شۇنداق بىر ئۆيۈم بولسىدى…

تەپەككۇر تامچىلىرى 2016-04-28 21:34 2,374 6

شۇنداق بىر ئۆيۈم بولسىدى…

oy

بەكمۇ كىچىك ۋاقىتلىرىم ئىدى، كىنولاردا بايلارنىڭ ئېسىل داچىلىرىنى كۆرسەم بەكمۇ ھەۋەس قىلاتتىم. كېيىنكى كۈنلەردە مەنمۇ چوڭ بولسام مۇشۇنداق ئېسىل ئۆيلىرىم بولارمۇ؟ دېگەندەك تاتلىق ئارزۇلارنىمۇ قىلغانىدىم. ھالا بۈگۈنكى كۈنگەكەلگەندە ئەشۇ بايلارنىڭ داچىلىرىدەك كاتتا ئۆيۈم بولمىسىمۇ، ئۆزۈمگە لايىق بىر ماكانىم بار بولدى. لېكىن نېمىشقىدۇر كۈندىن-كۈنگە شۇنداق بىر ئۆيۈم بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىپ قالدىم. قانداقتۇر مەن كىچىك ۋاقتىمدا ھەۋەس قىلغان داچىلاردەك ئەمەس، ئۆزى ئاددىي ئەتراپىدا دەل-دەرەخلەر، چىرايلىق ئېچىلغان گۈللەر بار بولسا، كىچىك قولايلىق بىر ئاددىي ئۆيۈم بولسىكەن. يەنى بۇ ئۆي قانداقتۇر قويۇق ھېچكىم يوق ئورمانلىقلاردا ئەمەس ھەم بەكمۇ ئاۋات قىستاڭچىلىق شەھەردىمۇ ئەمەس، شەھەرگە يېقىن، ئۆيۈمگە بارىدىغان قىسقىغىنە مەھەللە كوچىسىدىمۇ يېشىللىقلار بولسا، تاكى ئۆيۈمنىڭ دەرۋازىسىغىچە، دەرۋازامنىڭ ئىچىنى يەنى ھويلامنى ئۆزۈم گۈللەرگە تولغۇزۇۋەتسەم. ھويلامدا ھەر خىل گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتسە، ئەتىگىنى ناشتىنى گۈللەرنىڭ خۇش ھىدلىرى ئارىسىدا قىلسام نېمە دېگەن راھەت. ئۆيۈمنىڭ دەرىزىسىنى ئاچسام ئەتراپتىن يېشىللىقتىن كېلىۋاتقان نەمخۇش ھاۋا كەلسە، خۇشنىلىرىمنىڭ ھويلىلىرىمۇ مېنىڭكىدىن قېلىشمىغىدەك گۈللەرگە پۈركەنگەن بولسا، چۈنكى بۇ ھاياتىڭدا سەن ھەرگىزمۇ يەككە-يىگانە ياشىيالمايسەن. سەن چىقىشىپ ياخشى ئۆتەلەيدىغان خوشنىلىرىڭنىڭ بولغىنى بۇمۇ بىر چوڭ غەنىمەت.

خوبىتلار فىلىمىنى پات-پات كۆرۈپ قويىمەن، فىلىمنى كۆرسەملا ئىچىمگە يەنىلا مۇشۇنداق ئۆي ھەۋىسى چۈشىدۇ، خوبىتلارنىڭ ئوتلاقلاردىكى ئۆيىنىڭ ھەممە تەرىپى ياپ-يېشىل چىملىق، ئىشىكىنىڭ ئالدىغا چىقساڭ ھەممە يەر شۇنچە گۈزەل. ھەتتا ئۆيىگە كىرىدىغان ئىشىكنىڭ ئالدىنىمۇ چىرايلىق ئوت-چۆپلەر قاپلىغان. ئەتراپ شۇنچىلىك تىنىچ، مۇھىتى بەكلا پاكىزە، راھەتبەخىش…

قايناق شەھەرنىڭ ھاۋاسىدىن، ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىدىن قانچىلىك زېرىككەنسېرى مۇشۇنداق بىر ئاددىي گۈزەل ئۆيۈم بولسىكەن دېگەن شېرىن خىيالنى تولا قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. بەلكىم بۇ مېنىڭ ئۆمۈرلۈك بىر ئارزۇيۇم، خىيالىم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ بەكلا گۈزەل بىر ئارزۇ ئىدى. كىم بىلىدۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئېشىپ قالامدۇ تېخى.

ئەي قەدىرلىك دوستۇم، سىزنىڭمۇ شۇنداق گۈزەل ئارزۇلىرىڭىز بولغانمۇ؟…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 6 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    ئالۋۇن 2016-05-12 04:17

    رىۋايەتلەردىكىدەك شىرىن خىياللارنى كىم قىلمايدۇ دەيسىز ، مىنىڭمۇ شۇنداق خىياللىرىم بار مىنىڭ ئۈيۈمنىڭ ئەتىراپىدا ئىقىپ تۇردىغان بۇلاق سۈيى بولسا قۇشلارنىڭ سايرىشى مىنى شېرىن ئۇيقۇدىن ئويغاتسا ، دىمەك بۇ شىرىن خىياللار چەكسىز دە …

    جۇلالىق

    دېمىسىمۇ بۇنداق خىياللار بەكلا تاتلىق بولىدىكەن، بەزى بەك چارچاپ كەتكەندە ئەشۇنداق تاتلىق خىياللارغا بەنىت بولۇپ كەيپىياتىمنى ياخشىلايمەن.

