جۇلالىق بلوگى

نىران خانىدانلىقى(30)
نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(30)

ئايچىۋەر ئەركىنگە يۆلەنگىنىچە ئولتۇرۇپ ئۇيقىغا كەتتى. ئەركىننىڭ ئۇيقۇسى كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ بارلىق ئىشلارنى بىر-بىرلەپ خىيال ئەينىكىدىن ئۆتكۈزۈپ چىقتى. ئۇنىڭ ئەڭ خۇشال كۈنلىرى ئايچىۋەر بىلەن بىرگە بولغان كۈنلىرى ئىدى. بۇ كۈنلەرنىڭ داۋاملىشىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتى. بىراق، رىئال تۇرمۇش ئىنساننىڭ رايىغا باقمايتتى. ئەركىن كۆڭلىدە نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىدى.

تاڭ ئاتتى. قۇياش بۇلۇتلارنى يېرىپ شەپەق نۇرىنى ئورمانلىققا چاچماقتا ئىدى. ئايچىۋەرنى تۇتۇپ ئولتۇرغان ئەركىننىڭ قولى تېلىپ كەتتى. قولىنى ئازراق يۆتكىۋېدى ئايچىۋەر ئويغۇنۇپ كەتتى. ئەركىن ئۇنىڭ چۇۋۇلغان چاچلىرىنى ئوڭشاپ قويدى.

ئەركىنگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ راھەتتە ئۇخلىغان ئايچىۋەرنىڭ ھاردۇقى خېلى چىقىپ قالغانىدى.

ــ مەڭگۈ سىزگە مۇشۇنداق يۆلىنىپ ئولتۇرسام دەيمەن،ــ ئايچىۋەر كۆزلىرىنى يۇمدى.

ئەركىن ئۇنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قارىدى. ئايچىۋەر بەكلا چىرايلىق ئىدى. ئەركىن ئۆمرىدە بۇنداق چىرايلىق قىزنى كۆرۈپ باقمىغان. تەقدىرنىڭ قانداق بولۇپ بۇ قىزنى ئۆزىگە ئۇچراشتۇرغىنىغا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشقا مۇيەسسەر قىلغىنىغا ئۆزىنىڭمۇ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.

ــ ئايچىۋەر، مەن كۆپ ئويلاندىم. سىز ھازىرقى جىددىي پەيىتتە ئوردىغا قايتىشىڭىز كېرەك.

ئايچىۋەر بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەركىنگە قارىدى.

ــ نېمىشقا؟ مەن ئىشلارنى ئارسلان ئاكام بىلەن ئابدۇراھمان تاغامغا تاپشۇرۇپ بەردىم. ئۇ ئىككىسى ئىشلارنى ياخىشى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. مېنىڭ ئەمدى بۇ جېدەل-ماجرالارغا ئارلاشقۇم يوق. مېنىڭ سىز بىلەن بۇ يەردە تىنىچ-خاتىرجەم ياشىغۇم بار،ــ دېدى ئايچىۋەر ئەركىننىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.

ــ سىىزنىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى خاتىرجەم بىللە ياشىشىمىزنى قانچىلىك ئارزۇ قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئوبدان بىلىمەن. ھەممىنى نۇرغۇن ئادەم ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان شاھلىقنى تاشلاپ مەن بىلەن بىرگە بولۇش ئۈچۈن ۋاز كېچەلىگەنلىكىڭىزدىن چەكسىز خۇرسەنمەن. بىراق، ئايچىۋەر بىلىشىڭىز كېرەك سىز ھۈسەيىن خاننىڭ قىزى نىران خانلىقىنىڭ تەخىت ۋارىسى. پۈتكۈل ئەل سىزدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىۋاتىدۇ. نىران خانلىقىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئەلنىڭ گۈللىشىنى سىزگە باغلىق. توغرۇل خانلىق تەخىتكە ۋارىسلىق قىلسا خەلقنىڭ ئۇنىڭ قولىدا ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىسىز. شۇڭا سىز ئۆز زىممىڭىزدىكى بۇ مەسئۇلىيەتتىن قاچىسىڭىز بولمايدۇ. ۋەتىنىمىز سىزگە موھتاج. سىز ئوردىغا قايتىپ ھۈسەيىن خاننىڭ سىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىشىڭىز لازىم. شۇندىلا خان ئاتىڭىزغا خەلققە يۈز كېلەلەيسىز.،ــ ئەركىن ئايچىۋەرنىڭ ئىڭىنى ئالقىنىغا ئېلىپ ئۆزى تەرەپكە قاراتتى.

ــ نېمىشقا مەن ئاددىي ئادەمنىڭ قىزى بولۇپ قالمىدىم؟ شۇندىلا مېنى ھېچكىم ئاۋارە قىلمايتتى. ئۆزۈم ئارزۇ قىلغاندەك ياشايتتىم. راستىمنى دېسەم بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستەمگە ئېلىشتىن قورقىمەن. بەزىدە شۇنداق ئاجىز بولۇپ قالىمەنكى ئازراقلا خاپىلىق كەلسىمۇ كۆتۈرەلمەي قالىمەن.

ــ ئايچىۋەر، غەيرەت قىلىڭ! سىز چوقۇم قىلالايسىز. سىزدە خان ئەۋلادىنىڭ قېنى، جاسارىتى بار. مەن ئېتىڭىزنى تەييار قىلاي.،ــ ئەركىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئات تەرەپكە ماڭدى. ئۇ بىردەمدە ئاتنى تەييار قىلىپ يىتىلەپ كەلدى. ئايچىۋەر ئاستا ئورنىدىن تۇردى.

ــ كېلىڭە! سىزنى ئۆزۈم مىنگۈزۈپ قوياي.،ــ ئەركىن شۇنداق دېگىنىچە ئايچىۋەرنى كۆتۈرۈپ ئاتقا مىندۈرۈپ قويدى.

ــ سىز خانلىقنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ ھەممە ئىشلار ئۆز جايىغا چۈشكەن ۋاقىتتا مەن سىزنى يوقلاپ بارىمەن، شۇ چاغدا قوغدىغۇچىلىرىڭىز سەندەك ئادەمنى تۇنۇمايمىز دەپ كىرگۈزمەمدۇ تېخى!،ــ ئەركىن قىزىقچىلىقنى يەنە باشلىدى.

ــ چوقۇم بارىسىز، ئوردىنىڭ ئىشىكى سىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئوچۇق. سىزنى ساقلايمەن.،ــ ئايچىۋەر كۆز يېشىنى يۇشۇراي دېسىمۇ يەنە يۇشۇرالمىدى.

ــ بولىدۇ چوقۇم بارىمەن. ئەمدى مېڭىڭ!،ــ ئەركىن ئاتنىڭ يايلىغا بىرنى سېلىۋېدى ئات يورغىلاپ مېڭىپ كەتتى.

ــ ئەركىن خوش! كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ!،ــ ئايچىۋەر كەينىگە قاراپ توۋلىدى.

ئەركىن قولىنى پۇلاڭلىتىپ خوش دېدى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

نىران خانىدانلىقى(29)
نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(29)

مەن تىۋىپنىڭ يېنىدىن قانداق يېنىپ چىقتىم بىلمەيمەن. بىر چاغدا قارىسام كوچىدا مېڭىۋېتىپتىمەن.

ــ بۇ مۇمكىن ئەمەس؟! ئوسمان ئاتامنىڭ قول بېرىشكەن قېرىندىشى تۇرسا ئۇ قانداقمۇ ئاتامنى قەستلىسۇن؟

مەن ئاشۇنداق خىياللارنى قىلىپ يۈرۈپ ئۆيگە كېلىپ قالغىنىممۇ سەزمەي قاپتىمەن. ئۆيگە كىرىپ ئاتامنىڭ مۇشۇ شەمشىرىنى قولۇمغا ئالدىم. ئوسماننىڭ ئۆيىگە كىردىم ئۇ يوق ئىدى. ئارقا ھويلىدىكى مەشىق مەيدانىغا باردىم. يىگىتلەرنىڭ مەشىق قىلغىنىغا قاراپ ئولتۇرۇپتىكەن. بېرىپلا شەمشەرنى ئۇنىڭ گېلىغا تەڭلىدىم.

ــ ئېيتە! ئاتامنى نېمىشقا قەستلىدىڭ؟ ئۇ سېنى قۇتقۇزىۋالغان ئۆز يېنىدىن ئورۇن بەرگەنىدىغۇ؟ ئۇ سېنىڭ قول بېرىشكەن قېرىندىشىڭ ئىدى.،ــ ئۆزۈمنى قانچە تۇتۇۋالاي دېسەممۇ كۆز ياشلىرىممۇ ماڭا بويسۇنماي تاراملاپ تۆكۈلمەكتە ئىدى.

ــ ئوغلۇم ئەركىن، نېمە قىلىۋاتىسىەن؟ نەدىكى گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈيسەن؟،ــ دېدى ئوسمان شەمشەرنىڭ بىسىنى نېرىغا ئىتتەرگەچ.

ــ تولا ھىلىگەرلىك قىلما! سەن ئاتامنى قەستلەپ ئۆلتۈرىۋەتتىڭ. سەن بۇنى بۇرۇنلا پىلانلاپ قويغان. مەن ئەمدى سېنىڭ جېنىڭنى ئالىمەن، ئاتامنىڭ قىساسىنى ئالىمەن!،ــ شەمشەرنىڭ ئۇچىنى ئۇنىڭ گېلىغا سانچىدىم. ئۇ مىدىرلىيالماي قالدى. شۇ ئەسنادا بىرسى كەينىمدىن كېلىپلا قولۇمنى تۇتۇۋالدى. ياندىكى تۈۋرۈككە قولۇمنى ئۇرۇپ قولۇمدىن شەمشەرنى چۈشۈرىۋەتتى. كەينىمگە بۇرۇلۇپلا ئۇ ئادەمگە يۈزىگە بىر مۇشىت سالدىم. يەردىكى شەمشەرنى ئېلىپ ئوسمان تەرەپكە ماڭاي دېيىشىمگە مەشىق مەيدانىدىكى ئۇنىڭ ئادەملىرى ماڭا يۇپۇرۇلۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىشىك تەرەپكە قاچتىم. ئۇلار كەينىمدىن قوغلاپ كەلدى. مەن قېچىۋېرىپ بىر تىك يارلىققا كېلىپ قاپتىمەن. كەينى تەرىپىم تىك يار ئالدىمدا مېنىڭ دۈشمەنلىرىم قىستاپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ ئادەملەر تېزلا يېتىپ كەلدى. مەن بۇلار بىلەن ئېلىشمىسام بولمايدىغانلىقىنى پەملەپ ئاۋۋال ھۇجۇمغا ئۆتتۈم. ئاتامنىڭ ئۆتكۈر شەمشىرى بىلەن بىرىنىڭ بىلىكىنى يەنە بىرىنىڭ مۈرىسىنى چېپىۋەتتىم. بۇلار كۆپ بولغاچقا ھەممىسى ماڭا يۇپۇرۇلۇپ كەلدى. قايسى بىرىنىڭ شەمشىرى ئارقا سول مۈرەمنى كېسىۋەتتى. مەن ئايلانغاندەك بولۇپ لەيلەپ قالدىم. يەنە بىرسى كېلىپ قورساق تەرىپىمگە شەمشەر ئۇرىۋېدى. مەن ئۆزۈمنى قاچۇرغان بولساممۇ شەمشىرى قورسىقىمنى خېلى كۆپ تىلىۋەتتى. مەن تىك يارنىڭ لىۋىگە كېلىپ قالدىم. بىرسى مېنى تەپكىنىچە تىك ياردىن چۈشۈرىۋەتتى. كېيىن كۆزۈمنى ئاچسام تاغ باغرىدىكى بىر قويچى بوۋاينىڭ ئۆيىدە يېتىپتىمەن.

