بالىلىقتىكى ھېيىت خۇشاللىقلىرىم

تۇرمۇش كارتىنىلىرى 2015-11-20 02:53 1,942 2

بالىلىقتىكى ھېيىت خۇشاللىقلىرىم

shuxalliq

ھېيىت ئۆتۈپ كەتكىلى خېلى ۋاقىتلار بولسىمۇ، لېكىن شۇ ھېيىتنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بالىلاردىكى ئۆزگۈرۈشلەر، ھېسسىياتلار خىيالىمدىن زادىلا نېرى كەتمىدى. بالىلىق دەۋرىمدىكى ھېيىت كېلىش ئالدىدىكى تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز خۇشاللىقلارنى خىيال قىلىدىم.

ئۇ ۋاقىتلاردا ھەممە نەرسە ئەتىۋار بولۇپ، پۇلنىڭمۇ، كىيىم-كېچەكنىڭمۇ قىممىتى بار ئىدى. ھازىرقى بالىلارغا تەييارلاپ بەرگەندەك، باشتىن-ئاياغ بىر پۈتۈن كىيىم ئەپ بېرىدىغان ئىشلار نەدە، ئايىغىمىز كونىراپ يىرتىلىپ كەتكەن بولسا ئاياغ، ياكى بىرەر قۇر يېڭى كىيىم ئەپ بەرسە خۇشاللىقىمىزدىن بېشىمىز ئاسمانغا يېتەتتى. ھازىرقى بالىلارغا ئاياغ، كىيىم ھەممىنى تەل قىلىپ بەرگەندىن سىرىت ئىچ كىيىملىرىنىمۇ يېڭىلاپ بەرسەكمۇ يەنىلا رازى بولمايدۇ، يەنە كېلىپ بۇلار بىلەن بىزلەرنىڭ خۇشاللىقلىرىمىزدىمۇ زور پەرىقلەر بار. بەلكىم ئىنساننىڭ تەبىئىتى شۇ بولسا كېرەك. ھەممە نەرسەڭ تەل بولۇۋەرسە يېڭى نەرسىلەرگە ئۇنچە ۋاي دەپ خۇشال بولۇپ كەتمەيدىغان. ئەتە ھېيىت دەيدىغان كۈنى كەچلىكتە يېڭى ئەپ بەرگەن كىيىملىرىمىزنى، ھەمدە كونا بولسىمۇ يۇيۇپ تەييارلىغان كىيىملىرىمىزنى رەتلەپ ياستۇقىمىزنىڭ قېشىغا قويۇپ ياتاتتۇق، بۇ كېچە شۇنچىلىك ئۇزۇن كېچە بولاتتىكى نەچچە ئويغۇنۇپ تېزراق تاڭ ئاتسىكەن دېگەنسېرى ئالەم يۇرۇمايتتى. كېچىچە تاڭ ئېتىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ سەھەر بولغاندا ئۇخلاپ قالاتتۇقدە، ئانىمىزنىڭ ئويغۇتىشى بىلەن ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان يەردىكى قىززىيدىغان