ھاياتتىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىم

تەپەككۇر تامچىلىرى 2017-01-30 03:20 2,303 11

ھاياتتىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىم

arzu arman

ئىنسان ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان ئارزۇ-ئارمانلارنى قىلىدىكەن. بۇ ئارزۇلارنىڭ كۆپىنچىسى غايىۋى خىياللار بولسىمۇ بەزىبىرلىرى ئەمەلگە ئېشىپمۇ قالىدىكەن. مانا بۇ رېئال تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق سىناقلىرى. رېئال تۇرمۇش ئۇ كىنو ئەمەس، شېرىن خياللىرىڭ بىردەمدىلا ئەمەلگە ئاشىدىغان، يېشىللىققا پۈركەنگەن دالىلاردا تايچاقلاردەك سەكرەپ بەخىت ئىلكىدە ئەللەيلىنىدىغان. ئۇ سېنىڭ ئويلىغىنىڭدىنمۇ قىيىن مۇرەككەپ بىر جەريانكى، ئۇنىڭ قىيىنلىقىدىن گاڭگىراپ نېمە قىلىشنى، نەگە مېڭىشنى، قايسىنىڭ توغرا، قايسىنىڭ خاتالىقىنى ھېچ بىلەلمەيسەن. رېئاللىق خۇددى قارا ئۆرۈكنىڭ تەمىدۇر. سىرتىنىڭ چىرايلىقلىقىغا قاراپ دەرھال يىگۈڭ كېلىدۇ، يەپ بولغاندىن كېيىن ئېغىزىڭنىڭ تاتلىقلىقىنى ياكى ئاچچىقلىقىنى بىلەلمەيسەن.

كىچىككىنە ۋاقتىمدىن تارتىپ مەيلى قانداقلا ئىش بولسۇن، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ھەممىسدە بارىغا شۈكرى قىلاتتىم، قانائەتچان ئىدىم. ئالدىمدا بارنىڭ قەدرىنى قىلاتتىم، يوققا ئۇنچىۋالا ئۆزۈمنى ئۇرۇپ زارلاپ كەتمەيىتتىم. چوڭ بوپتىمەن، شۇنچە ياشقا كىرىپتىمەن. ئۆزۈمگە لايىق ئازراق بەخىتنىڭ بولۇشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتىم. قانداقتۇر خىياللار قاينىمىدىكى غايىۋى بەخىت ئەمەس، رېئاللىقتىكى ماڭا تەئەللۇق بولغان كىچىككىنە بەخىتنى ئىزدەيىتتىم. ئەپسۇس ئېرىشەلمەيۋاتىمەن. ئېرىشىشكە تىرىشىۋاتىمەن، تىرىشقانسېرى بەخىت مەندىن شۇنچىلىك يىراقلاپ كېتىپ بارىدۇ. مەن بەخىتنىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ مېڭىۋاتىمەن، بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئالغا ئىلگىرلەۋاتىمەن. ئەنە، بەخىت كۆز ئالدىمدىلا، ئۇنچە يىراقتىمۇ ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىپ ھەمسەپەرداش بولۇشۇم مۈشكۈل بولۇۋاتىدۇ. كۈنسېرى ھالسىراۋاتىمەن، توختاپ قالاي دەيمەنيۇ لېكىن توختىغۇم يوق. قەلبىمدىكى پىلىلداپ ئۆچەي دەپ قالغان ئەشۇ كىچىككىنە ئۈمىد بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭماقتىمەن. بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەختكە يېتىشىۋېلىشىم مۇمكىن، شۇ ۋاقىتلاردا قەلىب ھېسلىرىمنى ھەممە چۈشۈنۈپمۇ قالار. ماڭا مۇڭداش، قەلبداشلارمۇ بوپ قالار.

ئۈمىدسىزلىك ئىنساننىڭ قەلبىنى چىرىتىۋېتىدۇ، شۇ چاغ ئىنساننىڭ ئاللىقاچان تىرىك مۇردىغا ئايلانغان چېغىدۇر. قانچىلىك كىچىك بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئازراقلا ئۈمىد بولىدىكەن داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، ھاياتىڭ ئاخىرلاشقىچە بىر قېتىم چوقۇم غەلبە قىلىسەن…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 11 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    ئىستىقلال 2017-05-30 19:40

    زادى …. نەكەم ساقلاۋاتقىلى يىڭىلال تۇرسىڭىز بولىتتى

    جۇلالىق

    كۆڭۈل ئارامىدا بولمىسىمۇ بىر نەرسىلەرنى يازماقمۇ تەسكە توختايدىكەن، ئەمدى يېڭىلاپ تۇرىمەن.
    بلوگىمنى يوقلاپ تۇرغان ئەزىزلەرگە رەھمەت.