بوۋاينىڭ دىيىشىچە ئۇ تاغ باغرىدا قويلىرىنى بېقىۋاتقاندا مەن ئۇچراپ قاپتىمەن. ئۇ چاندا مەن يېرىم جان ھالەتتە ئىكەنمەن. بوۋاي مېنى ئېشىكىگە مىندۈرۈپ ئۆيىگە ئەكەپتۇ. مەن ساق بىر ھەپتە ھوشسىز يېتىپتىمەن. بوۋاي يارىلىرىمنى تېڭىپ داۋالاپتۇ. مەن ھۇشۇمغا كەلگەندىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تەمشىلىۋېدىم تۇرالمىدىم. مەن شۇ ياتقانچە بىر ئاي ياتتىم. بىر ئايدىن كېيىن ئانچە-مۇنچە سىرتلارغا چىقالايدىغان بولدۇم. مەن بۇ ئاقكۆڭۈل بوۋاينىڭ ئۆيىدە شبىر نەچچە ئاي تۇردۇم. كېيىن ئۆز تۇرمۇش يولۇمنى ئۆزۈم تېپىش ئۈچۈن بوۋاي بىلەن خوشلىشىپ يولغا چىقتىم. ئوسماننىڭ ئادەملىرىگە ئۇچراپ قالماسلىق ئۈچۈن ۋە كىشىلەردىن بەكلا كۆڭلۈم قالغاچقا ئادەم كۆپ يەردە ياشاشنى خالىماي مۇشۇ ئورمانلىقتا تۇرۇپ قالدىم. ئوسماننىڭ ئادەملىرى شۇ قېتىمدا مېنى ياردىن چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتتى دەپ ئويلىغان ئوخشايدۇ قايتا ئىزدەپ كەلمىدى. ئۆتكەندە سىزنى قۇتقۇزىۋالغاندا بۇلار بىلەن ئېلىشقانىدىم. ئىچىدە «ھىلال ئاي» مەزھىپىنىڭ كونا ئادەملىرىدىن بىرسى بار ئىكەن مېنىڭ ماھارىتىمدىن تونۇۋالدى. شۇڭا بۇ قېتىم ئوسمان مېنى ئۆلتۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتكەن گەپ. ھامان بىر كۈنى مۇشۇ شەمشەر بىلەن ئوسماننىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپ ئاتامنىڭ قىساسىنى ئالىمەن.

ــ بۇ ئادەملەر نېمىشقا ماڭا قەسىت قىلىدۇ؟،ــ يەنىلا چۈشەنمىگەن ئايچىۋەر قايتۇرۇپ سورىدى.

ــ مېنىڭچە توغرۇل سىزنى ئۆلتۈرۈشكە ئوسماننى ياللىغان گەپ. بۇ ئىپلاس كۆپ پۇل بەرسە ئۆز ئاتا-ئانىسىنىمۇ ئۆلتۈرۈشتىن يانمايدۇ. ئۇ بۇ قېتىم سىزنى ھەم مېنى بىر يولىلا كۆزدىن يوقتىش ئۈچۈن كەلدى. ئەنسىىرىمەڭ سىزنى ئۆزۈم قوغدايمەن. مەنلا يېنىڭىزدا بولىدىكەنمەن بىرەرسى بىر تال مويىڭىزغا چىقىلالمايدۇ.،ــ ئەركىن ئايچىۋەرنىڭ قولىنى ئالىقانلىرى ئارىسىغا ئالدى.

ــ سىزنىڭ بۇنچە ئازاپلىق ئەسلىمىلىرىڭىز بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. خۇشال كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا بىز چوقۇم بەخىتلىك ياشايمىز،ــ ئايچىۋەر ئەركىننىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قويدى.

ــ بۇنىڭغا ئىشىنىمەن. ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە ئىشىنىدىكەنمىز كەلگۈسىمىز پارلاق بولىدۇ.

داۋامى بار…

جۇلالىق

نىران خانىدانلىقى(28)
نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(28)

شۇنداق قىلىپ ئوسمان بىزنىڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى ئاتامنىڭ ئەڭ يېقىن بۇرادىرى مېنىڭ ئاتامدىن قالسا ئەڭ يېقىن ئادىمىم بولۇپ قالدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنىڭ «ھىلال ئاي» مەزھىپىنىڭ نامى سىزنىڭ ئاتىڭىز يەنى ھۈسەيىن خاننىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ. بەلكىم خانغا ۋەزىرلەر «ھىلال ئاي» مەزھىپىدىكىلەرنىڭ نامراتلارغا يار-يۆلەك بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن بولسا كېرەك. خان ئاتىڭىز ئۆزىنىڭ يېقىن ۋەزىرلىرىدىن بىرىنى ئاتامنىڭ ھوزۇرىغا ئەۋەتىپ «ھىلاي ئاي» مەزھىپىنىڭ ئاتىڭىزغا ئىشلىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىراق بۇنى باشقىلار بىلسە بولمايدىغانلىقىنى ھەركەتلىرىنىڭ مەخپىي خاننىڭ بۇيرۇقلىرى بويىچە بولىدىغانلىقى ئېيتىپتۇ. ھۈسەيىن خاننىڭ «ھىلال ئاي» مەزھپىدىكىلەرگە ئاساسلىق قىلغۇزىدىغان ئىشى ئوردىدىكى خانغا قارشى ئەمەلدارلارنىڭ ھەركەتلىرىنى سىرىتتىن يۇشۇرۇن كۆزىتىش ۋە پارىخورلارنىڭ ئەدىۋىنى «ھىلال ئاي» مەزھىپىدىكىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق بېرىش ئىكەن.

ئاتام بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپتۇ. گەرچە ئاتام خاننىڭ ئۆزى بىلەن يۈز-تۇرانە كۆرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ ھۈسەيىن خاننىڭ ئەلنى ئادىللىق بىلەن سوراپ كېلىۋاتقانلىقىدىن بەكلا مەمنۇن ئىدى.

شۇنداق قىلىپ «ھىلاي ئاي» مەزھىپى خان ئۈچۈن ئىككى يىل خىزمەت قىلدى. خاننىڭ مەخپىي بۇيرۇقى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئەمەلدار ۋە ھاكاۋۇر بايلارنىڭ جاجىسىنى بەردى. شۇ يىلى ئاتامغا نەدىن چاپلاشتى تۇرۇپلا بېشى قاتتىق ئاغرىيدىغان كېسەل چاپلاشتى. كۆرسەتمىگەن تىۋىپ قالمىدى. ئۆزىمۇ دورا ياساپ يەپ باقتى كار قىلمىدى. ئاتامنىڭ باش ئاغرىقى كۈنسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بېشى ئاغرىپ چىدىيالماي قالغاندا مەن ھەممىدىن بەك قورقۇپ كېتەتتىم. چۈنكى مېنىڭ ئاتامدىن باشقا ھېچكىمىم يوق ئىدى. ئاتام شۇنداق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىر ئەتىگىنى ئۇنىڭ قېشىغا كىردىم. ئاتام تام تەرەپكە قاراپ يېتىپتىكەن چاقىرسام جاۋاب قايتۇرمىدى بېرىپ مىدىرىتىشىمغا تاس قالدىم كەينىمگە ئۇچۇپ كەتكىلى ئاتامنىڭ كۆزلىرى ئوچۇق ئېغىزىدىن كۆپۈكلەر چىقىپ قالغان ھالدا ياتاتتى، نەپىسى ئاللىقاچان توختاپ قالغان چىرايى كۆكىرپ كەتكەنىدى. مەن يىغلاپ تۇرۇپ باشقىلارنى چاقىردىم ئوسمان قاتارلىقلار ھەممىسى كەلدى. تىۋىپ چاقىرىپ كېلىۋېدۇق. تىۋىپ بېشى قاتتىق ئاغرىغانلىقتىن مېڭىسىدە قان ئۇيۇپ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئاتامنى يەرلىكىگە قويدۇق. مەن يالغۇز قالدىم.

ئاتام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئوسمان «ھىلاي ئاي» مەزھىپىنى پۈتۈنلەي قولىغا ئالدى ھەممە ئىش ئۇنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بولاتتى. ئۇ ماڭا بۇرۇنقىدىن بەك كۆيىنىدىغان بولۇپ قالدى. مېنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرەتتى مەنمۇ ئۇنى بەكلا ھۆرمەتلەيتتىم. ئوسمان مەزھەپكە ئاتامان بولۇپ يەنىلا ھۈسەيىن خانغا ئىشلىدى. كېيىن ئۇنىڭ نەپسى بارغانسېرى يوغىناشقا باشلىدى. ھۈسەيىن خان ئەۋەتكەن تەمىناتلارغا شۈكرى قىلماي باشقا ئەمەلدارلارغىمۇ ئىشلەپ كىم كۆپ پۇل بەرسە شۇنىڭ دۈشمىنىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتەك قەبىھ ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپتۇ. بۇنى ھۈسەيىن خاننىڭ خاس ئادەملىرى بىلىپ قالغان چېغى ئاتىڭىز تۇيۇقسىز بۇيرۇق چۈشۈرۈپ «ھىلال ئاي» مەزھىپىنى تارقىتىۋەتتى.

مەزھەپتىكى بۇرادەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھەر يانغا تارىلىپ كەتتى. كېيىن ئوسمان بىر قىسىم ناچار ئادەملەرنى ئۆز يېنىغا تارتىپ «ھىلال ئاي» مەزھىپىنىڭ نامى بىلەن ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ يۈردى. مېنىڭ بۇنىڭغا قارىتا پىكرىم بار بولسىمۇ كىچىك بولغاچ ھەمدە ئوسماننى ئاتا ئورنىدا كۆرگەچكە ئۇنىڭدىن باشقا يېقىن ئادىمىم بولمىغاچقا گەپ قىلالمىدىم.

كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى. مەن يىگىرمىگە كىردىم. بىر كۈنى ئۇنىڭ قورسىقى ئاغرىپ قاپتىكەن ھېلىقى ئاتامنى كۆرسەتكەن تىۋىپنىڭ يېنىغا دورىغا باردىم. تىۋپ ماڭا دورىنى بېرىپ بولۇپ ئاتامنىڭ بۇرۇن باشقا كېسىلى بار يوقلۇقىنى سورىدى. مەن ئاتامنىڭ  باشقا كېسىلى يوقلۇقىنى پات-پات بېشى ئاغرىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. تىۋىپ باش ھەر قانچە قاتتىق ئاغرىسىمۇ ئۇنداق تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى دېدى. ئۇنىڭ ماڭا بىر نەرسىنى دېگۈسى باردەكلا قىلاتتى. مەن ھەر قانداق گەپ بولسا دەپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ تۇرۇۋالدىم.

تىۋىپ ئاخىرى ئامالسىز ھەممىنى دەپ بەردى.

ــ سېنىڭ ئاتاڭ ماڭا كۆپ ياخشلىق قىلغان. ئۇ ۋاپات بولغاندا قىلغان ئىشىمغا ھازىرغىچە ئۆكۈنىمەن سېنى ھەر بىر كۆرسەم بەكلا خىجىللىق ھېس قىلىمەن. ئاتاڭنى باشقىلار قەستلىدى. ئاتاڭنىڭ ئىچىدىغان دورىسىغا زەھەر سېلىۋەتكەچكە ئاتاڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتتى.،ــ تىۋىپ خىجىللىقتىن بېشىنى كۆتۈرەلمىدى.

ــ ئاتامنى كىم قەستلىدى؟ ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ؟،ــ تىۋىپنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ سىلكىشلىدىم.

