ھايات ھەقىقەتەن تاتلىق ئىكەن

تەپەككۇر تامچىلىرى 2016-06-28 22:23 2,269 6

ھايات ھەقىقەتەن تاتلىق ئىكەن

hayatliq

ئىنساننىڭ تەبىئىتى شۇ بولسا كېرەك، بىر ئىش ئالدىمىزغا كەلگىچە تازا چوڭ سۆزلەيدىكەنمىز، ۋاقتى-سائىتى كېلىپ، شۇ ئىشقا دۇچار بولۇپ قالساق بۇرۇن قىلغان نوچىلىقىمىزدىن ئەسەرمۇ قالمايدىكەن. خېلى بۇرۇندىن تارتىپ دائىم دەيدىغان گېپىم، ھامان بىرلا ئۆلۈمغۇ، ئۆلۈمدىن ئۇنچىۋالا قورقۇش كەتمەيدۇ دەيىتتىم. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە چوڭ بولۇپتىمەن، نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپتىمەن، بۇ ھاياتتىن يەنى ياشاشتىن ۋاز كېچىشنىڭ ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەسلىكىنى بارغانسېرى ھېس قىلدىم. بولۇپمۇ 2016-يىلى كىرگەندىن تارتىپ ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن تۇيۇقسىز كېسەللىكلەر ماڭا ھاياتنىڭ بەكلا تاتلىق بولىدىغانلىقىنى، تەن ساقلىقنىڭ نەقەدەر بەخىت ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇردى.

كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ يېشىللىققا بەكلا ئامراق ئىدىم. ھازىر تېخىمۇ ئامراقمەن. نەدە ئازراق يېشىللىق، گۈلزارلىق بولسا شۇ يەرلەرگە تويماي قارىغۇم كېلىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇس، بىزنىڭ بۇ يۇرت تەكلىماكاننىڭ باغرىدا بولغاچ يېشىللىق كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ، شۇ ئازغىنە يېشىللىقلاردىنمۇ ئۆزۈمگە ھوزۇر تاپىمەن. ئەتراپىمدىكى يېشىللىقلارغا تويماي قارىغانسېرى يەنىلا ھاياتنىڭ بەكلا گۈزەل بىر سوۋغا ئىكەنلىكىنى، ياشاشنىڭ شۇنچىلىق تاتلىق بولىدىغانلىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمەن.

ئەي قەدىرلىك دوستۇم، سىزنىڭمۇ ھاياتقا تويماي باققان، ياشاشنىڭ شۇنچىلىك تاتلىق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 6 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    ئالۋۇن 2016-07-16 00:30

    شۇنداق ، ھاياتنىڭ قىممەتلىكىنى تىنىڭغا -جسمىڭغا روھىڭىغا جىسمانى روھى ئازاپ چىرمىغاندا ھەقىقەتەن ھىس قىلىسەن ئۈلۈمنىڭ ئۈزۈڭگە يىقىنلاپ كەلگەنلىكىنى ھىس قىلغان ۋاختىڭدا ھەقىقەتەن بۇ ھاياتنىڭ قىممەتلىكىنى ھىس قىلدىكەنسەن …

    جۇلالىق

    بۇ ھاياتتىن ۋاز كەچمەك ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەسكەن.

  •   #2  

    ئزدىنىش 2016-09-05 05:08

    مەن بۇ تور بەتنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن،چۈنكى مەن بىكا قالساملا بۇ تور بەتتىكى نادىر يازمىلانى ئوقۇپ ھوزۇرلىنىمەن.

    جۇلالىق

    بلوگىمنى ياقتۇرۇپ زىيارەت قىلىپ تۇرغىنىڭىزدىن بەكلا خۇش بولدۇم. ھەر ۋاقىت كېلىپ تۇرۇڭ، سىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