  •   #2  

    جۇلالىق 2017-06-09 01:57

    تىنچلىقمۇ، ئۆزىڭىزمۇ تىچ-ئامان تۇردىڭىزمۇ؟
    مەن بار، شۇ ۋاقىت جىددىچىلىكىدە ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى جەم قىلىپ بولالماي يازما كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى.

  •   #3  

    تىۋىش 2017-06-09 12:56

    ئاخىرى يېڭىلاندى…
    ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغان بۇ كىچىككىنە دۇنيادا بولسىمۇ مەن بار، ئازۇ-غايىلىرىم تېخى ھايات دەپ يازمىلارنى يېزىپ تۇرۇڭ. ئارزۇلارغا ۋاقتىنچە يېتەلمىسەكمۇ مۇشۇنداق يازمىلىرىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزگە ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنىڭ توختىماي كۆكلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇش ئۈمىدسىزلىكتىن قۇتۇلۇش يولىغا كىرىشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ.

    جۇلالىق

    ئېيتماق بەكلا ئاسان، ئەمەلىيەتكە ماسلاشماق شۇنچىلىك قىيىن ئىكەن.
    لېكىن، مەن بەكلا ئۈمۈدۋار. دائىم ئۆزۈمگە ئۈمۈدۋار بول. ھامان بىر كۈنى نىشانىڭغا يېتىسەن. مەنزىلىڭ بەكلا يىراق بولسىمۇ سەن بەل قويىۋەتمىسەڭلا ئاخىرقى غەلبە سېنىڭ بولىدۇ، دەپ مەدەت بېرىمەن. مانا بۇ مېنىڭ ھاياتىم.

  •   #4  

    ئالۋۇن 2017-06-17 02:20

    بىلوگنىڭ يىڭىلانغانلىقىنى كۈرۈپ تىنىچ ئامان تورغانلىقڭىزغا ئىشەنچ قىلدىم ، ھايات چەكلىك بولسىمۇ ئارزۇ ئارماننىڭ چىكى يوق ئەمما ئۈزىمىزگە تەۋە بولغان بەخىتكە ئىرشىپ بولغۇچە تالاي ئىشلار بىشىمىزدىن ئۈتكۈزىدىكەنمىز ، خەير ھەممىزگە شۇ بەخت يار بولسۇن .

    جۇلالىق

    شۈكرىلەر بولسۇن، تېچ-ئامان تۇردۇم، رەھمەت.
    ئۆزلۈكسىز تىرىشىۋاتىمىز، ئۈمۈد قىلىۋاتىمىز، ھامان بىر كۈنى بىزگە تەئەللۇق بولغان ئەشۇ بەخىتكە ئېرىشىمىز. ھايات شۇڭا بەك شېرىن.

  •   #5  

    تىۋىش 2017-06-26 02:10

    شۇنداق، ئېيتمىقىمىز ھەقىقەتەنمۇ ئاسان، ئەمما ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرماق راستلا بەك قىيىن. شۇنداقتىمۇ ئۆزىڭىز دېگەندەك ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز مەدەت بېرىپ ياشىمىساقمۇ بولمايدۇ. ئۈمىدسىزلىك شەيتاندىن دېگەن گەپ بارغۇ بىزدە.

    رۇزا ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.

    جۇلالىق

    ئېغىزىڭدا شەھەر ئېلىپ چوڭ سۆزلەپ قويغاننىڭ مىڭدىن بىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىساق ئىدۇق، نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ كېتەر ئىدى. ئەمەلىي تۇرمۇش بىزنى قىيناۋاتىدۇ، سىناۋاتىدۇ، بىز توختاپ قالماي مېڭىۋاتىمىز. ئۈمۈدۋارمىز…
    سىزنىڭمۇ روزا ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! ھەممىمىزگە بەخىت-خۇشاللىق يار بولسۇن!

  •   #6  

    ۋىسال 2017-07-04 23:16

    توربىكىتىزدىكى مەزمۇنلارنى بەك ياقتۇردۇم ،داۋاملىق يىڭى مەزمۇنلارنى يوللاپ تۇرسىڭىز
    شەخسىي سۇئالىم :سىزنىڭ توربىكەت بىلەن دوستانە ئۇلىنىش قىلاي دىگەن ئىدىم شۇڭڭا مەن بىلەن ئالقلاشسىڭىز بوپ تىكىەن
    مۇڭداشقۇ :2231444970

    جۇلالىق

    يازمىلىرىمنى ياقتۇرغىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم.
    بېكىتىڭىزنى ئۇلىنىش قاتارىغا قوشۇپ قوياي، سىزمۇ ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ. ھەمكارلىشىپ تەڭ ئىلگىرلەيلى.