يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ

تۇرمۇش كارتىنىلىرى 2016-02-22 22:45 2,596 7

يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ

qelib

مۇشۇ كۈنلەردە كىشىلەرنىڭ يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ دېگەن سۆزىنى ھەقىقەتەن ھېس قىلىۋاتىمەن.

بەزىدە تۇرۇپلا يۈرىكىم قاتتىق ئاغرىيدۇ، يۈرىكىمنى قولۇمغا ئېلىپ كۆرۈپ باققۇم كېلىدۇ،

ئۆيدە بىر ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئولتۇراتتىم، بۈگۈن ھاۋا سوغۇق بولغاچ ھېچ ئىش قىلىش خوش ياقمايۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلدى، ئىشىكنى ئېچىۋېدىم، ئەللىك ياشلاردا بار بىر ئەر كىشى ئېغىزىنى ئۆمەللەيدۇيۇ گەپ چىقمايدۇ، چىراي-تۇرقىدىن، كىيىم-كېچەكلىرىدىن نامراتلىقى چىقىپلا تۇرىدىغان بۇ ئادەم خېلى كۈچىگەندىن كېيىن كېكەچلەپ ئاران گەپ قىلدى، شۇندىلا بۇ ئادەمنىڭ كېكەچ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. قىزىم، تۆت بالام بار، مەن پالانى يەردىن، ئۆيۈمدە قالايدىغانغا كۆمۈرمۇ يوق سوغۇقتا قالدۇق، سىلەرنى ئازراق ياردەم قىلامدىكىن دېۋىدىم، مەن بۇلتۇرمۇ كەلگەن، دەپ شۇنچىلىك خىجىلچىلىقتا كىچىك بالىدەكلا بېشىنى تۆۋەن ئەگدى. بۇ ئادەمگە سىنچىلاپ قاراپ ئاندىن بۇ ئادەمنى راستىنلا تونۇدۇم، ئالدىنقى يىلى رامىزاندا كەلگەنىدى. شۇ چاغدىمۇ بۇ ئادەمنى قۇرۇق قول قايتۇرغىنىم ئېسىمدە، بۇ قېتىممۇ قۇرۇق قول قايتۇرۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى، ئۆيگە كىرىپ ئازراق ئاتىغىنىمنى ئاچىقىپ بېرىۋېدىم. ئۇ ئادەم نۇرغۇن دۇئالارنى قىلىپ چىقىپ كەتتى. ئۆيگە يېنىپ كىرىپ يۈرىكىم شۇنچىلىك قاتتىق ئاغرىدىكى بۇنى تەسۋىرلەش قىيىن.

كېسەل يوقلاش ئۈچۈن مەلۇم بىر كاۋاپخانىنىڭ ئالدىدا كاۋاپنىڭ پىشىپ تەييار بولۇشى ئۈچۈن ماشىنىدا ساقلاۋاتاتتىم. يەتمىش ياشلاردا بار بىر ياشانغان كىشى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئوتتۇز بەش ياشلاردا بار بىر قىزنى ئىتتىرىپ، كاۋاپ ئېلىۋاتقانلادىن پۇل يىغىۋاتقان خوجايىننىڭ ئالدىغا كەلدى، خوجايىن شاگىرىت بالىغا بۇيرۇپ بىر توخۇنىڭ يېرىمىنى پارچىلاپ ئۇ كىشىگە بېرىۋېدى، ئىككەيلەن بىر-بىرىگە بىر نەرسىلەرنى دېيىشكىنىچە خۇشاللىق بىلەن كېتىپ قالدى. ماشىنىدا ئولتۇرغان مەن شۇنچىلىك سۆيۈندۈمكى، ئىككىسى ئاتا-بالا ھەقىچان، بوۋاينىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي قىزىنى خارلىقتا قويمىغانلىقىغا مىڭلارچە ئاپىرىن ئوقۇدۇم ھەمدە كاۋاپچىنىڭ ئىنساپلىق ئىكەنلىكىدىن سۆيۈندۈم. لېكىن، تۇرۇپلا كۆڭلۈم يەنە يېرىم بولدى. يۈرىكىم قاتتىق ئاغرىدى.

بازارنىڭ ئاۋات كوچىسىدا كېتىۋاتىمەن، دۇكان ئالدىدىكى يايمىچىلاردىن بىرى ئايالىنىڭ ئېڭىكىگە قاتتىق بىرنى سېلىپ ئالدىغا ئېگىلدۈرۈپ ئاچچىقلاپ بىر نەرسىلەرگە كايىۋاتاتتى. ئەزەلدىن جېدەل-ماجرادىن بەكلا قاچىمەن ھەم سەل قورقىمەن. بۇ يەردىن تېز مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتىم. يولدا كېتىۋاتقاچ يۈرىكىم يەنە قاتتىق ئاغرىدى.

خۇلاسە كالام، ئۆيۈمگە ياردەم سوراپ كەلگەنلەرگە ئوخشاش نامراتلار ، بوۋايدەك ئاجىز-مېيىپ بالىلىرىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلار ھەمدە چوڭ كوچىدىلا ئېرىدىن تاياق يەۋاتقانلار نۇرغۇن. مەن قايسى بىرىگە ئىچ ئاغرىتىپ بولالايمەن. ھەر قېتىم مۇشۇنداق ئىشلارنى كۆرگۈنۈمدە يۈرىكىم قاتتىق ئاغرىۋەرسە، يۈرىكىم بۇ ئازاپلارغا بەرداشلىق بېرەلەرمۇ؟ ھەممە ئىشنىڭ چېكى بولىدۇ. ھېسداشلىقنىڭمۇ ھەم شۇنداق. ئەمما بولمايۋاتىدۇ. بۇنداق ئىشلاردىن كۈندە نەچچىسىگە ئۇچراپ تۇرىمەن. كۆرمەسكە سېلىشقا، ئاڭلىماسلىققا تىرىشىۋاتىمەن يەنىلا بولمايۋاتىدۇ.

