سارغايغان يوپۇرماق

تەپەككۇر تامچىلىرى 2016-12-02 00:53 2,168 5

سارغايغان يوپۇرماق

yopurmaq

كۈز ئايلىرى ئاخىرلىشىپ قىشنىڭ سوغۇق ھاۋاسى ئاستا-ئاستا باشلاندى. كۈزنىڭ ھەممە ئەتراپ ساپ-سېرىق گۈزەللىككە تويۇنغان ھالىتىنى ئەمدى كۆرەلمەيدىغان بولدۇم. نېمىشقىدۇر كۈز پەسلىگە ئالاھىدە ئامراقمەن. مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ھەممە يەردە دائىم ئۇچرىتىپ قالىمەن، <<دەرەخنىڭ قەدرىنى بىلمەي يەرگە چۈشكەن يوپۇرماق، شامالغا ئويۇنچۇق، يەرگە ئەخلەت>> بىر ئويلىسام بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بەكلا چوڭقۇردەك، يەنە بىر ئويلىسام بۇ مۇنداقلا بىر توقۇپ قويغان سۆزدەك بىلىنىدۇ. لېكىن نېمىشقىدۇر مۇشۇ كۈنلەردە بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ ھەقىقەتەن مەنىسى چوڭقۇردەك بىلىنىپ كەتتى. ئەتىياز كىرىشى بىلەن ئەڭ بۇرۇن دەرخنىڭ توم-توم غوللىرىدىن يوپۇرماقلار بىخ چىقىرىشقا باشلايدۇ. يوپۇرماق بارغانسېرى چوڭ بولۇپ مەلۇم چەككە يەتكەندە توختاپ تاكى كۈز پەسلىدە سارغىيىپ يەرگە چۈشكىچە دەرەخ بىلەن قارا بورانلاردا، يامغۇرلاردا ھەمدەمدە بولىدۇ. يوپۇرماقنىڭ كۈز پەسلىدە دەرەخ غولىدىن ئاجراپ چۈشۈشى بۇ بىر قانۇنىيەت. بۇ دۇنياغا قاچانىكى دەرەخ ئاپرىدە بولدى مۇشۇنداق داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن نېمىشقىدۇر كۈز پەسلىدە يوپۇرماقلارنىڭ دەرەختىن بىر تالدىن يەرگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەم، ئۆزۈممۇ ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان بىر خىل ھالەتتە كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ. توغرا، مەن دەرەختىن يوپۇرماقلارنىڭ چۈشكىنىگە قاراپ ئولتۇرۇشقا بەكلا ئامراق. نېمىشقا يوپۇرماقنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىگە كۆڭلۈم يېرىم بولىدىغاندۇ؟ بەلكىم، شۇنچە چىرايلىق يوپۇرماقلارنىڭ ئۇلارنى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قوغداپ ئاسراپ كېلىۋاتقان ياردەمچىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا كۆڭلۈم يېرىم بولىدىغاندۇ ياكى يوپۇرماقلارنىڭ يەرگە چۈشۈپ كىشىلەرنىڭ ئاياقلىرى ئاستىدا چەيلىنىپ ئەخلەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولىدىغاندۇ، بۇنىڭغا ئۆزۈممۇ ئېنىق جاۋاب بېرەلمەيمەن.

مۇشۇ كۈنلەردە مەنمۇ ئەشۇ غېرىپ سارغايغان يوپۇرماقلارغا ئوخشاپ قېلىۋاتىمەن. ماڭا ئوزۇق بەرگەن مۇستەھكەم غولۇمدىن ئايرىلىپ سارغايغان پېتىم يەردە، شامال قەيەرگە ئۇچۇرسا ئۇچماقتىمەن. شامال مېنى ئۇچۇرۇپ قەيەرلەرگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ ئۇنىمۇ بىلمەيمەن. شامالغا ئويۇنچۇق بولماي توختىۋېلىشقا ئامالسىزمەن. چۈنكى شامال مەندىن نەچچە مىڭ ھەسسە كۈچلۈك. بەزىدە شامالنىڭ ئۇچۇرۇشىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ، قەيەردە ئازراق يىغىلىپ قالغان يوپۇرماقلار بولسا شۇلارغا قوشۇلۇپ باقىمەنيۇ، تولىمۇ ئەپسۇس، بىزدىن نەقەدەر كۈچلۈك شامالغا بۇنداق ئاماللار ئىشلىمەيدۇ. شامال شۇنداق بىر كۈچەيسىلا بىزنىڭ ھەممىمىزنى ئاسمانغا ئۇچۇرۇپ پىرقىرتىۋېتىدۇ. بىر ھازادىن كېيىن باشلىرىمىز قايغان پېتى يەنە يەرگە چۈشىمىز. شامال مېنى ئەڭ ئاخىرىدا نەلەرگە ئاپىرىپ قايسى ئازگاللارغا تاشلايدۇ. ماڭا بۇ قاراڭغۇلۇق ئىدى. مەن نەقەدەر ئاجىزمەن. ئەسلى مېنىڭ كۈچلۈك غولۇمدىن ئايرىلىشىم خاتادۇر. بىراق، ماڭا شۇنداق قىلماي ئامال يوق. سەن قانچە تىركەشسەڭمۇ ئۆز تەقدىرىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن. مانا بۇ ئىنساننىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن تەقدىرى…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 5 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    مەلەك 2016-12-17 07:12