ــ ئاتاڭ ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئاتاڭنىڭ قول بېرىشكەن قېرىندىشى ئوسمان يېنىمغا ئەڭ كۈچلۈك زەھەر تېپىپ بېرىشىمنى ئېيتىپ كەپتىكەن. مەن ئۇنىڭغا زەھەرنى تېپىپ بەرگەنىدىم. ئۇنىڭ ئاتاڭنى قەستلىشىنى كىم ئويلىغان دەيسەن بۇنداق بولۇشىنى بىلگەن بولسام ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ تېپىپ بەرمەس ئىدى.  ئاتاڭ ۋاپات بولغان كۈنى سەھەردە مېنى يەنە ئىزدەپ كەپتۇ. ئاتاڭنىڭ نېمە بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن تىۋىپ چاقىرىمىز دېسە مېنى ئاپىرىدىغانلىقىنى مېنىڭ ئۇنىڭغا بېشى ئاغرىپ مېڭىسىدە قان ئۇيۇپ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ دېيىشىمىنى ئېيتتى. مەن ئۇنداق قىلالمايمەن دېسەم ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ جېنى بىلەن ئويناشما دېگىنىمنى قىلمىساڭ مەندىن ياخشى كۆرمەيسەن دەپ تەھدىت سالدى. مېنى كەچۈرگىن ئوغلۇم، مەن ئالدىڭدا گۇناھكار.،ــ تىۋىپنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ چۈشەتتى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

يېزا باشلىقىغا قونۇپ قالغان چاڭ-توزان
يېزا باشلىقىغا قونۇپ قالغان چاڭ-توزان

(ھېكايە)

7-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ياز پەسلىنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلىرىدىن بىر كۈنى ئەتىگەن سائەت ئونلاردا تۇردى ئايالى ھۆرىيەت ۋە يېقىن دوستى ياسىن ۋە ئايالى زەمىرە يەنە بىر دوستى مەمتىمىن بەشەيلەن تۇردىنىڭ (SUZUKI) ماركىلىق قارا پىكاۋىدا خوتەندىن چىرا ناھىيە تەرەپكە قاراپ يولغا چىقتى. تۇردى ئالدىنقى يىلى دوستى ياسىن بىلەن چىرا ناھىيىسىنىڭ چاقار يېزىسىدىكى بىر تاغنىڭ بەكلا گۈزەللىكىنى ئاڭلاپ بېرىپ ئىككى كۈن تۇرۇپ ئويناپ كەلگەن ئىدى.

بۇ يىل ئايالى ۋە دوستلىرى بىلەن يەنە ساياھەت قىلىش ئۈچۈن ماڭدى. پىكاپ ئاسفالىت يولدا ئۇچقاندەك چاپماقتا. ھۆرىيەت ماشىنىڭ ئالدى ئورۇندۇقىدا ئەينەكنى چۈشۈرۈۋېتىپ قولىنى دېرىزە ئەينىكىدىن چىقىرىپ ئادەمگە سوغۇق ئۇرۇلىدىغان شامالدىن ھوزۇر ئېلىۋاتاتتى. كۈز پەسلى كىرىشكە خېلى ۋاقىت بولسىمۇ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى شىۋاقلار ئۇسسۇزلىقتىن سارغىيىپ كەتكەن بولۇپ ئادەمگە كۈز مەنزىرىسىنى ئەسلىتەتتى. ماشىنىنى تۇردى ھەيدەۋاتاتتى. كەينىدىكى ئورۇندۇقتا زەمىرە بىلەن ياسىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنىدى.

قۇرۇپ قالغان يانتاق ھەم شىۋاقلىق بۇ يولغا قاراپ ئولتۇرۇۋېرىپ زېرىككەن ھۆرىيەتنىڭ قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈشكە باشلىدى.

ــ سىزمۇزە تۇردى بىزنى قۇملۇقنى كۆرسەتكىلى ئاچىقتىڭىزمۇ نېمە؟ قاراپ بېقىڭە ئەتراپقا پۈتۈنلەي ئادەمنى بىزار قىلىدىغان قاقاسلىق، ئادەم ھۇزۇر ئالغىدەك بىرەر تۈپ دەرەخ ياكى يېشىل ئۆت-چۆپ كۆرۈنسىچۇ كاشكى! ئالدىمىزدىكى ئايدا غۇلجا، ئالتايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ كېلەيلى دېسەم، ئاۋال بۇ يەرگە بارايلى ئۇ يەرگىمۇ بارىمىز دەپ تۇرىۋالدىڭىز، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان خوتەندە نەدىمۇ ئۇنداق گۈزەل يېشىللىققا پۈركەنگەن تاغلار بولسۇن. ھېلى كۆرىمىزغۇ تېخى قانچلىك چىرايلىقلىقىنى،ــ ھۆرىيەت ئېغىزىنى پۈرۈشتۈرۈپ تۇردىغا بىرنى ئالايدى.

ــ جىلە بولماڭە قەدىرلىكىم، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنىدىغان يەر تېخى ئالدىمىزدا قاراپ تۇرۇڭ ھەر يىلى بارايلى دەپ تۇرۇۋالمىسىڭىز مانا مەن، شۇنداققۇ ھە ياسىن ئايالىڭنىڭلا گېپىنى ئاڭلىماي ماڭا ھەمدەمدە بولمامسەن دەيمەن؟

زەمىرەنىڭ خىزمەتداشلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋىتى توغرۇلۇق پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ياسىن بۇلارنىڭ سۆزىگە دىققەت قىلمىغانىدى.

ــ تۇردى راست دەۋاتىدۇ، ساياھەتنىڭ پەيزىنى تېخى ئالدىمىزدا سۈرىمىز. ئۇ يەردىكى مەنزىرىلەر تېلېۋىزۇردىكىنىڭ ئۆزى، بارغاندىن كېىيىن ئۇزاقراق تۇرايلى دەپ تۇرۇۋالامسىلەر تېخى،ــ  ياسىن ھەييارلىق قىلىپ زەمىرەگە كۆزىنى قىسىپ قويدى.

مەمتىمىن بولسا بۇلارنىڭ پاراڭلىرى بىلەن كارى يوق تېلېفونىدىكى ماشىنا مۇسابىقىسى ئويۇنىغا بەنىت بولۇپ كەتكەنىدى.

ــ ۋاي ئاداش سېنى ئويۇن ئوينىۋالسۇن دەپ بىللە ئېلىپ چىقىپتىكەنمىزدە؟! مۇنداق گەپ قىلىپ ئولتۇرمامسەن دەيمەن. تاس قاپسەن تېلېفوننىڭ ئىچىگىلا كىرىپ كەتكىلى،ــ ياسىن مەمتىمىننى نۇقۇپ، مەمتىمىن ئويۇننىڭ توختىتىش كونۇپكىسىنى بېسىپ قويدى.

ــ ئەر-ئاياللارنىڭ پارىڭىغا ئارلىشىۋالماي دەيمەنغۇ، ئاران بىر مۇڭدىشىۋاتقاندا،ــ دېدى مەمتىمىن ياسىن بىلەن چېقىشىپ.

ــ سېنىڭ تويۇڭنىمۇ ئوينايدىغانغا ئاز قالدى. دېمەك بىزگە ئالدىن بىشارەت بېرىۋېتىپسەندە، بىر يەرگە بىللە بېرىپ قالساق ئايالىڭ ئىككىڭلارنىڭ مۇڭدىشىشىڭلارغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويمىسۇن دەپ،ــ ياسىنمۇ بوش كەلمەي قاقاقلاپ كۈلۈپ. بايىقى جىمجىت كەيپىيات يوقالدى ھەممەيلەن قىزغىن پاراڭ قىلىشپ ئولتۇرۇپ مەنزىلگە كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قالدى.

ــ خانىملار مەنزىلگە كەلدۇق، ماشىنىدىن چۈشۈپ ساياھەتنى باشلاڭلار.

ــ ۋىيەي قوي باقىدىغان بىر ئوتلاقكەنغۇ شۇ!،ــ زەمىرە قاشلىرىنى ھىمىرىپ.

ــ نېمىگە ئالدىرايسىلەر، بارىدىغان يەر ئالدىمىزدا بۇ يەردىن ماشىنا ماڭالمايدۇ، قويچىلار يول سالغان چىغىر يول بىلەن ئازراق ماڭىمىز. بىردەم ھەرىكەت قىلىڭلار. ماشىنىدا ئولتۇرۇۋېرىپ پۇت ـ قوللىرىڭلارمۇ ئۇيۇشۇپ قالغاندۇ؟،ــ تۇردى ماشىنىنىڭ كەينىنى ئېچىپ ئەدىياللارنى ئالغاچ.

ھەممەيلەن ئالدىدىكى دۆڭلۈككە قاراپ ماڭدى. يىگىرمە مىنۇتچە ماڭغاندىن كېيىن دۆڭلۈككە چىقىۋېدى. قىزلار ئېغىزىنى ئېچىپ ھەيرانلا قالدى. ئالدىدا ئويلاپ باقمىغان بىر گۈزەل تاغ مەنزىرىسى تۇراتتى. ئەتراپنى ياپ-يېشىل ئۆت-چۆپلەر قاپلىغان دۆڭلۈكنىڭ يان باغرىدا بولسا تەتۈر سۆگەتلەر يەرگە تەگكىدەك ئېگىلىپ سايىلار تاشلىغان، ئالدى تەرەپ تۈزلەڭلىك بۈك-باراقسان ئورمانلىق ئىدى.

ــ پاھ، نېمە دېگەن گۈزەل!،ــ ھۆرىيەت ئورمانلىق تەرەپكە يۈگۈردى.

ــ ئاداش ماڭا ساقلا! قارا ئەسكىلىكىنى بىللە ھوزۇرلىنايلى دېمەي كېتىۋاتىدا؟!،ــ زەمىرە دومسايغىنىچە ھۆرىيەتنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى.

يىگىتلەر بۇ ئىككىسىنىڭ قىلىقلىرىغا كۈلۈشكەچ ئەتراپنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ ماڭدى.

قىزلار شاخلىرى باراقسان بىر تۈپ سۆگەتنىڭ يېنىغا بېرىپ توختاپ ئەتراپنى تاماشا قىلىشقا باشلىدى.

ــ خانقىزلار كەينىمدىن مېڭىڭلار سىلەرنى بەكمۇ گۈزەل بىر شارقىراتمىنىڭ يېنىغا ئاپىرىمەن. بۇ شاقىراتما تەسەۋۋرۇڭلاردىكىدەك پەيزى بولمىسىمۇ خېلى يامان ئەمەس،ــ تۇردى ھەممەيلەنگە يول باشلاپ ئورمانلىقنىڭ سول تەرىپىدىكى بىر يولغا ماڭدى. ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ئەگەشتى.

ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇلار شارقىراتمىغا يېتىپ كەلدى. شارقىراتما تاغنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدىكى تاغ قاپتىلىدىن چۈشۈۋاتاتتى. شارقىراتمىنىڭ ئىككى تەرىپىنى ئەرمىدۇن دەرخلىرى قاپلىۋالغان بۇ دەرەخنىڭ شاخلىرى پەقەتلا تۈز يوغىنىمايدىغان بولغاچ شارقىراتمىنىڭ ئەتراپىنى قورشاپلىۋالغانىدى.

ھۆرىيەت ئايىقىنى سېلىۋېتىپلا ياندىكى ئەرمىدۇننىڭ شېخىنى تۇتقان پېتى سۇلار چۈشۈۋېرىپ سىلىقلاشتۇرۇۋەتكەن تاشلارغا دەسسەپ ئوتتۇرىغا كېلىپ توختىدى. ئارقىسىدىن زەمىرەمۇ ئەگەشتى. ئىككىسى بىر-بىرىگە سۇ چېچىشىپ كىيىملىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى.

ــ سۇ بەكلا سوغۇق راھەتكەن. سىلەرمۇ كىرڭلارچۇ؟،ــ زەمىرە يىگىتلەرنى قىزىقتۇرۇپ.

ــ بۇنداق ھوزۇردىن سىلەر قىزلارلا ھوزۇرلىنىڭلار! بىز ھېلى ئاياق تەرىپىدىكى چوڭقۇر يەرگە سۇغا چۈشىمىز. سىلەردە ئۇ يەرگە چۈشكىدەك جۈرئەت يوق.،ــ ياسىن ئەتەي زەمىرەنىڭ چىشىغا تېگىۋاتاتتى. زەمىرە كىچىكىدىنلا سۇ ئۈزەلمەيتتى.

ــ بوپتۇ دېمىگەن بولاي ياخشىلىق ياراشمايدىغانلار.،ــ دېدى زەمىرە قېيداپ.

ــ ياسىن سەن قىزلارنىڭ يېنىدا قال! بىز ئىككىمىز ئەتراپقا قاراپ باقايلى. بىرەر قويچى ئۇچراپ قالسا قويدىن بىرەرنى سويغۇزۇپ قىزلارنى دالا تامىقىدىن ھوزۇرلاندۇرىمىز.،ــ دېدى تۇردى مەمتىمىنگە ماڭايلى دەپ ئىشارەت قىلىپ.

