بىلوگقا ئىنكاس يازالماسلىق خاتالىقى ئوڭشالدى

تارىخ سەپىرىدە 2016-01-04 00:19 1,993 7

بىلوگقا ئىنكاس يازالماسلىق خاتالىقى ئوڭشالدى

Blog

تېچلىقمۇ بىلوگداشلىرىم

مانا ھەش-پەش دېگۈچە بىلوگ ئېچىۋاتقىلى بەش يىل بوپتۇ. بۇ بەش يىل جەريانىدا تېمىلاردا ئىنكاس ئارقىلىق سىلەر بىلەن ھال-مۇڭ بولۇشۇپ كەپتىمىز، ۋاقىت نېمە دېگەن تېز ئۆتكەن. بلوگ قۇرغىلى بۇنچە ئۇزۇن بولغاندەك ھېس قىلمىغانىدىم، ھېساپلاپ باقسام شۇنچە ئۇزۇن بولۇپ كېتىپتۇ. ھەممەيلەن بۇ بەش يىل جەريانىدا نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپتىمىز، قسىسقىسى مەن بلوگداشلىرىم بىلەن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتنى بىللە ئۆتكۈزەلىگىنىمدىن، بلوگداشلىرىمنىڭ مېنى يالغۇز قويماي يوقلاپ تۇرغىنىدىن بەكلا خۇرسەنمەن.

سەككىزىنچى ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ بلوگىمغا ئىنكاس يازغىلى بولماسلىقتەك خاتالىق يۈز بېرىپتىكەن، مەن بۇنى بىلمەي يۈرۈپتىىمەن، يەنى مەن بلوگقا چۈشكەن ئىنكاسلارغا ئارقا سۇپىدىن جاۋاب يازغاچقا ھەمدە بلوگقا باشقا نامدا كىرىپ ئىنكاس يوللاپ باقمىغاچقا بۇ خاتالىقتىن بىخەۋەر قاپتىمەن، ئارلىقتا ئىككى ئاي مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تورغا چىقالمىدىم. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا تورغا چىقىپ بلوگقا تېما يازسام ھېچ ئىنكاس يوللايدىغان ئادەم يوق، مەن تېخى كۆڭلۈمدە بلوگداشلىرىم مېنى ھەم بلوگىمنى تاشلىۋەتكەن چېغى دەپ سىلەردىن ئاغرىنىپ يۈرۈپتىمەن، ئەسلى خاتالىق بلوگنىڭ بەت سېستىمىسىدا ئىكەن، بىر ھەپتىدىن بۇيان ‹‹كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى›› گۇرۇپپىسىدىكى تېخنىكنىڭ بەت سېستېمىسىنى ئوڭشىشى بىلەن بلوگنىڭ بۇ چاتىقى ئاخىرى ئوڭشالدى، خۇشاللىقىمدا بۇ خوش-خەۋەرنى بلوگداشلىرىمغا يەتكۈزەي دەپ ئۇشبۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، بلوگداشلىرىمغا نەچچە ئايدىن بېرى ئېلىپ كەلگەن قولايسىزلىقلار ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن، سىلەرنىڭ تېتىملىق ئىنكاسلىرىڭلارنى بلوگىمدا دائىم كۆرۈپ تۇرسام دەيمەن، ئىنسان تاماق يېگەندىن كېيىن سۇ ئىچمىسە ئۆرە تۇرالمىغاندەك، مەنمۇ تېما يازسام سىلەرنىڭ ئىنكاسىڭلار بولمىسا تېما يېزىش خوش ياقمايدىكەن، سىلەرنىڭ نادىر ئىنكاسلىرىڭلارنى، ئىلھاملىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرسام ماڭا باشقىچە مەدەت بولىدىكەن. ئەمىسە تېمىلارغا باھا بېرىش سىلەرگە قالدى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش: بلوگدا ھەر قانداق خاتالىق يۈر بەرسە دوستلىرىمنىڭ ۋاقتىدا ماڭا يەتكۈزۈپ قويۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن، ئۈستىدە ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك بەزى مەسىلىلەردىن مەن بىخەۋەر قالىدىكەنمەن، شۇڭا سىلەر ئۇچرىغان مەسىلىلەر بولسا ماڭا ۋاقتىدا ئېيتىپ قويساڭلار قولۇمدىن كېلىشىچە تېز ھەل قىلىشقا تىرىشىمەن.

ئالاقە ئۇسۇلى: julaliq@163.com خەت قالدۇرۇپ قويساڭلار بولىدۇ، مەن بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالىغان دوستلىرىممۇ خەت قالدۇرسا ۋاقتىم چىققان ھامان جاۋاب قايتۇرىمەن.