  •   #2  

    تىۋىش 2016-05-20 23:22

    تىنچلىقمۇ.
    بەزى چاغلاردا ئاجايىپ خىياللارنى قىلىپ كېتىمەن: تىپتنىچ بىر دالىنى، ياپيېشىل ئوتلاقلارنى، سەكرەپ-تاقراپ ئوينىشىپ يۈرگەن كىچىك قوزىلارنى….ئاشۇنداق جىمجىت بىر يەردە، شەھەرنىڭ غەلۋە-غۇدۇرلىرىدىن يىراق بىريەردە بىر ئۆيۈم بولۇپ قالسا، ئۆز-ئارا چۈشىنىشىدىغان، ئوتقىمۇ-سوغىمۇ بىرگە كېرەلەيدىغان بىر كۆيۈمچان ھەمراھىم بولسا، چىرايلىق بىزەلگەن مەشھۇر كىلاسسىك ۋە دەۋرىمىزدىكى ئەسەرلەر لىق تولغان بىر كۈتۈپخانام بولسا… نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى-ھە…
    قارىغاندا بۇنداق خىياللارنى قىلىدىغان مەنلا بولمىسام كېرەك.
    ئېيتقىنىڭىزدەك، كىم بىلىدۇ كۈنلەرنىڭ بېرىدە بۇ گۈزەل ئارزۇلار ئەمەلگە ئېشىپ قالامدۇ تېخى. ئاشۇ ئارزۇلار تامام يۈرۈپ كەتسەك، پىلانلىرىمىز ئاشۇ گۈزەللىكلەرنى ئۆز-ئىچىگە ئالسا (ئەمەلىيەت كۆپ ۋاقىتلاردا بۇنىڭدا يول قويمىسىمۇ) بەلكىم بۇ ئارزۇلىرىمىزمۇ رىئاللىقا ئايلىنىپ قالار.

    جۇلالىق

    تىنچلىقمۇ،
    رېئال تۇرمۇشتىكى ئەگرى-توقايلىقلار نۇرغۇن شېرىن خىياللىرىمىزنى بەربات قىلىۋېتىپ بارىدۇ، لېكىن بىز يەنىلا ئۈمۈدۋار ياشاۋاتىمىز، مانا شۇنىڭ ئۆزى بىزگە يېتەرلىك.

  •   #3  

    مەلەك 2016-06-04 22:55

    شۇنداق بىر ئۆيۈم بولسا …
    ھويلىلىق ، ياپيېشىل گۈل چېچەككە تولغان ، مەجنۇنتال دەرىخى بولسا .ئاستى چىملىق ۋە تاشتىن چېغىر يول قىلىنغان بولسا ، ئىران ئۆيلىرىدەك كىچىككىن سۇ كۆلچىكى بولسا ،ئىچىدە بېلىق بولسا…
    بالىلار ئۈچۈن ئىلەڭگۈچ،سىيرىلغۇچ ۋە كىچىك ياغاچ ئۆيلەر بولسا…
    مەن بىر تەرەپتە دەرەخ سايىسىدا،گۈللەر ئارىسىدا ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇسام.
    شۇنداق بىر ئۆيۈم بولسا…بىر ھۇجرىسا ماڭا تەۋە كۈتۈپخانا،ئۆگىنىش ئۆيى بولسا، كىتاب جاھازىسى كىتابلارغا لىق تولسا….بىر بۇلۇڭدا ئىجادىيەت يېزىقچىلىق ئۈستىلىم بولسا…پىكىرداش ھەمراھىم، ئاپا ماڭىمۇ ھېكايە ئوقۇپ بېرىڭە دەپ پېشىمدىن ئايرىلـمايدىغان بالام بولسا….
    شۇنداق ئۆيۈم بولسا، پەقەتلا مېھىر مۇھەببەت پۇراپ تۇردىغان،يامانلىق، قاقشاش، جەڭگە جىدەل پۇرىقى ئەسلا يولىمىسا…
    ……
    تىنچلىقمۇ ئاچوي،سىزنى سېغىندىم.
    تۈنىگۈن بىر سەت ئىش بولدى، ھېچقانداق قىلىپ مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان بۇ بلوگىڭىزنىڭ ئىسمىنى ئېسىمگە ئالالـمىدىم، پارلاق، شەبنەم،ياپراق…دەپ باقىمەن،ئاخىرى بلوگچىلارغا سۈپەتلەپ بەرگەندىن كېيىن تېپىۋالدىم…ئالدىراشچىلىق قاينىمىدا بلوگ مۇنبەر ئارىلاپ قويمىسا مۇشۇنداق ئۇنتۇپ قالدىغان گەپكەن..
    راھەت ئازادە بۇنداق تاتلىق يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇسام راھەتلەپ قالىمەن.

    جۇلالىق

    بۇنداق گۈزەل ئارزۇلار ھەممىمىزگە ئورتاق ئوخشايدۇ، نەقەدەر شېرىن خىياللار ھە!
    تىنچلىقمۇ، ئەزىز سىڭلىم، مەنمۇ سىزنى بەك سېغىندىم. سىز بىلەن كۈنلەپ شۇنداق مۇڭداشقۇم كەلدى.
    ما سىڭلىمنىڭ گېپىنى قارا، خىجىل بولماي بلوگىڭىزنىڭ ئادرېسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن دەيدىيا، خەپ جۇمۇ. بېشىڭىزغا چ چ دىكى چىراي ئىپادىسى بىلەن تازا ئۇرغان ھالەت،،،،ھا ھا ھا…
    ئاشۇنداق بىلوگىمغا كىرىپ تۇرمىسا ئادرېسىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدىغان گەپ، بۇنىڭدىن كېيىن كىرىپ تۇرۇڭ ئۇنتۇپ قالمايسىز. ئۇنچە جاپا تارتىپ باشقىلاردىن سوراپ يۈرگىچە چ چ رىمغىلا خەت يازسىڭىز بولمامتى.
    ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن، جانىم.