بازارغا كېيىن قالغان ئوخشايمەن دەپ ئورنىمىزدىن چاچراپ قوپاتتۇق. ئەلۋەتتە، ئانىلىرىمىز ھەر ۋاقىت بىزنىڭ غېمىمىزدە، بىزنى بامداتتىن ئازراق بۇرۇن ئويغۇتۇپ قوياتتى. دادىلىلىرىمىزنى قاچان ماۋۇ ھېيتلىقىڭ دەپ بېرىدىكىن دەپ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇراتتۇق، ئۇلارمۇ كۆڭلىمىزدىكى بىلىپ يانچۇقلىرىدىن تېخى تۈنۈگۈنلا تېگىشىپ كەلگەن بىر كويلۇق، بەش مو، ئىككى مو، بىر مولۇق پۇللاردىن ھېيتلىق بېرەتتى، ئاكا-ئاچىلىرىمغا تۆت-بەش كوي، ماڭا ئىككى-ئۈچ كويغىچە ھېيىتلىق بېرەتتى. ماڭا ئاز بەردى دەپ ئېغىزلىرىمنى پۈرۈشتۈرسەم، (دادام، سەنمۇ چوڭ بول، شۇ چاغدا جىق بېرىمەن) دەپ كۈلۈپ قويۇپ مەسچىتكە ماڭاتتى. ھازىرقى بالىلارغا كەم دېسە قىرىق-ئەللىكتىن ئاز پۇل بەرمەيمىز، بۇلار ئۇنىڭغىمۇ رازى بولغۇسى يوق ئېلىپ ماڭىدۇ. ئەلۋەتتە، ھازىرقى نەرسىلەرنىڭ باھاسىمۇ قىممەت، شۇنداقتىمۇ بالىلاردا قانائەتچىل بولۇش كەمچىل. ئالەم ئازراق سۈزۈلىشىگىلا ھەممەيلەن ئۆيلىرىمىزدىن بىر-بىرلەپ چىقىشقا باشلايتتۇق، چىقمىغانلارنىڭ ئىشىكىنى تازا مۇشىتلاپ چاقىرىپ ئون-يىگىرمە بالا بىرلىشىپ يولنى بىر ئالاتتۇقدە، كۈلكە-چاخچاقلار بىلەن بىردەمدە تۇيمايلا ھېيىت نامىزى ئوقۇيدىغان چوڭ مەسچىتنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالاتتۇق. بۇنچە سەھەردە چار بازارچىلار تېخى ساتىدىغان نەرسىلەرنى ئەكەلمەيتتى، تۇخۇم پۇشۇرۇپ ساتىدىغانلار ئانچە-مۇنچە كېلىپ بولاتتى، بىرەر ئىككى تالدىن تۇخۇم ئېلىپ ناشتىسىز قورساقلىرىمىزنى ئاسراق ئەستەرلەپ، ئىككى-ئۈچتىن ئۆزىمىز خالىغان تەرەپلەرنى ئايلىناتتۇق. بۇ يېرىم كۈنلۈك كىچىك بازار خېلى ئوبدان قىززىپ قوياتتى، ئىشقىلىپ گازىر-پۇرچاق، لەڭپۇڭ، ئۆپكىدىن تارتىپ يەيدىغان، ئوينايدىغان ھەممە نەرسىنى ئېلىپ كېلەتتى.

