ئەڭ قىيىن كۈنلەردە

تۇرمۇش كارتىنىلىرى 2016-08-30 10:14 5,746 8

ئەڭ قىيىن كۈنلەردە

qiyin kunler

ھاياتنىڭ تاغ-داۋانلىرىدا ئۆزلۈكسىز ئىلگىرلەپ مېڭىۋاتاتتىم، بىر كۈنى تۇيۇقسىز چوڭقۇر بىر ھاڭغا چۈشۈپ كەتتىمكى، نېمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمايلا قالدىم. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ھەر ۋاقىت قىيىنچىلىقلار ئۈچۈن تەييارلىقىم بار ئىدى. چۈنكى، ھاياتنىڭ تۈرلۈك قىسمەتلىرى سېنى ھەر ۋاقىت ھەيران قالدۇرۇپ قويىدۇ. لېكىن بۇ قېتىمقىسى شۇنچىلىك دەھشەتلىك ئىدىكى، شۇنچە يېشىمغىچە بۇنداق ئېغىر قىسمەتكە دۇچ كېلىپ باقمىغانىدىم. چۈشكەن يېرىمدىن دەس تۇرۇش ئۈچۈن تەمشىلىۋاتىمەن. بىراق، پۇتلىرىمنى يۆتكىگىدەكمۇ ماغدۇرۇم قالماپتۇ. ئەتراپقا تەلمۈرۈپ قاراپ باقتىم، ئەتراپ قاپقاراڭغۇ، شۇنچىلىك جىمجىت قارىغانسېرى ئادەمنى سۈر باساتتى. ئەمما نېمىلا قىلماي تىرىشىپ-تىرمىشىپ بىر ئاماللارنى قىلىپ بۇ يەردىن چىقىشىم كېرەك. بولمىسا تەقدىرىمگە پۈتۈلگىنى مۇشۇ ئىكەن دەپ ئاچلىقتىن ئۆلۈمنى كۈتمەكتىن باشقا ئامال يوق.

 ھاياتنىڭ گۈزەل، ئادەمنى ئۆزىگە جەلب قىلىدىغان تەرەپلىرى مېنى توختىماي چاقىرىۋاتىدۇ. مانا بۇ ھايات، مانا بۇ تۇرمۇش. ئۇ بەزىدە سېنى خۇشاللىقلاردىن سۆيۈندۈرۈپ ئۆزىگە رام قىلىۋەتىسە، يەنە بەزىدە ئازاپلىرى بىلەن سېنى دەھشەتلىك قىينايدۇ. ھايات خۇددى ئەپسانىۋى كىتابلاردا تەسۋىرلىگەن سېھىرلىك گۈزەل نازىنىنغا ئوخشايىتتى. سەن بۇ نازىنىنغا ئۇچراپ قالدىڭمۇ ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن. ئۇنىڭ گۈزەللىكى ئەقلىڭنى لال قىلىۋېتىدۇ، ئۇنىڭدىن يىراقلىشاي دېگەنسېرى بىر سېھىرلىك كۈچ سېنى ئۇنىڭ يېنىغا ئىتتىرىدۇ، سەن كەينىڭگە قانچە داجىغانسېرى قەلبىڭ ئۇ تەرەپكە تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ. ئاخىرى قەلب تىۋىشىڭغا بوي سۇنۇپ ئۇنىڭ قېىشىغا بارغىنىڭدا گۈزەل نازىنىننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئازاپلىرى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىسەن.

بىر قەدەم بىر قەدەمدىن  ئىلگىرىلەپ بىر ئاماللارنى قىلىپ ئاخىرى بۇ قىيىن كۈنلەردىن قۇتۇلدۇم، قۇتۇلمىقىم ئۇنداق ئاسانغا چۈشمىدى. يەنىلا قۇتۇلدۇم. قىيىن كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەندە كەينىمگە قايرىلىپ قاراشتىنمۇ قورۇقتۇم. قارىسام يەنە شۇ كۈنلەرگە قايتىپ كېتىدىغاندەك بىر خىل ۋەھىمە مېنى چۇلغىۋالدى. لېكىن، قانداقلا بولمىسۇن بۇ كۈنلەر ئاخىرى ئۆتۈپ كەتتى. ئۆتكەن شۇ كۈنلەردە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلۇدۇم خىيال قىلدىم. نېمىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى، نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى قايتىدىن بىر ھېس قىلىپ يەتتىم. بۇنىڭدىن كېيىن بىردىنبىر قىلىدىغان ئىشىم، باسقان ھەر بىر قەدەمنى ئويلۇنۇپ بېسىش ھەمدە قىلماقچى بولغانلىرىم توغرىسىدا قايتا-قايتا ئويلىنىش ئىدى.