ــ ماڭغىچە خېلى كۆپ يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋالدۇققۇ؟،ــ ھۆرىيەت تۇردىغا سوئال نەزىرى بىلەن.

ــ ئۇششاق يىمەكلىككە قورساق تويامدۇ؟ بۈگۈن خانىملارنى بىز يىگىتلەر كۈتىمىز. ئۆيدە بولسا سىلەر بىزنى كۈتىسىلەر، ساياھەتكە چىققاندا بىز سىلەرنى، بۈگۈن ئۆز ئەجرىمىز سىڭگەن تائاملارنى تېتىپ بېقىڭلار! قېنى كەتتۇق،ــ ئىككەيلەن شارقىراتمىنىڭ يان باغرى بويلاپ ئۈستى تەرەپكە ماڭدى.

ئىككىسى تاغنىڭ ئازراق ئېگىز يېرىگە چىقىپ ئەتراپنى كۆزىتىشكە باشلىدى.ئالدى تەرەپ تۈزلەڭلىكە خېلىلا نېرىدا قويلىرىنى ئوتلىتىۋاتقان قويچىنىڭ قارىسى كۆرۈندى ئىككەيلەن شۇ تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.

شارقىراتمىدا ئويناپ ھارغان زەمىرە بىلەن ھۆرىيەت چوڭ بىر تۈپ ئەرمىدۇن دەرەخنىڭ سايىسىدا ئارام ئېلىۋاتاتتى. ۋاقىت خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغانىدى. قۇياش ئاستا-ئاستا كىرىپ كېتىۋاتماقتا. قۇياشنىڭ كەچكى شەپەق نۇرى ئەتراپقا قىپقىزىل نۇرىنى چاچماقتا ئىدى. ياسىن سەل نېرىدا چۆپلۈكتە ئوڭدىسا يېتىپ ئاسمانغا تىكىلىپ ياتاتتى. ئاسمان شۇنچىلىك چىرايلىق تۈسكە كىرگەنىدىكى قۇياشنىڭ ئەتراپى ئوتقاش كەبى ياناتتى.

تۇردى بىلەن مەمتىمىن ئاخىرى قايتىپ كەلدى. ئۇلار تاپقان قويچىنىڭ مۇشۇ ئەتراپتا ئۆيى بارلىقىنى بۇلار ماشىنا توختاتقان يەرگە يېقىنلا يەردە بولۇپ كىچك بىر ياغاچ ئۆيى بارلىقىنى قويلىرىنى قوتىنىغا ئاپىرىۋېتىپ قويدىن بىرنى سويۇپ تەييار قىلغاچ تۇرىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.

ــ قىزلار تۇرۇڭلار! بۈگۈنكى ساياھەت مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، قالغىنىنى ئەتە ئوينايمىز. سىلەرنى دالىدا قوندۇرايلى دېسەك كېچىچە بۇ يەردىكى ھاشارەتلەردىن قورقۇپ ئۆرە ئولتۇرۇپ بىزنى ئۇخلاتمايسىلەر. يەنىلا ماشىنىڭ يېنىغا قايتايلى.،ــ تۇردى گۇگۇم چۈشۈۋاتقان ئەتراپقا قاراپ. ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ بايا كەلگەن تەرەپكە مېڭىشتى.

ئەتراپ خېلىلا قاراڭغۇ بولغاندا ئاندىن ماشىنا يېنىغا كەلدى. ھەممەيلەن ماشىنىغا چىقتى.

ــ ئاۋۇ پەس تەرەپتىكى يولدىن ئازراق ماڭساق قويچىنىڭ ئۆيىگە يېتىپ بارالايدىكەنمىز،ــ تۇردى ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ ھەيدىدى.

ئۇزاق ماڭمايلا چىراق يۇرۇقى كۆرۈندى. ماشىنىنى ئىشىك ئالدىدا توختۇتۇپ ئىشكنى قېقىۋېدى بايىقى قويچى بوۋاي ئىشىكنى ئاچتى. بۇلارنى ئۆيگە كىرىشكە تەكلىپ قىلدى. ئۆي بەكلا كىچىك بولۇپ ھەممەيلەن كىرسە سىغىشمايدىغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى.

ــ رەھمەت ئاكا، بولدى كىرمەيلى. قوينى سويۇپ تەييار قىلىپ قويغان بولسىىلىرى شۇنىڭدا تاماق قىلايلى دېۋىدۇق،ــ دېدى ياسىن.

ــ سويۇپ تەييار قىلىپ قويدۇم ھەمدە ئۆيۈمنىڭ كەينىدە كىچىك بىر تونۇر بار ئىدى شۇنىڭغا ئوت يېقىپمۇ قويغان،سىلەرنى تاغنىڭ تونۇرغا قاقلىغان كاۋىپىدىن ھوزۇرلانسۇن دېدىم.،ــ بوۋاي چاپىنى يېپىنچاقلاپ ئۆينىڭ كەينىگە ماڭدى.

ــ قىزلار سىلەر ماشىنىدا ئارام ئېلىپ تۇرۇڭلار بىز كاۋاپنى تەييار قىلىپ سىلەرنى چاقىرايلى.

ھۆرىيەت بىلەن زەمىرە ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇردى. يېرىم كۈن يول مېڭىپ ھەم ئويناپ بۇلارغا ھاردۇق يەتكەنىدى كۆزى ئۇيقىغا كەتتى. خېلى ئۇزۇنلاردا ياسىن قىزلارنى ئويغاتتى. ھەممەيلەن تونۇرنىڭ يېنىغىلا ئېلىۋالغان ئەدىياللارنى سالدى. ئۈستىگە داستىخاننى يېيىپ بىر ۋاقلىق دالا تامىقىنى يىدى. ھەممىسى چارچىغانىدى. قىزلار ماشىنىدا ئورۇن راسلاپ ئۇخلىدى. يىگىتلەر بولسا ماشىنىڭ يېنىغا ئورۇن سېلىپ يېتىشتى. ئويۇننىڭ ھاردۇقىدا ھەممىسى چارچىغاچقا ئەتىسى كۈن تىكلەنگەندە ئاندىن ئويغاندى.

قىزلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ بولغان ئەتراپنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ھوزۇرلىنىۋاتاتتى. ياسىن ئورنىدىن تۇرۇپ كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ بىردەم ئولتۇردى. شۇ چاغدا يىراقتىن مۇشۇ يولنىڭ تاغ تەرەپ ئۈستىدىكى توپىلىق يولدا چاڭ-توزان ئۆرلىتىپ كېلىۋاتقان بىر ماشىنىڭ قارىسى كۆرۈندى. ماشىنا بۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى. ماشىنىدىن بويى پاكار دىقماق كەلگەن، ئۇچىسىغا تېگى كۈلرەڭ ئاق كاتەكچىسى بار كۆڭلەك، قارا ئىشتان كەيگەن شىلەپىسىنى قىڭغىر كىيىۋالغان شاپ بۇرۇت بىر ئادەم چۈشتى.

ــ نېمە ئادەم سىلەر؟،ــ دېدى بۇ ئادەم قوللىرىنى كەينىگە تۇتۇپ ھاكاۋۇرلاچە ماڭغاچ.

ــ ئوينىغىلى چىققانىدۇق، نېمە بىرەر مەسىلە بارما؟،ــ ياسىننىڭ جۇدۇنى ئۆرلىدى. ئادەمنى سوراق قىلىۋاتقاندەك گەپ قىلىدىيا؟! ياسىن غودۇڭشىغاچ تۇردى بىلەن مەمتىمىننى تۈرتۈپ ئويغاتتى. ئىككىسى چالا ئۇيقۇلۇق نېمە بولغىنى بىلەلمەيلا قالدى.

ــ نەدىن چىقتىڭلار؟،ــ شاپ بۇرۇت بوينىنى سوزۇپ ماشىنىغا قارىغاچ.

ــ خوتەندىن ساياھەت قىلغىلى چىقتۇق. بىرەر ئىش بارمىدى؟،ــ ياسىن غەزەپتىن تىترەپ كەتتى.

ــ ھېچ ئىش يوق. بۇ يەردە قالايمىقان ئايلىنىپ يۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟

شاپ بۇرۇتنىڭ ماشىنىسىىڭ كەينىدىن ئىككى قىز چۈشتى. بىرسى كالتە يەڭ قىزىل مايكا ھەممە يېرى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇرىدىغان پادىچىلار ئىشتىنى كىيىۋالغان ھەر ھالدا بېشىم ئوچۇپ قالمىسۇن دېدىمۇ نېپىز ياغلىقنى بۈدرە چېچىنىڭ يېرىمىغا چىگىۋالغانىدى. يەنە بىرسنىڭ ئۇچىسىدا تىزىدىن ئاشمايدىغان ئالما رەڭ كۆڭلەك بار ئىدى. چېچىنى بولسا ياۋرۇپاچە بوياپ سېرىق قىلىۋالغان ئىككىسى ماشىنىڭ يېنىدا شاپ بۇرۇتنىڭ ئىشلىرىغا زوق بىلەن قاراپ تۇردى.

ــ بىز قالايمىقان يۈرۈپ بىرەر ئىش قىلمىدۇق. ئوينىغىلى كەلسەكمۇ بولمامدىكەن؟،ــ دېدى تۇردى ئورنىدىن تۇرۇپ.

ــ خوتەندە تېرورچىلار كۆپىيىپ قالدى، خوتەندە ئىش چىقىرىپ قويۇپ بۇ يەرگە قېچىپ كەلدىڭلارمۇ كىم بىلىدۇ؟،ــ شاپ بۇرۇت بارغانسېرى ھەددىدىن ئېشىۋاتاتتى.

ــ تېرورچى بولامدۇق ياكى ساياھەتچىمۇ؟ سىلىنىڭ نېمە كارىلىرى؟ سىلىنى بىرەرسى سوراقچىلىققا تەكلىپ قىلمىغاندىكىن يوللىرىغا ماڭسىلا!،ــ مەمتىمىن شاپ بۇرۇتنىڭ ئالدىغا كېلىپ كۆزىگە تىكىلدى.

ــ سىلەرگە چىرايلىق گەپ ياراشمايدىغان ئوخشىمامدۇ؟ يېزا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ پاراڭلىشامدۇق؟ شۇ يەردە بەك ياخشى پاراڭلىشالايمىز.،ــ دېدى شاپ بۇرۇت ئۆزىنىڭ يېزا باشلىقى ئىكەنلىكىنى ئەتەي ئۇقتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن مەغرۇرلۇق بىلەن.

يىگىتلەر بىر-بىرىگە قاراشتى.

ــ يېزا باشلىقى ئىكەنلىكلىرىنى بىلمەي قاپتۇق. ئالدىلىرىدا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ سالغان بولساق كەچۈرەرلا!،ــ تۇردى مەسخىرە ئارىلاش ماڭايلى دەپ دوستلىرىغا ئىشارەت قىلدى. مەمتىمىن بىر نەرسە دېيىشكە تەمشىلىۋېدى تۇردى بولدى دەپ بېشى بىلەن ئىشارەت قىلىپ قويدى. نەرسە-كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ ماشىنىغا سېلىشقا باشلىدى. ھۆرىيەت بىلەن زەمىرە بولسا نېمە ئىش بولغانلىقىنى تېخىچە ئاڭقىرالماي تۇرپلا قالدى.

ــ نېمىگە قاڭۋېقىپ تۇرىدىغاندۇ، ياردەملىشىڭلار!،ــ ياسىن قىزلارنى چاقىرىپ.

بۇلارنىڭ كېتىشكە تەييارلانغانلىقىنى كۆرگەن شاپ بۇرۇت ماشىنىسىغا چىقىپ كېتىپ قالدى.