بىر ئىش ئېسىمدىن پەقەتلا چىقمايدۇ. ئاكام شۇ ۋاقىتلاردا ئون بەش كىشىلىك كېلىدىغان كىچىك ئاپتۇبۇسنى شەھەر بىلەن باشقا بىر بازارغىچە بولغان ئارلىقتا كىراغا سالاتتى، ئاكامنىڭ جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىدا بىر تونۇشى بار ئىدى. ئۇ چاغلاردا خىزمەتچىلەرنىڭ كۈنى خېلى ئوبدان ئىدى، يەنە كېلىپ ئۇلار شەھەردە ئولتۇرغاچقا بالىلىرىغا شۇ ۋاقىتلاردا بار ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بېرەلەيتتى. بىزلەر بولساق قولىمىزدا پۇل بولسىمۇ، يېزىلاردىكى دۇكانلارغا ئويۇنچۇقلارنى ئانچە سالمايدىغان بولغاچ ئوينىيالمايتتۇق. ئاكام ئۇ تونۇشىغا پات-پات ئۆرۈك ئەكىرىپ بېرەتتى. بىر كۈنى ئۆيدىكىلەر ئورمىغا چىقىپ كەتكەنىدى، ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرسام ئۇ ئادەمنىڭ مەندىن ئىككى-ئۈچ ياش چوڭراق ئوغلى بىلەن قىزى چىقىپتۇ، دادام ئۈرۈك ئەكىرىڭ دېدى دەپ. ئۇلار ھېيىتلاردا چىقىدىغان بولغاچ ئۆينى بىلىدىغان چېغى. ئۇلارنى ئاكامنىڭ ئۆرۈكلۈك بېغىغا باشلاپ ئاپىرىپ، ئىككى چىلەك ئۆرۈك قېقىپ بەردىم. ئۆرۈپ تېرىۋاتقاچ ئوغلىنىڭ قولىدىكى كىچىك ئالمىدەك بار ئاپلىسىن رەڭ توپقا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنداق توپنى كۆرۈپ باقمىغاچ بەكمۇ چىرايلىق كۆرۈندى. ئۆزى ئۇنچە چوڭ ئەمەس بۇ توپ شۇنداق ئېگىز ئۆرلەيدىكەن، قاراپ تۇرۇپلا قاپتىمەن. نېمانچە ئېگىز ئۆرلەيدىغان توپتۇ دەپ شۇنداق بىر قولۇمغا ئېلىپ ئويناپ باققۇم كەلدى. توپنى ھەر بىر يەرگە ئۇرسا ئىككى-ئۈچ مېتىر ئېگىزلىككە چىقاتتى.لېكىن دېيىشتىن خىجىل بولدۇم. ئۇلار ئۆرۈكنى ئېلىپ كىرىپ كەتتى. ئەس-يادىم شۇ توپتىلا قالدى. دادامدىن خەجلەيمەن دەپ ئالغان بەش مو پۇلۇمغا شۇنداق توپ ئالىمەن دەپ ئىزدىمىگەن دۇكان قالمىدى، ئەمەلىيەتتىغۇ بىزنىڭ بۇ مەھەللىدە ئۇنچە جىق دۇكانمۇ يوق، ئىككىلا دۇكان بار. ھەر ئىككىلىسىدىن توپ بارمۇ دەپ سورىسام، ئادەمنىڭ مۇشتىدەك كېلىدىغان ئوتتۇز سانتىرمۇ ئۆرلىمەيدىغان يۇمشاق توپنى كۆرسىتىدۇ. دۇكانلاردا بار-يوقىمۇ شۇ بىر خىللا توپ بار ئىدى. ئامالسىز ئۆيگە يېنىپ كەلدىم، كۆڭلۈم يەنىلا شۇ توپتا، قوشنا مەھەللىنىڭ ئاياغ تەرىپىدىرەك بىر دۇكان بارلىقىنى بىلەتتىم، بىر قېتىم ئاچام سېغىز ئېلىش ئۈچۈن ئاپارغانىدى. ئۆزۈم يالغۇز بېرىپ باقمىغانىدىم ھەم يالغۇز بېرىشتىنمۇ قورقاتتىم. شۇ توپنىڭ ئىشتىياقىدا ھېچكىمگە دەپ قويماي باردىم، ئەپسۇس ئۇ يەردىمۇ يوق. نەچچە كۈنگىچە ئۇ توپ خىيالىمدىن كەتمەي كېيىنچە ئۇنتۇپمۇ كېتىپتىمەن.