    نېمىشقىكىن غازاڭ پەسلىنى يەنى كۈز پەسلىنى ھېرىش ماغدۇردىن كېتىش غېرىپسىنىش پەسلى دېگۈم كېلىدۇ.
    تىپتىنچ ئادەمسىز يولدا ھېلى ئالدىغا ھېلى كەينىگە سۈرۈلۈپ سۈرۈلۈپ ئۇچىشىۋاتقان ساپسىرىق يوغان يوپۇرماقلارنى كۆرۈپ، ئويغا پېتىپ بۇ غازاڭ پەسلى- بەئەينى ماغدۇردىن كېتىش پەسلى ئىدى دەپ خاتىرە يېزىپ قويغىنىم ئۈچۈن ئۆمۈر يولدىشىم « نېمە ئىش قىلىپ ماغدۇردىن كېتىۋاتىسىز؟» دەپ خاپا بولۇپ قالدى.
    دەرەخنىڭ باغرىنى يېرىپ چىققان ياپيېشىل ياپراقنىڭ، كېسەل بوپ ئەجەل كېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن جانلىققا ئوخشاش ئۆزىنى چوڭ قىلغان دەرەخ قوينىدىن ئايرىلىشى، ئۇنىڭ ماغدۇردىن كېتىشى، تۇتۇنۇش، ئىلنىشىۋىلىشقا ماغدۇرىنىڭ يەتمىگەنلىكى ئەمەسمۇ؟
    قىززىق ھە، ئەشرەفۇل مەخلۇقات دەپ تەرىپلەنگەن ئىنسانمۇ بەزىدە جانسىز دەپ قارالغان شۇ گىياھلارغا ئوخشاپ قالىدىكەن. ھە راست ئوخشاپ قالىدىكەن ئەمەس، تەقدىرىمىز تامامەن ئوخشاشكەن.
    تۇپراقتىن كېلىش، تۇپراققا قايتىش….

    جۇلالىق

    كۈز پەسلى ئادەمنى بەكلا غېرىپسىۇندۇرىدۇ، ئېيتقىنىڭىزدەك كۈز پەسلى يېتىپ كەلسىلا مەندىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان يېقىنلىرىمنى ئەسلەپ قالىمەن، بەكلا غېرىبلىق باسىدۇ. لېكىن نېمىشقىدۇر كۈز پەسلىنى يەنىلا ياقتۇرىمەن.
    ئوماق سىڭلىممۇ بىر ئۆينىڭ پېشىنى تۇتۇپ ئۆمۈرلۈك ھەمراھ تېپىۋاپتۇدە، مۇبارەك بولسۇن! تويىڭىزغا قاتنىشالمىغان بولساممۇ سىزگە چىن كۆڭلۈمدىن بەخىت تىلەيمەن. ئىگىمىز سىزگە بەخىت، خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن!

  •   #2  

    مۇئەللىم 2017-01-02 16:04

    ياپراق توغرىسىدىكى بۇ يازمىڭىز كىشىنى تولىمۇ ئويغا سالىدۇ . مەنزىلىمىز شامالغا باغلانغان . ئەخلەت بولىمىزمۇ ياكى بىراۋلارنىڭ خاتىرىسى قېتىدا قايناق مىھرى-مۇھەببىتىنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە ئەسلىمە سۈپىتىدە ساقلىنىزمۇ بۇنىسى نائېنىق . ئەمما ، بىزنىڭ دەرەخنىڭ غولىدىن ئايرىلىشىمىز يەنە يېڭى پەسىللەردە يېڭى ياپراقنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈندۈر ….يازمىڭىزغا رەھمەت .

    جۇلالىق

    بولسا شۇ يېڭىدىن ئۆسۈپ چىققان يوپۇرماقلاردەك، بىزلەرمۇ يېڭىچە بىر ئىنسان بولۇپ ئۆكۈنمىگىدەك ياشىيالىساق،ھاياتىمىز ئاخىرلىشىشىتىن بۇرۇن بىز ئېرىشكەن ئەڭ چوڭ سوۋغات بولاتتى.

  •   #3  

    جۇلالىق 2017-01-21 04:49

    تىنچلىقمۇ،
    كۆپىنچىمىزنىڭ قىزىقىشى ئوخشاش، پەقەتلا قىزىقىشىمىزلىرىمىزدىن بىخەۋەر يۈرگىنىمىزلا بار.
    سارغايغان يوپۇرماقلارنىڭ بىر تالدىن يەرگە چۈشۈۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈش مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئىشلاردىن بىرسى، ئۆزۈم يالغۇز تەنھا يوپۇرماقلار بىلەن ھەممە ياقلارغا ئۇچۇپ سەيلە قىلىپ ئەسلىدىكى شۇ مەنگە قايتىمەن.