كىنولاردا كۆرۈپ ھەيرانلا قالاتتۇق، كۆڭلىمىزدە بىزلەرمۇ ئاشۇ سىرلىق نەرسىنى ئىشلىتەلەرمىزمۇ؟ دەيدىغان شېرىن خىيال كېچىپ ئۆتەتتى. جاھان تېزلا تەرەققىي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا يانفۇن بىزلەرنىڭ ئەتراپىمىزدىمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىدى. تۇنجى كۆرگەن يانفۇن «نوكىيا» ماركىلىق خېلىلا چوڭ يانفۇن ئىدى. مانا شۇنىڭدىن تارتىپ ئەتراپىمدا يانفۇنلارنىڭ تۈرلىرى كۆپىيىپ كەتتى. قىسقىسى يانفۇندىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە […]

ئەخلەت يىغقۇچى بوۋايدىن تىلەمچى يىگىتكىچە

ئەخلەت يىغقۇچى بوۋايدىن تىلەمچى يىگىتكىچە شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات بازىرىنىڭ بۇ كوچىسىدىن ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ئۆتىمەن. بۇ كوچىدىن ھەر كۈنى مېڭىۋەرگەچكىمۇ ئەتراپتىكى نەرسىلەرنىڭ قەيەرگە ئورۇنلاشقانلىقىدىن تارتىپ ھەممە نەرسە ماڭا تۇنۇشلا بولۇپ كېتىپتۇ. ھەر كۈنى ئىشىمغا سەھەر ماڭىمەن، بەكلا ئەتىگەن ماڭغاچقا يولدا ئىشلەمچى بازىرىغا كېتىۋاتقان ئىشلەمچىلەردىن باشقا ئادەملەر ئۇنچە ئۇچرىمايدۇ. بىزنىڭ بەك تەرەققىي قىلمىغان بۇ شەھەرنىڭ […]

ئاجايىپ چۈش

ئاجايىپ چۈش بۇرۇندىن چۈش كۆرسەم، سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرسام ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىدىغان ئادىتىم بار. كېچىدىن كۆرگەن چۈشۈمنى سەھەردە ئەسلىسەم، خۇددى كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىمدىن بىرمۇ-بىر ئۆتۈۋاتمامدۇ، ھەيرانلا قالدىم. ئۇنىڭدىنمۇ ھەيران قالارلىقى، كۆرگەن چۈشۈم ئاجايىپ غەلىتە، مەن ئادەتتە تەسەۋۋۇر قىلاي دېسەممۇ قىلالمايمەن. قانداق چۈش كۆرۈپتىمەن دېمەيسىلەر. قايسى كۈنى بىر توردىشىمىز كىچىك ۋاقتىمدا خەنچە ئاۋازلىقىنى، كېيىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە […]

ۋاقىتنىڭ قىممىتى…

ۋاقىتنىڭ قىممىتى… ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى كىچىك ئورۇندۇقتا خېلىلا يىراقتىكى مۇنارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سائەتكە قاراپ ئولتۇرۇۋاتقىنىمغا يېرىم سائەتتىن ئاشتى. سائەت ئىستىرىلكىسى توختىماي ئايلىنىۋاتىدۇ. سائەت توختىماي ئۆز ئوقىدا ئايلانماقتا. بىر مىنۇت، بىر سىكۇنىتمۇ توختاپ قالماي داۋاملىق ئالدىغا قاراپ ماڭماقتا… بۇ يېرىم سائەت ۋاقىتنى ھېچ ئىش قىلماي سائەتكە قاراپ ئولتۇرۇپ بىكارغا ئۆتكۈزىۋەتتىم. سائەتكە قاراپ ئولتۇرۇپ نۇرغۇن خام-خىياللارنىمۇ سۈردۈم. سائەتنى كەينىگە […]

خوجايىن ۋە خىزمەتچى

خوجايىن ۋە خىزمەتچى ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپلا بېكەتنىڭ ئۇدۇلىسىدىكى بىر تاللا دۇكىنىغا كىردىم. بۈگۈن ئالىدىغان نەرسىلىرىم جىددىيراق بولغاچ نەرسە-كېرەكلەرنى قايسى دۇكاندىن ئالسام بولار دەپ تاللاپمۇ ئولتۇرماي كىرىۋەردىم. كىرىپ شاكىلاتلاردىن ئازراق ئېلىپ بولۇپ قۇتىلىق بەرەنگە قەلەمچىسىدىن ئىككى قۇتا ئالاي دەپ خېلى ئىزدىگەن بولساممۇ ھېچ تاپالمىدىم. بەرەنگە قەلەمچىسىنى ئىزدەپ پۇكەيدىكى نەرسىلەرگە قاراۋاتسام سەل نېرىدىراق بىر قىزچاق ماڭا قاراپ تۇرىدۇ. […]

ئەركىنلىكى چەكلەنگەن قۇشلار

ئەركىنلىكى چەكلەنگەن قۇشلار خوشنامنىڭ ئۆيىگە بىر نەرسە لازىم بولۇپ قېلىپ ئالدىراشلا كىردىم. قىش بولغاچقا ئىشىكنى شۇنچە چەكسەممۇ بىرەرسى ئاچاي دېمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىرىۋەردىم. ئادەم يوق ئوخشايدۇ دەپ ئىچكىرىدىكى ئىشىكىنى چېكەي دەپ مېڭىشىمغا باغ تەرەپتىن پالاقشىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ خوشنام نېمە قىلىۋېتىپتۇ دېمەمسىلەر؟ شۇنداق چىرايلىق كەپتەرلەرنىڭ پەيلىرىنى قىرقىپ، بوغقىلى تۇرۇپتۇ. ئۇ بىر كەپتەر ھەۋەسكارى. نەدە چىرايلىق […]