كىنوخۇمارلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر

تەسىرات ئۈنچىلىرى 2016-07-15 03:35 6,449 4

كىنوخۇمارلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر

Epsane-Tori

بىر يىلدىن بېرى تۈنى ئانچە-مۇنچە ئۆگۈنىۋېلىپ، ھەر ھالدا ئازراق چالا ساۋاتلىق بولۇپ قالدىمدە، دەرھاللا تۈ ئاۋازلىق فىلىملەرنى كۆرۈشكە باشلىدىم. لېكىن بۇ يەردە بىر قىيىنچىلىق چىقتى. بۇرۇن ھەممە تور نورمال ئېچىلىدىغان ۋاقىتلاردا قانداقلا فىلىم ئىزدىسەم قىينالمايلا تاپاتتىم. ھازىر كۆپىنچە چەتئەلنىڭ تور بەتلىرى ئېچىلمايدىغان بولغاچ، تۈ ئاۋازلىق فىلىملەرنى تېپىشمۇ قىيىنغا چۈشتى. بىر كۈنى تور ئارىلاپ يۈرۈپ بىر تور بەتنى ئۇچرىتىپ قالدىم. قانداق بەتكەن دېمەيسىلەر، نەخ ماڭا لازىملىق بەتكەن. يەنى بۇ تور بەت مەخسۇس تۈ ئاۋازلىق قىسىملىق ھەم ھېكايە فىلىملەرنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەيدىغان بەتكەن. شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى تاپالمايۋاتقان نۇرغۇن فىلىملەرنى قىينالمايلا چۈشۈرۋالدىم. قېنى ئەمىسە دوستلار سىىلەرمۇ بۇ تور بەتنى زىيارەت قىلىپ بېقىڭلار. بەلكىم سىلەرمۇ تاپالمايۋاتقان فىلىملىرىڭلارنى تېپىۋېلىشىڭلار مۇمكىن.

ئەپسانە تورىغا مەرھەمەت:

 http://www.epsane.net/

بۇ يازمىدا جەمئىي 4 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    ئالۋۇن 2016-07-16 00:36

    بۇ ياخشى بوپتۇ بەزىلەر بىلگەن بىلەن بىلمەيدىغانلارمۇ كوپ .
    مەن بىلىدىغان بىر تور بەت بار ھەر خىلدىكى ئۆزتىل فىلىملەرنىڭ ماكانى يەنە كىلىپ سۈزۈك فىلىم ، ئادرىسىنى قالدۇراي دىسەم دادام ئۇنداق قىلماڭ دىگەنتى قىزىقىدىغانلارغا ئايرىم دەپ بىرەي …
    چ چ 993834818 نى قۇشۇڭ قۇلىقىڭىزغا دەي .

    جۇلالىق

    قېنى سىز دەپ بېرىدىغان بەتنىمۇ بىر زىيارەت قىلىپ باقايلى. تاپالمىغان فىلىملەرنى تپىۋالارمىز.

  •   #2  

    ئالۋۇن 2016-07-28 21:38

    سىز ئىزدىگەن فىلىملەر بارمىكەن …؟

    جۇلالىق

    ماڭا لازىملىق فىلىملەر بەكلا كۆپكەن، لېكىن بۇ بەتتىن فىلىمنى قانداق چۈشۈرۈشنى ھېچ بىلەلمىدىم.