دوستلىرىم بىلەن ئايلىنىپ يۈرۈپ سۇناي، گازىر، شار دېگەندەك نەرسىلەرنى سېلىپ سېتىۋاتقان ھارۋىدىكى توپقا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. دەل مەن ئالالمىغان توپنىڭ ئۆزى شۇ ئىدى. لېكىن مەن كۆرگىنىدىن سەل كىچىك ئىكەن، شۇنداقتىمۇ تاپالىغىنىمغا خۇشال بولۇپ سەككىز موغا سېتىۋېلىپ خېلى بىر چاغلارغىچە قولۇمدىن چۈشۈرمەي ئوينىغىنىم ئېسىمدە، كېيىن بىلسەم بۇ توپنى دىڭ-دىڭ توپ دەيدىكەن، ھازىرمۇ بازارلاردا ياكى كىچىك بالىلارنىڭ قولىدا دىڭ-دىڭ توپ كۆرسەم شۇ ئىشلار ئېسىمگە كېلىدۇ.

مۇشۇ ھېيىت، نامازغا كەلگەن جامائەتنىڭ قارغىشىنى ئېلىپ قايتقانىدۇق، باشقا ھېيىتلاردا بۇ يەرگە كىچىك سۇنايلاردىن ئەكەلمەيدىغان بولغىيمىدى، سۇناي ساتىدىغانلار شۇنداق جىق ئەكەپتىكەن، بالىلارنىڭ ھەممىىسى سۇناي ئېلىپ چالدىمۇ قانداق، ئەتراپنى كىچىك سۇنايلارنىڭ پىت-پىت قىلغان ئاۋازلىرى بىر ئالدى، كىچىك سۇناينىڭ ئاۋازىمۇ بوش ئەمەسكەن، جامائەتلەر نامازنى ئەمدى باشلاپ ئوقاي دەپتىكەن بىز سۇنايلارنى چېلىۋېرىپ دىققىتىنى چېچىۋېتىپتىمىز، بىر چاغدا مەسچىت ئىچىدىن ئىككى-ئۈچ جامائەت چىقىپ ئاچچىقلاپ بىر نەچچىنى تىللىۋېدى، ھەممە ياق بىردىنلا جىمىدى.

مەسچىتنىڭ ئالدى ھېيىتتا قىززىيدىغان مۇشۇ بىزنىڭ يېزىلا بار چېغى، باشقا يەردە قىززىيدۇ دەپ ئاڭلاپ باقمىدىم، قىززىسىمۇ بىزنىڭكىدەك قىززىمايدىغان ئوخشايدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردىمۇ بىزنىڭ مەسچىتنىڭ ئالدى ھېيىتتا بەك قىززىپ كېتىدۇ دەپ پەخىرلىنىپ سۆزلەپ يۈرگىنىم ئېسىمدە. شۇنداق قىلىپ يېرىم كۈنلۈك ھېيتىمىز بەكلا كۆڭۈللۈك ئۆتەتتى. پۇللىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك شۇ كۈنى خەجلەپ تۈگۈتىۋېتەتتۇق. مەرتلىكى تۇتۇپ قالغان مېھمانلار بەرگەن ئانچە-مۇنچە ھېيىتلىقلارمۇ يىغىلىپ قالاتتى. بۇنداق پۇللارنى يىغىپ قويۇپ ھېيىتتىن كېيىن مەكتەپكە بارغاندا خەجلەيتتۇق. ئىشقىلىپ ھېيىتتىكى شۇ نەچچە كۈنىمىز خۇشال ئۆتەتتى. ۋاقىتنى ئاساسەن دوستلىرىمىز بىلەن سىرتلاردا ئويناپلا ئۆتكۈزەتتۇق، چوڭراق بالىلار ئاتا-ئانىلىرىغا قارىشىپ بېرىپ، بىكار بولسىلا ئوينايدىغان يېرىمىزگە يىغىلاتتى.

ھازىرقى بالىلاردىكى ھېيىت خۇشاللىقى ئۆتكۈنچى شامالدەكلا تېز ئۆتۈپ كېتىدىكەن، ئۇلاردا ھېيىت كۈنى ئازراق خۇشاللىق بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتلىرى ئاساسەن كومپيۇتېرنىڭ، تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدا بېكىنمە ھالاتتە ھەم بىزلەرمۇ ئۇلارنى سىرتلارغا بەك ئەركىن قويۇپ بېرەلمەيدىكەنمىز، چۈنكى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئىپلاس بالا ئوغرىلىدىن ئەنسىرەپ يۈرەكلىرىمىز دەككە-دۈككىدە ئۆتكەچكە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى بارغانسېرى بوغۇپ قويۇۋاتىمىز، ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ناچارلىقى، قىزلىرىمىزنى سىرىتقا خاتىرجەم چىققىلى قويۇشتىن ئەنسىرەيدىغان قىلىۋەتتى.