  •   #3  

    مەلەك 2016-12-17 07:24

    ئۆزۈم تۇغۇلغان، چوڭ بولغان 20 نەچچە يىل ياشىغان مۇھىتىمدىن، ئائىلەمدىن ئايرىلىپ، تۇرمۇش ئادىتى ، مۇھىتى ھەممە ھەممىسى باشقا ۋە ناتونۇش بولغان يەنە بىر ئائىلىگە كېلىپ بولۇپ كىرگىنىمدە، قويۇش تۇتۇشۇمنى، ئولتۇرۇش قوپۇشۇمنى بىلەلمەي، جىددىيلەشكەن، پۇشايمان قىلغان، ھەتتا كىچىككىنە زىدىيەتلەرمۇ ئېغىر كېلىپ ھاياتتىن بەزگەندە، كىچىككىنە بىر نەرسە پېشىمگە مەھكەم ئېسىلىۋالغاندەك قىلدى، ئۇ ئەمدىلا «تۆرەلمە» دېگەن ئىسىمنى تاماملاۋاتقان ، ۋۇجۇدۇمدا چوڭ بولىۋاتقان بالام ۋە مەن سۆيگەن قىيالمايدىغان يولدىشىم ، ئاتا-ئانا ئۇرۇق تۇققانلىرىم بولدى.
    ھاياتتىن زارلايدىكەنمىز، قاقشايدىكەنمىز، ئۇنىڭغا بەزىدە ئېسىلىۋىلىشنى ئىستىسەك، بەزىدە قولىمىزنى قويىۋىتىشنى ئىستەپ قالىدىكەنمىز.
    گاھىدا سۆيۈپ قانمىساق، گاھىدا زارلاپ قاقشاپ تويۇپ كېتىدىكەنمىز.
    بەزىدە بۇ ھايات نېمىدىگەن گۈزەل، كۈنلەرنىڭ بىرىدە كېتىپ قالىمىز قانداق قىيارمەن دەپ ئەنسىرەپ، تۇغۇلىشىغا بىرمۇنچە ۋاقىت بار بالامغا ئۆزۈمچە »گۈلھايات، نۇرھايات» دېگەندەك ئىسىملارنى ئويلاپ كېتىمەن.
    ئەمما ھاياتنى ھايەتتەك ياشاش، مەنىگە ئېگە قىلىپ ئۆكۈنمىگىدەك، رەڭدار قىلىپ ياشاش بەسىي مۈشكۈلكەن.
    ئەنە شۇنداق چاغلاردا چىڭ تۇتۇۋالاي دېسەممۇ ئۇنىمايۋاتقان ناۇزۇك ھاياتقا « ئەي ھايات، سېنى سۆيۈپ قانمىدىم، قولۇڭنى بىر بەرگىنە، سىنى مەھكەم قۇچاقلىۋالاي» دېگۈم كېلىپ كېتىدۇ.

    تېنىڭىزگە ساقلىق تىلەيمەن ھەدە…. ياپيېشىل دەرەخزارلىقتا سائەتلەپ ئولتۇرۇپ ھەمسۆھبەت بولغان كۈنلىرىمىزنى دائىملا ئەسلەپ تۇرىمەن…
    بىر ھەدەم شۇيەردە بولسىمۇ، شۇ ماكانغا يەنە بىر بېرىش پۇرسىتى پەقەت بولمىدى، ئەمدى يەنە بىر تاغلىق ماكاندا، بىر ئۆي باشقا كېيىلگەندە بەلكىم تېخىمۇ تېخىمۇ مۇمكىن بولمىسا كېرەك….(شۈمشەيگەن چىراي ئىپادىسى)

    جۇلالىق

    قىز بالا بولماق ھەقىقەتەن بەكلا تەسكەن، ئەڭ تەسكە توختايدىغىنى قەدىردان ئاتا-ئاناڭدىن ئايرىلىش ئېغىر كېلىدىكەن. يېڭى ھاياتتا سېنى كۈتىۋاتقان بىر تالاي قىينچىلىقلار سېنى ھاردۇرۇپ ماغدۇرۇڭنىمۇ قويمايدۇ. لېكىن نە ئامال؟! ياشىماي بولمايدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگىنى شۇ.
    قورسىقىڭدا بىر ئوماق ھاياتلىقنىڭ بارلىقىنى تۇنجى بىلگەن ۋاقىتتىكى ھېسيات ئاجايىپ بىر خىل ھە سىڭلىم؟! بۇنداق ھېسياتنى باشقىلارغا ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. ئۆزۈڭدىكى بۇ تاتلىق سېزىمنى ھېچ نەرسىگە تەڭ قىلمايسەن.
    كېيىن شۇ ئوماق تۇغۇلىدۇ، تۇرمۇشنىڭ بېسىمىنى ساڭا قانچىلىك ئېغىرچىلىقلارنى سالسۇن، شۇ ئوماقنىڭ بىر قېتىملىق كۈلكىسى ساڭا ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ، سەن بۇ جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرىسەن.
    ئەزىز سىڭلىم، سىزنىڭمۇ تېنىڭىزگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىڭىزغا بەخىت تىلەيمەن. مەنمۇ شۇ قىسقىغىنە بىرگە ئۆتكەن ۋاقىتلىرىمىزنى، مۇڭلىرىمىزنى دائىم ئەسلەپ قالىمەن. بىر كۈنلەردە يەنە قانغىچە مۇڭدىشىدىغان پۇرسەتلەر كەلسىدى دەپ ئۈمۈتلەر قىلىمەن.
    بىر كۈنلەردە چوقۇم كۆرۈشۈپ مۇڭدىشىمىز، ئۈمۈتۋار بولۇڭ جانىم.