ــ بىر ئوبدان ساياھەتنى بۇزدىغۇ ئىپلاس! ھاكاۋۇرلىقىنى قانداق قىلاي! يېزا باشلىقى بولسا نېمە بوپتۇ؟ بىز بۇ يەردە بىرەر چاتاق چىقارمىساق بىكاردىن نېمىگە قوغلايدۇ دەيمەن!،ــ مەمتىمىن ئاچچىقتىن يېرىلغىدەك بولۇپ قولىدىكى نەرسىلەرنى ماشىنىڭ ئارقىسىغا غەزەپ بىلەن تاشلىدى.

ــ بولدى قايتايلى. باشلىق بىلەن تەڭ بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانساق بولمايدىغان چېغى!

ــ يەنە ئىككى كۈن تۇرارمىز دېسەم، شارقىراتمىغا يەنە بىر بارغۇم بار ئىدى. كاتتا باشلىق ھەممە ئىشنى بىردەمدە ئاستىن-ئۈستۈن قىلدىغۇ!،ــ دېدى ھۆرىيەتنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ.

ــ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭە گۈزىلىم، يەنە ئەكىلىمەن،ــ تۇردى ھۆرىيەتنىڭ كۆڭلىنى ياساپ.

ھەممىسى ماشىنىغا چىقتى. تۇردىنىڭ تېخىچە ئاچچىقى يانمايۋاتقاچقا ماشىنى قوزغىتىپلا سۈرئەتنى ئاشۇردى. ماشىنا بەكلا تېز ماڭغاچقا توپىلىق يولنى چاڭ-توزانغا كۆمىۋەتتى. ئون مىنۇتچە ماڭغاندىن كېيىن ئالدىدا ھېلىقى شاپ بۇرۇتنىڭ ماشىنىسى كۆرۈندى. شاپ بۇرۇت ماشىنىنى ئالدىرىماي ھەيدىدىمۇ ياكى يېڭى شوپۇرمۇ تېخى ئۇزاققا كەتمىگەندى. شاپ بۇرۇتنىڭ ماشىنىسىنى كۆرۈپ تۇردىنىڭ يەنە جۇدۇنى ئۆرلىدىدە ماشىنىڭ سۈرئىتىنى يۈز يىگىرمىگە ئاچىقىپ ماينى قۇلاققىچە باستى. شاپ بۇرۇتنىڭ ماشىنسىنى ناھايىتى تېزلا يانداپ ئۆتۈپ كەتتى. شاپ بۇرۇتنىڭ ماشىنىسىڭ ھەممە ئەينەكلىرى چۈشۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ چاڭ-توزان ماشىنىدىكىلەرنى كۆمۈۋەتتى. تۇردى ماشنىنىڭ خېلىلا ئالدىغا ئۆتۈپ بولۇپ قاقاقلاپ كۈلدى. باشقىلارمۇ ئازراق بولسىمۇ ئاچچىقىنى ئېلىۋالغىنىدىن مەمنۇن بولۇپ كۈلۈشتى. بايىقى بىئارامچىلىق تولغان كەپىياتلار نەلەرگىدۇر غايىپ بولغانىدى ھەممەيلەن يول بويى كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن پاراڭلىشىپ ماڭدى. بىر سائەتلەرچە ئۆتكەندىن كېيىن چاقار يېزىسىنىڭ يېزا بازىرىغا يېقىنلاشتى. بازار ئېغىزىغا كىرىشكە ئاز قالغانىدى ياندىكى كوچىدىن ساقچى ئاپتوموبىلىدىن بىر ساقچى چۈشۈپ توختاش بۇيرۇقى بەردى. ھەممەيلەن بىر-بىرىگە قاراشتى.

ــ يەنە نېمە بولغاندۇ؟،ــ دېدى زەمىرە ئەنسىزلىك بىلەن.

ــ ئاۋۋال چۈشەيلى.،ــ ھەممەيلەن ماشىنىدىن چۈشتى.

ساقچى ماشىنىنىڭ نومۇرىغا بىر قارىۋېتىپ ھەممەيلەنگە ئوبدان سەپ-سېلىپ قارىدى.

ــ ماشىنىغا چىقىڭلار! يېزىلىق ساقچىخانىغا بارىمىز. سىلەرنىڭ ماشىناڭلارنى بىزنىڭكىلەر ھەيدەپ ئېلىپ بارىدۇ.،ــ ساقچى بۇيرۇق تەلەپپۇزدا. ساقچى ماشىنىسىدىكى بىرسىگە ماشىنىنى ھەيدەپ ئاپىرىشىنى بۇيرىدى.

ــ ساقچىخانىغا نېمىشقا بارىدىغانلىقىمىزنى بىلسەك بولامدۇ؟

ــ بارغاندىن كېيىن بىلىپ قالىسىلەر.،ــ ساقچى مېڭىڭلار دەپ ئىشارەت قىلدى. ھەممەيلەن ماشىنىغا چىقتى. بىردەمدىلا يېزا ساقچىخانىسىغا يېتىپ كەلدى. ساقچى بۇلارنى بىر ئۆيگە ئەكىرىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇشنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى. بىردەمدىن كېيىن بىر تال خاتىرىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى. ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇرۇپ سوئال سوراشقا باشلىدى.

ــ قەيەردىن، نېمە ئىش ئۈچۈن كەلدىڭلار؟

ــ خوتەندىن ساياھەت قىلىش ئۈچۈن كەلدۇق.

ــ ساياھەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئادەم نېمىشقا جىم يۈرۈپ ساياھىتىڭلارنى قىلماي يېزا باشلىقىنىڭ ماشىنىسىنى يانداپ ئۇنىڭغا قەست قىلىشقا ئۇرۇندىڭلار؟

ــ ئۇنداق ئىش يوق. بىز يېزا باشلىقىنىڭ ماشىنىسىنى تېزراق يانداپ ئۆتۈپ كەتتۇق شۇ.

ــ بايا يېزا باشلىقى تېلېفون قىپتۇ. سىلەرنىڭ ماشىنىسنى يانداپ يان تەرەپتىكى جىلغىغا قىستىغانلىقىڭلارنى ئۆزىگە قەسىت قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىڭلارنى ئېيتتى. ئۇمۇ ھازىرلا كېلىدۇ. بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىلەر؟

ــ بىز يېزا باشلىقىغا قەست قىلشىقا ئۇرۇنمىدۇق. بۇ قاراپ تۇرۇپ بىزگە قارا چاپلىغانلىق.

ــ قارا چاپلىغانلىقمۇ ئەمەسمۇ؟ سەل تۇرۇپ ئايدىڭ بولىدۇ. سىلەر مۇشۇ يەردە كۈتۈڭلار!

ساقچى خاتىرىلىرىنى كۆتۈرۈپ ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى.

ــ تۆۋە قىلدىم،ساياھەت قىلغىلى چىققانغا تويامدۇق نېمە؟ كاتتا باشلىق بىزگە ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇغۇ؟،ــ مەمتىمىن ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ،باشقىلار نېمە دېيىشنى بىلەلمەي جىممىدە ئولتۇرۇشۇۋاتتى.

ــ قاراڭلار ھېلىقى شاپ بۇرۇت كەلدى،ــ تۇردى ئەينەكتىن سىرتقا قاراپ، ھەممەيلەن سىرتقا قارىۋېدى. شاپ بۇرۇت قوللىرىنى كەينىگە تۇتقىنىچە بۇلارنى سوراق قىلغان ساقچى بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى. خېلى ئۇزاق پاراڭلاشقاندىن كېيىن شاپ بۇرۇت چىقىپ كەتتى. ساقچى باشلىقى قايتىپ كىردى.

ــ يېزا باشلىقى بىلەن پاراڭلاشتىم سىلەرنىڭ ماشىنىنى تېز ھەيدەپ ياندىغانلىقىڭلارغا يېزا باشلىقىنىڭ ماشىنىسىدىكى قىزلارمۇ گۇۋاھلىق بېرەلەيدىكەن. شۇڭا سىلەر ھازىرچە يىگىرمە تۆت سائەت تۇرۇپ تۇرۇلىسىلەر. ۋاقىت توشقاندىن كېيىن سىلەرنى خوتەندىكى ساقچىخانىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز قالغان ئىشلارنى شۇلار بىر تەرەپ قىلىدۇ.،ــ ساقچى چىقىپ كەتتى.

ھەممەيلەن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي جىممىدە ئولتۇرۇشۇپ كەتتى. شۇ تاپتا چىۋىن ئۇچسىمۇ بىلگىلى بولغىدەك دەرىجىدە ئىدى.

ــ تۇردى،سېنىڭ ئەكرەم دەيدىغان بىر دوستىڭ بار ئىدىغۇ ۋىلايەتلىك ساقچىخانىدا، شۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ باققىنە!؟ ياردەم قىلىپ قالار!،ــ ھۆرىيەت جىمجىتلىقنى بۇزدى.

تۇردى ئەكرەمگە تېلېفون قىلىپ ئىشنىڭ جەريانىنى ئېيتتى. ئەكرەم ساقچىخانا باشلىقى بىلەن سۆزلىشىپ بېقىشقا ماقۇل بولدى.

خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ھېلىقى ساقچى كىرىپ كەلدى.

ــ تۇردى دېگەن قايسىڭلار؟

ــ مەن شۇ،ــ تۇردى جاۋاب بەردى.

ــ ئەسلى تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتى ئىچىدە مۇشۇ يەردە بولۇشۇڭلار شەرت ئىدى، بايا دوستۇڭ ئەكرەم تېلېفون قىپتۇ. تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتىنى خوتەندە ئۆتكۈزىدىغان بولدۇڭلار. قايتساڭلار بولىدۇ.

ھەممەيلەن ماشىنىغا چىقتى. ماشىنا توپىلىق يولدا چاڭ-توزانلارنى ئۆرلىتىپ ئۇچقاندەك چاپماقتا…

جۇلالىق

نىران خانىدانلىقى(27)
نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(27)

بۇ ئادەملەر بىلەن ئېلىشىپ سەل چارچىغان ئەركىن ئىشىك ئالدىدا يەردە ئولتۇردى. چىرايىنى قورقۇنچ قاپلىۋالغان ئايچىۋەرمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ شەمشىرىنى يېنىدا قويۇپ ئولتۇردى.

ــ بۇ ئادەملەر كىم؟ نېمىشقا بىزگە قەسىت قىلىدۇ؟،ــ ئايچىۋەر ئەركىننىڭ پېشانىسىدىكى تەرلىرىنى سۈرتكەچ.

ــ «ھىلال ئاي» مەزھىپىنىڭ ئادەملىرى سىزنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارمۇ شۇلار ئىدى.،ــ ئەركىن بۇ ئىشلارنى ئايچىۋەردىن يۇشۇرغىنىغا خىجىل بولۇپ.

«ھىلال ئاي» مەزھىپى؟ بۇ قانداق مەزھەپ؟ مەن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. مەن تېخى ماڭا قەسىت قىلغانلارنى توغرۇل ئەۋەتتى دەپ ئويلاپ يۈرگەنىدىم. مېنىڭ «ھىلال ئاي» مەزھىپىدىكىلەر بىلەن ئۆچ-ئاداۋىتىم بولمىسا ئۇلار نېمىشقا ماڭا زىيانكەشلىك قىلىدۇ؟،ــ دېدى بارغانسىېرى چىگىشلىشىپ كەتكەن ئىشلاردىن گاڭگىراپ قالغان ئايچىۋەر.

ــ ئايچىۋەر مەن سىزدىن بىر ئىشنى يۇشۇرغانىدىم. يۈرۈڭ ئۆيگە كىرەيلى سىزگە بىر نەرسە كۆرسىتىمەن.

ئەركىن ئۆيگە كىرىپ چىراغنى ياقتى. كارۋىتىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە قويۇلغا چوڭ ياغاچ ساندۇقتىن بىر تال شەمشەرنى ئالدى. بۇ شەمشەرنىڭ غىىلاپىمۇ شۇنچىلىك نەپىس ئىشلەنگەنىدى. ئۇ شەمشەرنى قېنىدىن سۇغاردى. شەمشەرنىڭ ياخشىلىقىدا گەپ يوق بولۇپ بىسى قىلنىمۇ كېسىۋەتكىدەك دەرىجىدەك ئىتتىك ئىدى. ئەركىن شەمشەرنى ئايچىۋەرگە سۇندى. ئايچىۋەر شەمشەرنى قولىغا ئېلىپ كۆرۈۋېدى. شەمشەرنىڭ بىسىنىڭ ئوتتۇرىغا «ھىلال ئاي» دېگەن خەت ۋە ھىلال ئاينىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى. ئايچىۋەر ئەركىنگە بۇ نېمە ئىش؟ دېگەندەك سوئال نەزىرىدە قارىدى.