تۇرۇپلا بىز كىچىك ۋاقىتلاردا چوڭ بولغان بالىلار بالىلىقنىڭ ھەقىقى تەمىنى، خۇشاللىقنىڭ قانداقلىقىنى ھېس قىلىپ چوڭ بوپتىكەن دەپ ئويلاپ قالىمەن، ھازىرقى بالىلارنىڭ زېرىكىشلىك، بېسىم ئاستىدىكى تۇرمۇشىغا، بالىلىقتىن بەكلا يىراقلاپ كەتكەن خىياللىرىغا ئىچىم ئاغرىيدۇ، ئۇلارغا بىز ياشىغان ۋاقىتلاردىكى ھېس-تۇيغۇلارنى تېتىتقۇم بار، لېكىن قانداق قىلىشنى، ئۇلارغا نېمىنى ھېس قىلدۇرۇشنى بىلمەيمەن. بەلكىم، ئۇنداق كۈنلەر بۇلارغا زادى نېسىپ بولماسلىقى مۇمكىن، بالىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ تۇرمۇشىغا كۈنۈپ كەتكەندۇر. مانا بۇ ھايات، مانا بۇ بىز ياشاۋاتقان تۇرمۇش…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 2 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    ئاقنۇر 2016-03-25 01:43

    كىچىك ۋاقتىمدا ھېيىتلارنى شۇنداق خۇشال ئۆتكۈزۈپتىكەنمىز . مانا 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئاپتىمەن. ھازىرمۇ ھېيىت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز ، ئەمما بۇرۇنقىدەك ئۇنچىۋالا خۇشاللىق يوق . يۇرتۇمدىكى دوسىتلىرىم ، ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىر يەرگە يىغىلىپ قالسام ئۆزۈمنى شۇنداق ئەركىن ھېس قىلىمەن . كىچىك ۋاقتىمدىكى شوخلىقىم ئەنە شۇ چاغدا پارتىلاپ چىقىدۇ . ئىشقىلىپ بالىلىقىمنى ئەسلىگىنىمدە شۇنداق تاتلىق سىزىمگە چۆمۈلىمەن . ھازىر ئۇنچىۋالا خۇشاللىقنى قەيەردىن ئىزدەپ تېپىشنى ئۇقمايمەن . _چوڭ بولۇپ قالغاندا قويغىنا ئۇ بالىلىقتىكى شوخلىقىڭنى !_دەپ قويۇشلىرى بار تېخى دوسىتلىرىمنىڭ .
    ئاتا ئانىلارنىڭ باللىرى بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىپ ، باللىرىنىڭ ئىددىيىسىنى ، نىمىگە بەكرەك قىزىقىدىغىنىنى بىلىپ بىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . بالىللىرىڭىزغا كۆپرەك ۋاقتىڭىزنى ئاجرىتىڭ ، ئۇلار بىلەن باغچىلارغا ، ساياھەتكە ، مۇزىيىخانىغا ، كۈتۈپخانىلارغا بېرىڭ . ئىشقىلىپ باللىرىڭىزنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئىستىسىڭىز ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە مەبلەغ سىلىڭ .

    جۇلالىق

    بىزنىڭ بالىلىق دەۋرىمىز ھەقىقەتەن ئالتۇندەك دەۋىر بوپتىكەن. ئەتراپتىكى مۇھىت شۇنچىلىك پاكىز، بىزلەر شۇڭىمۇ يېڭى زاماننىڭ بۇلغانمىلىرىدىن يىراق ھالدا پاكىزە چوڭ بولۇپتىكەنمىز.
    ھازىرقى بالىلارنى قوغداشقا تىرىشقانسېرى قوغدىيالمايۋاتىمىز. ئەجەبا بىزلەرنىڭ بالىلارنى تەربىيلەش بىلىمىمىز كەمچىلمىدۇ؟ ياكى بىز تېخى ئاتا-ئانىلىرىمىزدەك پىشىپ-يېتىلمىگەندىمىزمۇ؟ نېمىلا بولسۇن بالىلار ئۇچۇن بەل قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ، داۋاملىق تىرىشىشىمىز كېرەك. ئۇلار بىزنىڭ بىردىنبىر ئۈمىد يۇلتۇزىمىز.