سىلەرنىڭ سىرداش دوستۇڭلار: جۇلالىق.

بۇ يازمىدا جەمئىي 7 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    جۇلالىق 2016-01-04 00:23

    بلوگىمغا 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن كېيىن ئىنكاس يازغان ئەزىزلەردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن. بىر ھەپتە ئىلگىرى بلوگنىڭ ساندانىدىن ئازراق مەسىلە كۆرۈلۈپ، 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇنقى سانداننى ئەسلىگە ئەكەلگىلى بولدى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى يازما ھەم ئىنكاسلارنى قەتئىي ئەسلىگە ئەكەلگىلى بولمىدى، شۇڭا مۇشۇ تېمىغا قىزغىنلىق بىلەن ئىنكاس يازغان ئەزىز ئوقۇرمەنلىرىمدىن قايتا كەچۈرۈم سورايمەن. سىلەرگە قولايسىزلىق ئەكەلگىنىمدىن خىجىلمەن.
    تەكلىپ-پىكىرلىرىڭلارنى ئايمىغايسىلەر.

  •   #2  

    alwun 2016-01-04 02:31

    مەنمۇ نەچچە كۈن ئىچىپ باقتىم ئىچىلمىدى ، بىرەر ئىش بولغانلىقىنى سەزگەن ئىدىم .
    سانداننى زاپاسلاپ مىڭىشنى ئۇنتۇپ قالمىساق ياخشى بۇلاتتى ھەممە ئىشلار ئوڭشۇلۇپ كىتىدۇ …

    جۇلالىق

    سانداندىن مەسىلە كۆرۈلۈپ سەل ئاۋارە قىلدى. شۇ سانداننى ئۆزۈم زاپاسلىيالمىغاندىكىن، ئاۋارىچىلىقى كۆپ بولىدىكەن.
    بلوگىمنى يوقلاپ تۇرغىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم.

  •   #3  

    alwun 2016-01-06 05:29

    ئەگەر سىستىما ئىشلىرىدا بىرەر ئاۋارچىلىققا يولۇقسىڭىز تارتىنماڭ ، بىلىدىغان يەلىرىنى قۇلۇمدىن كىلىشىچەھەل قىلىپ بىرمەن ، بىلمىگەنلىرىمنى بىلدىغانلاردىن سۇراپ بولسىمۇ ھەل قىلىمىز ، ئەمما جۇلالىققىنى توختۇتۇپ قويمايلى …
    جۇلالىق مەڭگۈ جۇلالىنىپ تۇرسۇن !

    جۇلالىق

    ماڭا ھەمدەم بولۇشنى خالىغىنىڭىزدىن بەكلا سۆيۈندۈم، بىرەر مەسىلىگە يولۇقسام سىزنىلا ئىزدەي ئەمىسە، ئۇ خالىسا، بلوگىمنى ساق -سالامەتلا بولساملا ھەرگىز توختىتىپ قويمايمەن.
    تەڭ ھەرمكارلىشايلى.
    بلوگچىلار كۈندىن-كۈنگە يوقاپ كېتىۋاتقان مۇشۇ مەزگىلدە، سىلەردەك بلوگداشلىرىمنىڭ بولغىنىدىن بەكلا خۇشالمەن. بلوگىڭىزنىمۇ زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن.

  •   #4  

    alwun 2016-01-07 22:03

    دىمىسىمۇ مۇشۇ كۈنلەردە بلوگ ئىچىشنى بىزلەرگە ئۈگەتكەن بىزلەرگە يول كۈرسەتكەن ئۇستازلار بىر – بىرلەپ يۇقاپ كىتىۋاتىدۇ ، بىز بولساقمۇ بۇ بلوگچىلىقنى داۋاملاشتۇرايلى …

    جۇلالىق

    بەلكىم ئۇستازلار ھېرىپ قالغاندۇ، بلوگ ئېچىۋاتقىلى بەش يىل بوپتۇ، بەزىدە مەنمۇ ھېرىپ قالىمەن. بلوگنى ئاچمايمۇ دەپمۇ ئويلايمەن. يەنىلا كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ. چۈنكى بلوگىمدا سىرداشلىرىم. پىكىرداش دوستلىرىم بار. بلوگنى ئاچمىسام سىلەر بىلەن نەدە پىكىرلىشىمەن. روھىيىتىم بىلەن نەدە مۇڭدىشىمەن. ئۆزۈم ساق-سالامەت بولساملا ئۇ خالىسا بلوگىنى توختىتىپ قويمايمەن.