مېنىڭ ئازاپلىرىمغا كىم ئىچ ئاغرىتار؟ كىممۇ مېنىڭ دەردۇ-ھالىمغا يېتەر؟

ياق، ھېچكىم، مەن تەنھامەن، يۈرىكىمنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى زەن سېلىپ تىڭشاۋاتىمەن، يۈرىكىمنىڭ ھەر بىر سوقۇشىدا، ھەر بىر تىنىقىمدا ئازاپلار بار. مانا بۇ مەندۇرمەن…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 7 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    سالىھ بەگ 2016-02-25 00:43

    كۆڭلىدە زەررىچە يامانلىق يوق كىشىلەر باشقىلارنىڭ يامانلىقى يامان سۆزلىرى كىشىلەرنى ھاقارەتلىشى ناھايىتى ئىغىر كىلىدىكەن . جاھاننى جەمىيەتنى چۈشەنمىگەن كىشىلەرگە جەمىيەتتىكى قىزلارنىڭ بۇزىلىشى ھەم ناشايان ئىشلارنىڭ ئەتراپىدىلا ئىكەنلىكىنى بىلگەندە ۋىجدانى يۈرىكىنى ئاغرىتىدىكەن . كىشى قانچىكى جىق ئىشنى بىلگەنسىرى ھەم شۇ ئىشنىڭ تىگى تەكتىگە يەتكەنسىرى شۇ ئىش ئادەتتىكىچە تۇيىلىدىكەن . شۇنداق رەزىل ئادەملەرنىڭ ھەم يامان كىشىلەرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ بىز ئويلىيالمايدىكەنمىز . بەلكىم شۇلارمۇ بىزدەك ئاقكۆڭۈللۈك قىلىپ نۇرغۇن ئىشنى كۆرگەن بولىشى ياكى باشقىلارنىڭ شۇنداق رەزىللىكى ئاستىدا چوڭ بولغان بولىشى مۇمكىن .

    جۇلالىق

    دېگىنىڭىزدەك، باشقا پىكىردىكى كىشىلەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى بىز چۈشۈنەلمەيمىز، لېكىن بىزنىڭ ھېسلىرىمىزنى ئۇلار مەڭگۈ ئىزدەپمۇ تاپالمايدۇ،

  •   #2  

    alwun 2016-02-28 01:16

    دىمىسىمۇ تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق ئىشلار كۈز ئالدىمىزدا يۈز بىرۋاتسا بۇنۇڭغا قاراپ چىدىمايمىز ، قاراپ ئەپسۇسلىنىمىز، بەزىلەرگە قاراپ ئىچىمىز ئاغرىسا بەزىللىرگە نەپرەت كۈزىمىز بىلەن قاراپ ئىچىمىزنى ئاچچىق قىلىۋالىمىز .
    نىمە ئامال دەيمىزيۇ يەنىلا چىدىمايمىز .
    بىزلەردە ئەقىل كاممۇ ياكى يىتەرلىك ئىقتىسات كاممۇ بىزلەردە بىراۋلارغا ھىسداشلىق قىلدىغان قەلىپ ئازقىلىۋاتىدۇ .

    جۇلالىق

    بىزدە ئىقتىساتمۇ كەم ئەمەس، ئەتراپىدىكىلەرگە چىن يۈرىكىدىن ھېسداشلىق قىلىدىغان قەلب كەم. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزلەرئەمەلىي تۇرمۇشتىن قېچىپ، غايىۋى تۇرمۇشنى ئىزدەۋاتىمىز. غايىۋى قاراڭغۇلۇقلارغا بارغانسېرى چۆكۈپ كېتىۋاتىمىز. بەلكىم كۈنلەردىن بىر كۈنى شۇ قاراڭغۇلۇقتا تۇنجۇقۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن، مانا بۇ بىزنىڭ ئاقىۋېتىمىز.

  •   #3  

    ئالۋۇن 2016-04-02 22:52

    بۇ كۈنلەردە يەنە ئالدىردشمۇ ، يىڭى يازمىللىرىڭىزنى كۈرەلمىدۇق …؟

    جۇلالىق

    ئالدىنقى ئاي بىر مەزگىل دوختۇرخانىدا بولۇپ قېلىپ، يازما تەييارلىغىدەك ۋاقىت بولماي قالدى.
    مېنىڭ بىر ئادىتىم، ھەر قانداق يازمىنى ئالدىن يېزىپ تەييارلاپ قويمايمەن، يازمىنى ۋاختىدا يازىمەن، بلوگقا يوللايمەن. بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە ئېسىل يازمىدىن بىرسى يوللىنىدۇ.

  •   #4  

    جۇلالىق 2016-04-12 01:27

    تىنچلىقمۇ،
    سىز ئۇچرىغان ئەھۋالدەك ئىشلارغا مەنمۇ نەچچە ئۇچرىغان. مەنمۇ خۇددى سىزدەك ئىككىلىنىپ خېلىپ نۇرغۇن ياخشى پۇرسەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋەتكەنىدىم. تۇرۇپلا ئويلاپ قالىمەن. بارغانسېرى رېئال تۇرمۇشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالغاندىمەنمۇ دەپ ئۆز-ئۆزۈمدىن سوراپ قويىدىغان بولۇپ قالدىم. بۇ ھاياتتا ياشىماق ھەقىقەتەن قىيىن.