نىران خانىدانلىقى(17)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (17)   ئايچىۋەر بىر ھەپتىدە ئەسلىگە كەلدى. بۈگۈن ئۇنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئىدى. ئەتراپنى سەيلە قىلىش ئۈچۈن سرتقا چىقتى. ئەركىن ئۆينىڭ كەينىدىكى بوش يەردىكى قۇرۇغان دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى خالتىلارغا قاچىلاۋاتاتتى. ــ مەنمۇ ياردەملىشەيمۇ؟،ــ ئەركىننىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا قىزىقسىنىپ سورىدى ئايچىۋەر. تۇيۇقسىز چىققان ئاۋازدىن سەل چۈچۈگەن ئەركىن،ــ بولىدۇ، ھېلى كىيىملىرىم چاڭ-توزان بولۇپ كەتتى دەپ قاخشىمىسىڭىزلا، […]

نىران خانىدانلىقى(16)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (16)   ئايچىۋەر ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھۇشسىز ياتتى. ئۈچىنچى كۈنى سەھەردە كۆزىنى ئاچتى. ئۇ كۆزىنى ئېچىپ ئۆزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالدى. كارىۋاتتىن چۈشۈشكە تەمشىلىۋېدى. پۇت-قوللىرى ئۇنىڭغا بوي سۇنىدىغاندەك قىلمايتتى. بېشىنى ئازراق كۆتۈرۈۋېدى بېشى زىڭىلداپ ئاغرىپ ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلىدى. ئاتلارغا يەم بېرىپ بىكار بولغان ئەركىن ياغاچ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاستا ئېچىپ كىردى. ــ ھۇشىڭىزغا […]

نىران خانىدانلىقى(15)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (15)  ئارسلان ۋە باشقا ئەسكەرلەر ئايچىۋەرنى كىيىكنى ئوۋلاپ قايتىپ كېلەمدىكىن دەپ يېرىم سائەتچە ساقلىدى. تېخىچە ئايچىۋەرنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئارسلان ئەنسىرەشكە باشلىدى. بايا ئايچىۋەر بۇيرۇق قىلغان بولسىمۇ كەينىدىن سەل ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋېتىپ ئەگىشىپ ماڭمىغىنىغا پۇشايمان قىلدى. ــ مەلىكە كىيىكنى قوغلاپ سەل ئۇزىراپ كەتكەندەك قىلىدۇ، شۇڭا بىر قانچىڭلار مەن بىلەن بىللە مەلىكە كەتكەن تەرەپنى […]

قىشتىكى نەشپۈت دەرىخى

قىشتىكى نەشپۈت دەرىخى   قىشتىكى نەشپۈت دەرىخى ئاستىدا، جاندىن ئۆتىدىغان سوغۇقنىمۇ تۇيمىغان ھالدا كېچىدىكى ئاي مەنزىرىسىگە قاراپ ئولتۇرماقتىمەن … ئەتراپ جىمجىت، نۇرغۇنلىغان ئازاپلىق مىنۇتلارنى نەشپۈت دەرىخى ئاستىدا ئۆتكۈزدۈم، ئۇ مېنىڭ زا-زار قاخشاشلىرىمغا سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇراتتى… مەن بولسام ساراڭلاردەك ۋارقىراپ، قەلبىمدىكى ئازابلىرىمنى يېنىكلىتىشكە تىرىشماقتا ئىدىم… مېنىڭ بالىلارچە قىلىقلىرىمدىن بىزار بولغان نەشپۈت دەرىخى، شاخلىرىدا مۇز بولۇپ […]

نىران خانىدانلىقى(14)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (14) ئەركىن ئايچىۋەرنىڭ ئېتىنى يېتىلەپ ماڭغاچ كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىدى، ھېلىقى ئادەملەرنىڭ قايتىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ يېنىك بىر تىندى. ئاتنى يېتىلەپ ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە ماڭدى. ئون مىنۇتتەك ماڭغاندىن كېيىن دەرەخكە باغلاپ قويغان ئۆزىنىڭ ئېتى يېنىغا كەلدى. ئاتقا ئىككى دانە خالتا ئارتىلدۇرۇلغان بولۇپ خالتىلاردا دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر تۇراتتى. ئايچىۋەرنىڭ ئېتىنى توختىتىپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ئېتىنى يەشتى. ھەر […]

قىزىل دېڭىز

قىزىل دېڭىز سەھەر مەزگىلى، ئۆيىمىز ئالدىدىكى كوچىغا چىقتىم. مەھەللىمىز دېڭىزنىڭ قىرغىقىدا ئىدى. تولا چىقىپ چۈشكەنلىكتىن كۆپىنچە يەرلىرىنىڭ سۇۋاقلىرى ئاجراپ كەتكەن پەشتاقتا ئولتۇردۇم. قۇياش ئەمدىلا قىزىرىۋاتقان ۋاقىت قۇياش ئۆزىنىڭ شەپەق نۇرىنى ئەتراپقا چاچماقتا. قۇياشنىڭ چىقىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ تۇرۇش مەن ئۈچۈن بەك كۆڭۈللۈك ئىدى. قۇياش ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلمەكتە. خۇددى دېڭىز سۈيى ئارىسىدىن چىقىۋاتقاندەكلا كۆرۈنەتتى. يېرىمى چىقىپ بولغان قۇياش […]

نىران خانىدانلىقى(13)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (13) ئايچىۋەر بۇ جەڭدە نۇسرەت قازىنىپ قايتىپ ئوردىدىكىلەرنىڭ قايىللىقىنى قولغا كەلتۈردى. كۆپىنچە ۋەزىرلەر ئايچىۋەرنىڭ شاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقىدىن نارازى ئىدى. ئۇلارنىڭ نارازىلىقى بۇ قېتىم خېلى پەسەيدى بىراق خەۋىپ يەنىلا بار. توغرۇلنى قوللايدىغان ۋەزىرلەر يەنىلا كۆپ، ھۇشيار تۇرمىسا بۇلار ھەر ۋاقىت ئاسىيلىق قىلىپ توغرۇل تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. مانا بۇ بىر قاتار […]