ــ بۇ ئاتامنىڭ يالدامىسى، مەرھۇم ئاتام ماڭا مۇشۇ بىر تاللا شەمشەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئەسلى «ھىلال ئاي» مەزھىپىنى ئاتام بارلىققا كەلتۈرگەن. ئاتام كىچىكلىكىدىن چامباشچىلىققا قىزىقىدىكەن. ماھارەتتە كامالەتكە يەتكەن ئۇستازلارنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇلاردىن نەچچە يىل ماھارەت ئىگىلەپتۇ. كېيىن ئاتامنىڭ ئەتراپىغا چامباشچىلىققا قىزىقىدىغان نەچچە ئادەم يىغىلىپ قاپتۇ. ئاتام بۇلارنى تەشكىللەپ بىر مەزھەپ قۇرۇپ چىقىپتۇ. ھەمدە بۇ مەزھەپكە «ھىلال ئاي» مەزھىپى دەپ نام بېرىپتۇ. ئاتام قاتارلىق بۇ كىشىلەر ماھارىتىدىن پايدىلىنىپ نامراتلارنى بوزەك قىلغان بايلارنىڭ ئەدىۋېنى بېرىپ ئاجىزلارنىڭ يىغىسىنى تەڭ يىغلاپتۇ. شۇ ۋاقىتلاردا «ھىلاي ئاي» مەزھىپىدىكىلەرنىڭ نامى خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقىلىپتۇ. كېيىن ئاتام بۇرادەرلىرىنى ئېلىپ پايتەخىتكە كەپتۇ. مۇشۇ يەردە كىچىك تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاچ مەزھەپتىكى بۇرادەرلىرىنى يىتەكلەپ مەزھەپنى خېلى زورايتىپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاتام ئانام بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىپ ئىككەيلەن توي قىلىپتۇ. ئانام ماڭا ھامىلدار بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ساقايماس ئۆپكە كېسلى بولۇپ قېلىپ مەن تۇغۇلۇپ بەش ئايدىن كېيىن ئانام تۈگەپ كېتىپتىكەن. ئاتام ماڭا ئانا ھەم ئاتا بولۇپ چوڭ قىلىپتۇ. مەن چامباشچىلىق ئائىلىسىدە چوڭ بولغاچقا كىچىكىمدىن چامباشچىلىققا قىزىقاتتىم ئاتاممۇ ماڭا ئۆزىدە بار ماھارەتلەرنىڭ ھەممىنى ئۈگەتتى. مەن ئون بەش ياشقا كىرگىچە ئاتامنىڭ ھەممە ماھارەتلىرىنى ئىگەللەپ بولدۇم.

بۇ شەمشەرنى ئاتام نۇرغۇن پۇل بېرىپ شەمشەرنىڭ بىسىغا «ھىلال ئاي» نامىنى ئويغۇزۇپ ياساتقانىكەن. ئاتام بۇ شەمشەرنى بەكلا ئەتىۋارلايتتى. مەن ئۇنىڭ پات-پات بۇ شەمشەرنى سۈرتۈپ پاكىزلاپ يەنە قويۇپ قويغىنىنى كۆرەتتىم. شۇ يىلى ئاتام بازار ئايلىپ يۈرۈۋاتسا بىرنەچچە ئادەم بىر ئادەمنى ئۇرغىلى تۇرۇپتۇ. ئاتام بېرىپ ئاۋۇ نەچچە ئادەمنى ھەيدىۋېتىپ ھېلىقى ئادەمنى قۇتقۇزۇپ قاپتۇ. بۇ ئادەم دەل ھازىرقى «ھىلال ئاي» مەزھىپىنىڭ باشلىقى ئوسمان ئىدى. ئاتام ئۇ ئادەمنى قۇتقۇزۇپ بىر ئاشخانىغا ئەكىرىپ تاماق ئېلىپ بەرگەچ باشقىلارنىڭ ئۇنى نېمىشقا ئۇرىدىغانلىقىنى سورىغاندا ئوسمان قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۇۋېتىپ بۇلارغا قەرىزدار بولۇپ قالغانلىقىنى بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىنىمۇ قەرىزگە ھىسابلاپ ئېلىۋالغانلىقىنى قەرىزلىرى بۇنىڭلىق بىلەنمۇ تۈگىمەي ئۇلارنىڭ يەنە قەرىز سۈيلەپ كېلىپ ئۆزىنى ئۇرغانلىقىنى ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قلغانلىقىنى ئېيتىپتىكەن. باغرى يۇمشاق ئاتام ئوسماننى ئۆيىمىزگە ئەكىلىپ باشقا بۇرادەرلىرىگە ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ ھەممىسى ئازراقتىن پۇل يىغىش قىلىپ ئۇنىڭ قەرىزلىرىنى تۆلىۋەتتى. ئۇ قەرىز ئىگىلىرىنىڭ ئۇنى يەنە ئاۋارە قىلىشىدىن قورقۇپ ھەمدە ئاتامنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ياخشلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى بۇ يەردە ئېلىپ قېلىشنى ئۆتۈندى. ئاتام باشقا بۇرادەرلەر ئۇنى ئۆيىمىزدە ئېلىپ قالدى. كېيىن ئوسمان باشقىلارغا بوزەك بولماسلىققا پايدىسى باركەن دەپ چامباشچىلىق ماھارىتىنى ئۈگەندى. ئوسمان ھەممىدە ئاتامنىڭ ئېغىزىغا قارايتتى ئاتامنى بەكلا ھۆرمەتلەيتتى. كېيىن ئىككەيلەن قول بېرىشىپ ئاكا-ئۇكا بولۇشتى. ئوسمان «ھىلال ئاي» مەزھىپىنىڭ ئىككىنچى باشلىقى بولۇپ قالدى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

نىران خانىدانلىقى(26)
نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(26)

ئايچىۋەر ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇۋېتىپ تاماق قىلىپ ئەركىننى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدى. يىراقتىن ئەركىننىڭ قارىسى كۆرۈندى. ئايچىۋەر ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئەركىننىڭ خالتىلارنى چۈشۈرۈپ جايلاشتۇرۇشىغا ياردەملىشىپ ئۆيگە بىللە كىرىپ تاماققا ئولتۇردى.

ــ بۈگۈن ئورمانلىقتا كىمنى ئۇچراتتىم بىلەمسىز؟،ــ ئەركىن ئايچىۋەرنى قىزىقسىندۇرۇپ سورىدى.

ــ كىمنى ئۇچراتتىڭىز؟،ــ ئايچىۋەر بۇ ئورمانلىقتا بىزدىن باشقا ئادەم بولمىسا يەنە كىمنى ئۇچراتماقچىدىڭىز دەپ مەنسىتمىگەن قىياپەتتە سورىدى.

ــ ئارسلان ئاكىڭىزنى ئۇچراتتىم.

ئايچىۋەر چۆچۈپ قارىدى.

ــ ئارسلان ئاكامنى؟ ئۇ بۇ يەرگە نېمە ئىش بىلەن كەپتۇ؟ سىزنى قانداق تېپىپتۇ؟

ــ سىز ئۇنىڭغا ئورمانلىقنىڭ گېپىنى قىلىپ بېرىپتىكەنسىزغۇ ئىزدەپ تېپىپ كەلگەندۇ.

ــ ئارسلان ئاكام  مەن بىلەن كۆرۈشمەي كېتىپتۇغۇ؟،ــ ئايچىۋەرنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى.

ــ ئۇ مەندىن بىر ئىشنى ئۆتۈنگىلى كەپتىكەن. ئۇ سىزنى بۇ شەھەردىن ئېلىپ يىراقلارغا كەتكىن دەيدۇ. سىزگە بىرەر خەتەر يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدىكەن. شۇ گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ سىزگە سالام دېيىشىمنى تاپىلاپ كېتىپ قالدى.

ئايچىۋەر جىمىپلا كەتتى.

ــ ئارسلان سىزنى بەكلا ياخشى كۆرىدىكەن ھە؟! ئۇنىڭ سىزگە كۆيىنىشىدىنلا سىزنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. مېنىڭچە ئايچىۋەر سىزمۇ ئارسلاننىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىسىز.،ــ دېدى ئەركىن.

ــ بىلىمەن، بىراق، مەن ئارسلاننى ئۆز ئاكامدەك كۆرۈپ كەلدىم. كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا ئۇ مېنى بەكلا قوغدايتتى. ئارسلان ئاكام يېنىمدا بولسا ئۆزۈمنى بىخەتەر ھېس قىلاتتىم. گەرچە بىز قان-قېرىنداش بولمىساقمۇ ئەڭ يېقىن ئاكا-سىڭىللاردىن ئىدۇق. ئارسلان ئاكامنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا بىلەتتىم. خان ئاتاممۇ بۇنى سەزگەن ئىدى. شۇڭا خانلىقنى ئارسلان ئاكامغا تاپشۇرغان. لېكىن مەندە ئارسلان ئاكامغا نىسبەتەن ئاكىلىق مېھىردىن باشقا نەرسە يوق ئىدى.،ــ ئايچىۋەر بىر خىل بىئارام بولدى.

ــ چۈشەندىم، ئارسلاننىڭ سىزگە قىلغان ئەقىدىسىدىن ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم. گەرچە ئارسلان خان ئەۋلادى بولمىسىمۇ ئۇ تەخىت ۋارىسى بولسا نىران خانلىقىنى ياخشى باشقۇرىدىغان ئەلنىڭ غېمىنى يەيدىغان شاھ بولغىدەك.

ھەر ئىككەيلەن پاشا غىڭشىسىمۇ ئاڭلىغىدەك ھالدا جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتتى.

كېچە قاپقارا قازاننى دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك ھېچ نەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئەركىننىڭ ياغاچ ئۆينىڭ ئەتراپىدا ئۈچ-تۆت قارا سايە پەيدا بولدى. ھەممە نەرسىگە سەزگۈر ئەركىننڭ ئېتى ئادەمنىڭ شەپىسىنى سېزىپ قاتتىق كىشنىدى. ئېتىنىڭ كىشنىگە ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئەركىن ئويغۇنۇپ كەتتى. سىرىتتكى ئاۋازغا قۇلاق سالدى. سىرىتتىن ئادەمنىڭ ماڭغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئەركىننىڭ كارىۋىتىدىن چۈشكىنىنى سەزگەن ئايچىۋەرمۇ ئويغىنىپ كەتتى. ئەركىندىن نېمە ئىش بولدى دەپ سوراي دېيىشىگە ئەركىن گەپ قىلماڭ! دەپ شەرەتلەپ قويدى. شەمشىرىنى غىلاپىدىن سۇغۇرۇپ ئىشىكنى ئاستا ئاچتى. ئايچىۋەرمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ شەمشىرىنى ئالدى. ئەركىن ئىشىكنى ئېچىپ سىرىتقا چىقىشغا ئۈچ ئادەم ئۇنىڭغا تەڭ يۇپۇرۇلۇپ كەلدى. كېچە قاراڭغۇسىدا ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە تەگكەن شەمشەرلىدىن ئوتلار ياناتتى. بۇ ئادەملەر ئەركىننى قورشاپ ئۇنىڭغا توختىماي ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى. ئەركىن ئەپچىللىك بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇرغان شەمشەرلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئېلىشماقتا. ئەركىننىڭ ھەممىسىگە يېتىشەلمەي قالغىنىنى كۆرگەن ئايچىۋەر ئەركىننىڭ كەينىدىن شەمشەر ئۇرۇشقا تەمشەلگەن بىرىگە شەمشەر سالدى. ئەركىن باش تەرىپىگە زەربە بىلەن ئۇرۇلغان شەمشەرنى قايتۇرۇپ ئېگىلگىنىچە قارشى تەرەپكە شەمشەر سالدى. شەمشەر ئۇنىڭ قورسىقىنى كېسىۋەتتى. ھېلىقى ئادەم ۋاي! دېگىنىچە يىقىلدى. ھەمراھىنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرگەن يەنە بىرسىمۇ غەزەپ بىلەن ئەركىنگە ئېتىلدى. ئەركىن تېزلىك بىلەن ئۇ ئادەمنىڭ ئوڭ يېنىغا ئۆتتىدە كەينى تەرەپتىن بوينىغا شەمشەر ئۇردى. قاتتىق ئۇرۇلغان شەمشەر ئۇ ئادەمنىڭ بېشىنى ئۈزىۋەتتى. ئايچىۋەر بىلەن ئېلىشىۋاتقان يەنە بىرسى ئىككى ھەمرايىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئورمانلىققا ئۆزىنى ئاتتى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

نىران خانىدانلىقى(25)
نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(25)

ئوسمان ئارقا ھويلىغا ئۆتۈپ ئادەملىرىنىڭ ھەممىنى يىغدى.