ئەي تاتلىق ھايات، سەن بەزىدە شۇنچە شېرىن، بەزىدە شۇنچىلىك ئاچچىق. بىز ھامان سەندىن ئايرىلالمايمىز. بىزنىڭ تەقدىرىمىزدە قانداق ئىشلار بولىشىدىن قەتئىنەزەر سەن بىلەن ھەمدەمدە ماڭماقتىمىز…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 8 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    ئالۋۇن 2016-09-09 23:01

    دىيەلەيدىغىنىم پەقەت بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ …
    ھاياتنىڭ قىسمەتلىرى راسلا ئەگىرى تۇقايلىقكەن …
    ئىنسانىيەتنىڭ ئىرشىدىغىنى كۈردىغىنى ھەقىقەتەن پىشانىسىگە پۈتۈلگەنلىكىگە ئىشەندىم .
    يەنە نىمە قىسمەتلەر كۈتىۋاتىدۇ بىلمەيمىز خۇددى تۇيۇقسىز كەلگەن مىھماندەك ئادەمنى جىددىلەشتۈرشى ئىنىق .

    جۇلالىق

    بۇنداق قىيىن كۈنلەرنىڭ ئۆتۈپ كەتمىكى ھەقىقەتەن تەس ئىكەن.
    بىزنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنىمىز بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئېغىر كۈنلەرگە ئۇچرىماسلىقنى تىلەيدىكەنمىز.

  •   #2  

    تىۋىش 2016-09-13 08:50

    تىنچلىقمۇ.
    ئايىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن . ئۇزاق بوپتىكەن تورغا چىقمىغىلى، بۈگۈن تور مەھەللىڭىزگە بولسىمۇ «ھېيتلاپ» ياناي دەپ.

    بەزىدە قىيىنچىلىقلارغا شۇنچىلىك تەييارلىق قىلىپ تۇرساقمۇ، ئۇلاردىن ئامال قىلىپ ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ تۇرساقمۇ ئۇلار يەنىلا بىزنى تاپىدىكەن. گاڭگىرايدىكەنمىز، ئۆزىمىزنى تاشلىۋەتكىمىز، مەقسەت-مۇددىئالىرىمىزدىن ۋاز كەچكۈمىز كېلىپ كېتىدىكەن. يا غەيرەت-سەۋرىمىز بىلەن قىيىنچىلىقلاردىن غالىپ كېلىپ قىيىنچىلىقلارغا يۇشۇرۇنغان ھىكمەتنى قولىمىزغا ئالىدىكەنمىز، ۋەيا قىسمىتىم شۇ ئوخشايدۇ دەپ ئۇھسىنىدىكەنمىزدە ھەممە نەرسىدىن ۋاز كىچىدىكەنمىز.
    قىيىن كۈنلەردىن قۇتۇلغانلىقىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن كۆڭلۈم ئەمىن تاپتى.

    ياراتقۇچى ھەممىمىزنى غەيرەت-شىجائەتلىك، سەۋىر-پاراسەتلىك كىشىلەردىن قىلسۇن.

    جۇلالىق

    تىنچلىقمۇ،
    سىزنىڭمۇ ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن. مەھەللەمنى ئۇنتۇپ قالماي يوقلاپ كەلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
    دېگىنىڭىزدەك مېنىڭمۇ بۇ ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي بەل قويۇۋەتكۈممۇ كەلدى. شۇ ۋاقىتلاردا ئويلىدىم. بۇنچىلىك مۈشكۈلچىلىكلەرگە بەرداشلىق بېرەلمىسەم، مېنى كەلگۈىسدە يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتىۋاتىدۇ بىلمەيمەن، شۇ چاغلاردا بىراقلا يىقىلىپ چۈشمەمدىم. مەن يەنىلا چىدىشىم ئالدىمغا قارا توختىماي ئىلگىرلىشىم كېرەك ئىدى. شۈكرى، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى. ھەممە كەينىمدە قالدى.

  •   #3  

    مەلەك 2016-11-14 09:10

    ئەڭ قېيىن كۈنلەردىن قۇتۇلغىنىڭىز ئۈچۈن خۇش بولدۇم… راست گەپ قىلسام بىرخىل يىغا تۇتتى.

    جۇلالىق

    بۇ قىيىن كۈنلەردىن قۇتۇلمىقىم راسلا تەسكە چۈشتى، لېكىن ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭغا شۈكرىلەر بولسۇن!

  •   #4  

    قەلىپتاش 2016-12-08 11:56

    تورغا چىقىپ بىلوگ ئارلاپ باقمىغىلى ئۇزۇن بوپ كىتىپتىكەن ئەسلىمنى ئۇنتاي قاپتىمەن مۇشۇ بىلوگ سەۋەبى بىلەن كومپىيوتېرغا قىزىزىققان ئىدىم ، ئادەمنىڭ بېشىغا شۇنداق قېيىن قىسمەتلەر كىلىپ تۇرىدىكەن بەزىدە شۇ قىسمەتلەر ئارزۇلىرىمىزنى ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن بەزىلىرى بولسا ئەسلىنى ئۇنۇتقۇزۋېتىدىكەن .

    جۇلالىق

    مېنىڭ بلوگىم سەۋەبلىك كومپىيۇتېرغا قىزىققىنىڭىزدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم، بلوگىمنىڭ شۇنچىلىك بولسىمۇ رولى بولغىنىدىن بەكلا خۇشالمەن.
    بەلكىم سىز شۇ كومپيۇتېرغا قىزىقى نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشكەن بولۇشىڭىز مۇمكىن.
    بۇ ھاياتىمىزدا نۇرغۇن قىسمەتلەرگە يولۇقىمىزكەن ھەم پىشىپ يېتىلىدىكەنمىز.