ــ بۈگۈن ھەممىڭلارغا ۋەزىپە بار. سىلەر ئورمانلىققا بېرىپ ئىككە تەرەپكە بۆلۈنۈپ ئەركىن بىلەن ئايچىۋەرنى تېپىڭلار! ئۇ ئىككىسنى تاپقان ھامان ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار! ئەركىن ھەرگىز ھايات قالمىسۇن ئۇنىڭ ئۆلگىنىنى چوقۇم كۆرىشىم كېرەك.،ــ ئوسماننىڭ قىسىق كۆزلىرىدىن زەھەرخەندىلىك ئۇچقۇنلىرى چاقنىدى.

ئوسماننىڭ ئادەملىرى ئورمانلىقنى خېلىلا ئىنچىكىلىك بىلەن ئاختۇرغان بولسىمۇ بۇ ئىككىسىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. بۇلار داۋاملىق ئىزدەشكە باشلىدى.

تاڭ ئاتقانلىقىنى بىلگەن ئەركىن كۆزىنى تەستە ئاچتى. ئەركىننڭ قارشى تەرىپىدە ياغاچ ئۆينىڭ سول تەرىپىدىكى تامغا يېقىن قويۇلغان كارىۋاتتا ئايچىۋەر تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. كارىۋاتتىن غىچىرلىغان ئاۋاز چىقىپ ئايچىۋەرنى ئويغىتىۋېتىپ سالماسلىق ئۈچۈن ئەركىن كارۋىتىدىن ئاۋايلاپ چۈشتى. ئايىغىنى كىيىپ ئايچىۋەرنىڭ كارۋىتى يېنىغا كەلدى.ھەممە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى، غەملەرنى ئۇنتۇغان ئايچىۋەر بىر قولىنى ئەدىيالدىن چىقىرىپ شىرىن ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. ئەركىن ئۇنىڭ تاتلىق ئۇيقۇسىغا بىردەم قاراپ تۇرۇۋېتىپ ئۇنىڭ قولىنى ئىچىگە تىقىپ ئەدىيالنى ئوڭشاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. سىرتقا چىقىپ ئېتىنى تەييارلاپ دورا يىغىش ئۈچۈن ئورمانلىقنىڭ باشقا تەرەپلىرىگە ماڭدى. ئۇ قايسى كۈنى كۆرۈپ قويغان دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر بار يەرگە كېلىپ ئاتتىن چۈشتى. ئېتىنى دەرەخكە باغلاپ ئاتنىڭ بوينىغا بايا يەم توشقۇزۇپ ئېلىۋالغان خالتىنى ئېسىپ قويۇپ دورا يىغىشقا باشلىدى. بىرەر سائەتتىن كېيىن دورىلارنى تاغارلارغا قاچىلاۋاتاتتى. تۇيۇقسىز كەينىدىن شەپە كەلگەندەك قىلدى. ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپلا قارىدى ھېچ نەرسە يوق. بەلكىم ئورمانلىقتىكى بىرەر ھايۋاندۇر دەپ ئويلاپ ئىشىنى قىلىۋەردى. ھېلىقى شەپە ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى ئەركىن يېنىدىكى شەمشىرىنى سۇغارغىنىچە كەينىگە ئۆرۈلدى. كەينىگە ئۆرۈلۈپلا شىددەت بىلەن كەلگەن شەمشەرنى شەمشىرى بىلەن توسۇۋالدى. ھەمدە چاققانلىق بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. ناتۇنۇش بىر يىگىت ھە دەپ ئۇنىڭغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلاتتى. ئەركىن ئۇنىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇرغاچ كەينىگە چېكىندى. ھەر ئىككىلىسىنىڭ ماھارىتى بىر-بىرىدىن قېلىشمايتتى. بىردەم ئارسلان ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە يەنە بىردەمدە ئەركىن ئۇنىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇرۇۋېتەتتى. بۇ ئىككىسى ئون مىنۇتچە ئېلىشتى. ئارسلان بىردىنلا توختاپ قالدى.

ــ كىمسەن؟ نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسەن؟ ،ــ ئەركىنمۇ كۆتۈرگەن شەمشىرىنى چۈشۈرۈپ.

ــ ئەركىن دېگەن سەنمۇ؟

ــ مېنى تونۇمسەن؟،ــ ئەركىن ھەيرانلىقتىن تۇرۇپلا قالدى.

ــ ئايچىۋەر گېپىڭنى قىلىپ بەرگەنىدى.

ــ سەن ئارسلانمۇ؟

ــ ھەئە مەن شۇ،ــ ئارسلان شەمشىرىنى غىلاپىغا سېلىپ.

ئايچىۋەرنى ئىزدەپ كەلگەنمىدىڭ؟ مەن سېنى ئۇنىڭ يېنىغا باشلاپ باراي!،ــ ئەركىن ئېتىنى يېشىشقا تەمشەلدى.

ــ ياق، مەن سېنى ئىزدەپ كەلدىم. ئايچىۋەرنىڭ كىملىكىنى بىلىسەنغۇ دەيمەن؟

ــ بىلىمەن، ئۇ نىران خانلىقىنىڭ مەلىكىسى. ئۇنىڭ مەلىكە ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمگە ئۇزۇن بولمىدى.

ــ ئايچىۋەرنى راستىنلا ياخشى كۆرەمسەن؟،ــ ئارسلان ئەركىننىڭ كۆزىگە مىقتەك قادالدى.

ــ ياخشى كۆرىمەن. مەن ئايچىۋەرنىڭ مەلىكە ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن بۇرۇنلا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان. ئايچىۋەرنى قۇتقۇزىۋالغان ۋاقتىمدا ئۇ ئۆزىنىڭ مەلىكە ئىكەنلىكىنى ئېيتمىغانىدى. بۇ قېتىم قايتىپ كەلگەن ۋاقتىدا ئاندىن ھەممە ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئايچىۋەر مەلىكە بولسۇن بولمىسۇن مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن. ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنى قوغدايمەن.،ــ ئەركىننىڭ سۆزلىرىدىن ئايچىۋەرنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

ــ ماڭا بىر ئىشقا ۋەدە بەرگىن بولامدۇ؟،ــ ئارسلان ئۆتۈنگەن قىياپەتتە سورىدى.

ــ نېمە ئىش؟

ــ ئايچىۋەرنى بۇ شەھەردىن يىراقلارغا ئېلىپ كەتكىن. ئۇنىڭ بۇ يەردە دۈشمەنلىرى بەك كۆپ. ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ. مەن سەندىن شۇنىلا ئۆتۈنىمەن.،ــ دېدى ئارسلان ئۆزىدىكى غەمكىنلىكنى يۇشۇرۇشقا تىرىشىپ.

ــ ماقۇل، مەن ۋەدە بېرەي. مەن ھەر ۋاقىت ئايچىۋەرنى قوغدايمەن.

ــ خەير، بەخىتلىك بولۇڭلار! بەخىت سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن!،ــ ئارسلان بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى. ئەركىن ئارسلانغا نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى ئىدى ئېغىزىنى مىدىرىتىپ بولۇپ توختاپ قالدى.ئەركىن ئۇنىڭ كەينىدىن بىر ھازا قاراپ تۇردى. ئۇ بىر ئىشنى سەزگەندەك قىلدى. ئېتىنى يېشىپ خالتىلارنى ئارتىپ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

نىران خانىدانلىقى(24)
نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(24)

ئايچىۋەر كېتىپ ئارسلان جىمىپلا كەتتى. ئوردىغىمۇ كىرمەي قىرائەتخانىسىدىن تۈزۈك چىقمىدى. ئوردىنىڭ ئىشلىرىنى ئابدۇراھمان چامىنىڭ يېتىشىچە قىلىۋاتاتتى. توغرۇل پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى شاھلىق تەختىنى قولغا ئالسا بولىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ ئاستىرىتتىن ھەركەتلەرنى قىلماقتا ئىدى. ئارسلان توغرۇلنىڭ ھەرىكەتلىرىنى سېزىپ تۇرسىمۇ ئارتۇقچە تەدبىر قوللانغۇسى كەلمىدى. بەرىبىر خەلقنى قايىل قىلالايدىغان ئايچىۋەر يوق. ئۇنىڭ گېپىنى كىم ئاڭلايدۇ؟ ئايچىۋەر كەتكىلى ئىككى كۈن بولدى. بۇ ئىككى كۈن ئارسلانغا ئىككى يىلدەك بىلىندى. خىزمەتكارغا ئېتىنى تەييارلاشنى بۇيرىدى. ئۇ ئېتىنى مىنگىنىچە شەھەر دەرۋازىسىدىن چىقىپ ئۇدۇل ئورمانلىق تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.

توغرۇل كېچىدىن ئۇنى قوللايدىغان ۋەزىرلەر بىلەن مەسلىھەتنى بىر يەرگە ئەكىلىۋالغاندىن كېيىن بۈگۈن سەھەردە سەركەردىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئوردىغا كىرىپ كەلدى. ئابدۇراھمان باشقا ۋەزىرلەر بىلەن بۇ يىل قورغاقچىلىق بولۇپ ئاشلىقتىن كۆپ ھوسۇل ئالالمىغاچقا ئاشلىق مەسلىسىنى قانداق ھەل قىلىش توغرۇلۇق پاراڭلىشىۋاتقان ئىدى. توغرۇلنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ ھەممە جىمجىت بولۇپ قالدى.

ــ قېنى پارىڭىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار! يا مەن ئاڭلىمايدىغان ئىشلارمۇ بۇ؟!،ــ دېدى توغرۇل تەنە ئارىلاش.

ياق، شاھزادە سىزمۇ ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ.،ــ توغرۇلنىڭ قىياپىتىدىن بىرەر سۈيقەسىت باردەكلا سەزگەن ئابدۇراھمان ئورنىدىن سەل مىدىرلاپ قويدى.

ــ ئابدۇراھمان تاغا، مېنىڭچە سىزنىڭ بۇ ئورۇننى بوشىتىپ ماڭا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان ۋاقتىڭىز كېلىپ قالدىغۇ دەيمەن؟ سىز بۇ ئورۇندا خېلى ئولتۇرۇۋالدىڭىز بۇ ئورۇندا خاننىڭ جىيەنى بولغان مەن ئولتۇرۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق.،ــ توغرۇل تەخىتنىڭ يېنىغا كەلدى.

ــ توغرۇل، ئايچىۋەر كېتىدىغان ۋاقىتتا ئەلنى ئارسلان بىلەن ماڭا تاپشۇرغان. ئايچىۋەرنىڭ پەرمانىغا خلاپلىق قىلىشقا كىمنىڭ ھەددى؟،ــ ئابدۇراھمان ئاچچىقىدا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

ــ ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ تاغا، نىران خانلىقىغا يات يەردىن ئەكىلىۋالغان بىر يېتىمەك بىلەن سىز ۋارىسلىق قىلامسىز؟ نېمە دېگەن كۈلكىلىك،ــ توغرۇل مەسخىرە ئارىلاش كۈلدى.

ــ بولدى بەس، ئەمدى يېتەر! مېنىڭ سەۋرى قاچامنىڭمۇ چېكى بار. ھۆرمەت شارابىنى ئىچمىسىڭىز جازا شارابىنى ئىچىپ قالىسىز.

توغرۇل شەمشىرىنى چىقىرىپلا ئابدۇراھماننىڭ بوينىغا شەمشەر ئۇردى. ئابدۇراھماننىڭ بوينى شەمشەرنىڭ زەربىدىن ئۇزۈلۈپ يەرگە دومىلاپ كەتتى. بۇ دەھشەتلىك كۆرۈنۈشنى كۆرگەن ۋەزىرلەر ئۆرە-تۆپە بولۇشۇپ قوزغىلىۋېدى.

ــ يەنە كىمنىڭ مېنىڭ تەخىتتە ئولتۇرۇشۇمغا پىكىرى بار؟،ــ توغرۇل شەمشىرىنى ھەممىگە تەڭلەپ تۇرۇپ ھەيۋە قىلدى.

ۋەزىرلەر بېشىنى تۆەۋن سېلىپ جىم تۇرۇشتى. توغرۇل ئابدۇراھماننىڭ باشسىز جان تالىشىۋاتقان جەسىتىگە بىر قاراپ قويۇپ تەخىتكە چىقىپ ئولتۇردى. ئوردا ئەھلى ئۇنىڭ تەخىتتە ئولتۇرغانلىقىنى مۇبارەكلەشتى.

ــ بۈگۈنكى قۇبۇل مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى. قايتساڭلار بولىدۇ.،ــ دېدى توغرۇل مەغرۇر كۈلۈپ.

ۋەزىرلەر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن توغرۇل ئابباسنى چاقىردى:

ــ سەن ياراملىق ئەزىمەتلىرىڭنى باشلاپ بېرىپ ئارسلان دېگەن يېتىم ئوغلاقنى تۇتۇپ كەل! ماڭا تەھدىت بولىدىغان شۇ بىرلا ئادەم قالدى.

ئابباس سەت ھىجايغىنىچە ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ چىقىپ كەتتى. توغرۇل ئوردىغا سەپ-سېلىپ قارىغىنىچە قاقاھلاپ كۈلدى. تەخىمىنەن يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ئابباس ئۆڭسىلى ئۆچكەن ھالدا قايىتىپ كەلدى.

ــ بىز ئارسلاننىڭ ئۆيىگە بارغان ئىدۇق. ئۇ ئۆيىدە يوقكەن. خىزمەتكارىدىن سورىساق سەھەردىلا ئېتىغا مىنىپ چىقىپ كەتكەن دەيدۇ،ــ ئابباس توغرۇلغا قورقۇمسىراپ قارىدى.

ــ بۇ يېتىمەك نەگە كەتكەندۇ؟ شەھەرنىڭ ھەممە يېرىنى ئاختۇرۇپ بولسىمۇ ئۇنى تېپىڭلار! يەنە بىر ئىش «ھىلال ئاي» مەزھىپىدىكىلەرگە ئېيت! ئايچىۋەرنى بۈگۈنلا كۆزدىن يوق قىلسۇن. قايسى كۈنى ئۇنىڭ كەينىگە ئادەم سېلىپ قوي دېسەم يېرىم يولغا بارمايلا ئۇنى كۆزدىن يوقىتىپ قويۇپتۇ. بۇ قىز چوقۇم ئورمانلىققا كىرىپ كەتتى. ئوسمانغا دېگىن ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ ئورماننى قويماي ئاختۇرسۇن. ئايچىۋەرنى تاپقان ھامان ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار!

ئابباس چىقىپ كەتتى. ئۇ توغرۇلنىڭ يېنىدىن چىقىپ ئوسماننىڭ يېنىغا ماڭدى. ئوسمان ھويلىسىدا چاي ئىچىپ ئولتۇراتتى. ئابباسنى كۆرۈپ چىرايى تاتىرىپ كەتتى. ئابباس كەلسە ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.

ــ بۈگۈن ساڭا ئالاھىدە ۋەزىپە بار. بۇ ئىشنى ياخشى ئورۇندىيالىساڭ. ئەينى يىلدىكى ئوردا ئىچىدىكى ئىشلىرىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىمىز.

ــ نېمە ئىش؟،ــ شۇنچە يىللاردىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ھوقۇقنىڭ ئۆز قولىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئوسماننىڭ خۇشاللىقتىن كۆزلىرى قىسىلىپ كەتتى.

ــ ئايچىۋەر ئوردىدىن ئايرىلغان كۈنى كەينىگە ئادەم سېلىپ ئۇنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى ئورنىنى بىلىۋال! دېسەم كۆزدىن يوقىتىپ قويۇپسەن. بۇ قىز ئورمانلىقنىڭ بىرەر يېرىدە بار. ئادەملىرىڭنى ئەۋەتىپ ئۇنى تاپقان ھامان ئۆلتۈرىۋەت! بۇ ئىش بۈگۈندىن قالمىسۇن.،ــ ئابباس قولىنى شىلتقىنىچە چىقىپ كەتتى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

نىران خانىدانلىقى(23)
نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(23)

ئايچىۋەر ئۆيلەرنى تازىلاپ پاكىزە قىلىۋەتتى. ئۇنىڭغىچە ئەركىنمۇ ئىشلىرىنى تۈگىتىپ كىردى.

ــ ئېگىز دەرخنى ئورمانلىقنىڭ مەنزىرىسىنى سېغىنمىدىڭىزمۇ؟،ــ ئەركىن بايىلا يۇيۇپ كىرگەن ھۆل قولىنى كارىۋاتنىڭ ئۈستىدىكى رەخىتكە سۈرتكەچ.

ــ سېغىنماي قالامتىم. ئېگىزدىن ئورماننىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈشنى ئەڭ سېغىندىم. مېنىڭ ئىشلىرىممۇ تۈگىدى بېرىپ كېلەمدۇق؟

ــ بولىدۇ، مەن ئاتلارنى تەييار قىلاي.

ئىككەيلەن چوڭ دەرەخ يېنىغا يېتىپ كەلدى. ئىككىسى ئارقا-ئارقىدىن دەرەخكە چىقتى. ئايچىۋەر چىقىپلا ئەتراپنىڭ مەنزىرىلىرىگە قاراپ:

ــ بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ئادەمنى بەكلا جەلىب قىلىدۇ.

ــ ئورمانلىققا پەقەت ئەتراپنىڭ يېشللىقىنى كۆرۈش ئۈچۈنلا كەلمىگەنسىز؟،ــ دېدى ئەركىن ئايچىۋەرنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ ئۆزىگە قارىتىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى. ئايچىۋەر ئەركىندىن كۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىۋېدى. ئەركىن ئايچىۋەرنىڭ ئېڭىكىدىن تۇتۇپ ئۆزى قاراتتى.

ــ ئايچىۋەر، سىزنى ياخشى كۆرىمەن. مەن سىزنى ياخشى كۆرۈشكە مۇناسىپمۇ ئۇنى بىلمەيمەن. بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز مۇشۇ يەردىن باشلانغان سىزنى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىمغا ھەمدە سىزنى بىر ئۆمۈر قوغدايدىغانلىقىمغا مۇشۇ دەرەخ گۇۋاھچى بولىدۇ،ــ ئەركىن ئايچىۋەرنى قۇچاقلىدى.

ــ مەنمۇ سىزنى قاچانلاردا ياخشى كۆرۈپ قالدىم بىلمەيمەن. قايتىپ كەتكەندىن بېرى سىزنىڭ ماڭا قاراپ تۇرغان سىمايىڭىز كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ. مەن بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنداق بولۇپ باقمىغانىدىم. شۇڭا ھەممىنى تاشلاپ يېنىڭىزغا كەلدىم. قىلغىنىم توغرىمۇ ئۇنىمۇ بىلمەيمەن. پەقەتلا سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنىلا بىلىمەن.،ــ ئايچىۋەر بېشىنى ئەركىننىڭ كۆكسىدە قويۇپ.

ــ بەخىتلىك كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا ئىككىمىز بۇ گۈزەل ئورمانلىقتا ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان ئائىلىمىزنى قۇرۇپ چىقىمىز، بالىلىق بولساق بالىلىرىمىز ئورمانلىقنىڭ ساپ مۇھىتىدا ساغلام چوڭ بولىدۇ.

ــ قاراڭە، سىزنى بىردەمدە كەلگۈسىنىڭ شىرىن خىياللىرىغا چۆكۈپ كەتتىڭىزغۇ؟،ــ ئايچىۋەر كىچىك ئۆينىڭ  ئەينەكسىز دەرىزىسىدىن ئەتراپقا قاراشقا باشلىدى.

ــ بۇ شىرىن خىيال ئەمەس، ئىككىمىز رىئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.

ــ ئايچىۋەر، ماڭا ئۆزىڭىز توغرۇلۇق ۋە ئائىلىڭىز توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرمەمسىز؟،ــ ئەركىننىڭ ئايچىۋەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بىلگۈسى بار ئىدى. ئۆتكەندە ئۇنىڭ بۇ سوئالى جاۋابسىز قالغانىدى. ئايچىۋەر بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ:

ــ مەن نىران خانلىقىنىڭ مەلىكىسى يەنى ھۈسەيىن خاننىڭ قىزى ھازىرقى تەخىت ۋارىسى.

ئەركىن ھەيرانلىقتىن تۇرۇپلا قالدى.

ــ مەن سىزنى ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا خان ئاتىڭىز بىلەن ئەلنى زىيارەت قىلىپ قايتقان ۋاقتىڭىزدا بىر قېتىم كۆرگەن، سىز ئۇ ۋاقىتتا بەكلا كىچىك ئىكەنسىز. ئاتام بىلەن بازار ئايلىنىپ يۈرسەك ئەسكەرلەر بىزلەرنى ھەر تەرەپكە قوغلاشقا باشلىدى. مەن ئاتامغا نېمە ئىش بولدى؟ دېسەم خان ئالىيلىرى بىلەن مەلىكىسى كېلىۋېتىپتۇ شۇڭا ئەتراپتىكىلەرنى تارقىتىۋاتىدۇ دېگەن ئىدى. سىز ئۇ چاغدا بەكلا كىچىك بولغاچقا چوڭ بولۇپ ئۆزگىرىپ كېتىپسىز شۇڭا تونۇيالماپتىمەن.

ــ سىز باشتىلا مېنىڭ مەلىكە ئىكەنلىكىمنى بىلگەن بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ مېنى يەنىلا قۇتۇلدۇرۇپ يېنىڭىدا ئېلىپ قالامتىڭىز؟،ــ ئايچىۋەر ئەركىنگە سوئال نەزىرى بىلەن قارىدى.

ــ ھېلىغۇ سىز مەلىكە ئىكەنسىز ئادەتتىكى بىر قىز بولسىمۇ مەن قۇتۇلدۇرۇۋالاتتىم. بىراق، سىزنىڭ مەلىكە ئىكەنلىكىڭىزنى بۇرۇن بىلگەن بولسام سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالماسلىقىم مۇمكىن ئىدى. چۈنكى مەن سىزگە لايىق كېلەمدىم؟ دېگەن سوئالنى ئاۋۋال ئويلايتتىم. ئەمما ھازىر مەيلى سىز كىم بولۇڭ مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن. بۇنى ھەرقانداق ئىش ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

ئايچىۋەر كىچىك ۋاقتىدىكى ئىشلاردىن تارتىپ ئارسلان بىلەن تونۇشقىنىنى ئىككسىنىڭ ئاكا-سىڭىلدەك يېقىن ئۆتكەن ئىشلارنى تاكى تەخىت ۋارىسلىقىدىن ۋاز كەچكەنگە قەدەر ھەممە ئىشلارنى ئەركىنگە سۆزلەپ بەردى. ئەركىن ھەممىنى زەن قويۇپ ئاڭلىدى. ئىككەيلەن پاراڭ بىلەن بولۇپ كېتىپ كەچ كىرگىنىنىمۇ تۇيماي قالغانلىقىنى بىلىپ ئۆيىگە قايتتى.

داۋامى بار…

جۇلالىق