جۇلالىق بىلوگى

تېچلىقمۇ، ئەزىزلەر!
تور دۇنياسىغا قەدەم قويغىلى شۇنچە يىللار بوپتۇ. ئويلاپ باقسام تور دۇنياسىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بوپتىمەن. شۇ ئازغىنە بىلىملىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خېلى بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالدىم. مەن ئۈچۈن مۇشۇنىڭ ئۆزى چوڭ بىر غەنىيمەت ئىدى.
دەسلىۋىدە مۇنبەرلەرگە كىرىپ ئۇنى-بۇنى يېزىپ يۈردۈم. بەك ياخشى نەرسىلەرنى يازالمىساممۇ ئۆزۈم ئويلىغان ئىشلارنى، كۆرگەن بىلگەنلىرىمنى يازاتتىم. مەخسۇس ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇمىغاندىكىن مۇشۇنچىلىك يازغىنىم مەن ئۈچۈن يېتەرلىك ئىدى. بەزى يازغان نەرسىلىرىم تاقالغان مۇنبەرلەر بىلەن بىللە مەرھۇم بولۇپ كەتتى. بەزىلىرى تور مۇنبەرلىرىنىڭ تولا سېستىما ئالماشتۇرۇش ياكى كونا مۇنبەر، يېڭى مۇنبەر دەپ ئىككىگە ئايرىش جەريانىدا يوق بولدى. شۇنداق قىلىپ بىر مەزگىل مۇنبەر ئايلىنىپ يۈرگەنمۇ بولدۇم. 2007-يىلى 7-ئايدا تور بەتنىڭ مەھەللە سەھىپىسىدىن «جۇلالىق» نامدا شەخسىي مەھەللە قۇردۇم، 2008-يىلى 6-ئايدا تور بەتنى بىراقلا تاقىۋەتتى. تور بەت بىلەن بىللە مېنىڭ مەھەللەممۇ يوق بولدى. ھازىرمۇ شۇ مەھەللەمگە ئىچىم ئاغرىيدۇ.
تور دۇنياسىدىكى تۇنجى مەھەللەم يەنى ئۆزۈمگە خاس بولغان شەخسىي ئۆيۈم يوق بولۇپ كەتتى. 2008-يىلى 11-ئاينىڭ باشلىرىدا ھەممە يەردە بلوگباس سۇپىسىدىن بلوگ ئىلتىماس قىلىپ، بلوگ قۇرۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. مەنمۇ بۇ قىزغىنلىققا ئاۋاز قوشۇپ، يەنە شۇ نام بىلەن بلوگباستىن«شەخسىي بلوگ» قۇردۇم. بلوگباسنى ئايلىنىپ يۈرۈۋاتقىلىمۇ ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ. مۇشۇ ئىككى يىل جەريانىدا بلوگباس ئارقىلىق «شەخسي بلوگ» دېگەن ئۇقۇمنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشۈنۈپ يېتىپتىمەن.
تور دۇنياسىمۇ ئۆز ئالدىغا بىر دۇنيا، «بلوگ» بولسا بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى سېنىڭ مەھەللەڭ، شەخسىي ئۆيۈڭ، ئۆزۈڭ خالىغانچە ياسايسەن، بېزەيسەن. بۇ ئۆيدە نېمە ئىش قىلىشنى خالىساڭ شۇنى قىلالايسەن. بىرەرسى بۇنى قىلما! دەپ چەكلىيەلمەيدۇ. مانا بۇ تور دۇنياسىدىكى «بلوگ».
مېنىڭ چۈشەنچەمدىكى «بلوگ» ئۇقۇمى مۇشۇلار بولغاچ، ئايرىم ئىسىم ۋە بوشلۇق ئېلىپ يېڭى بلوگ ئاچتىم. مەن، كومپيۇتېر ئۇستىسىمۇ ئەمەس، پروگراممىرمۇ ئەمەس. شۇڭا بۇ بلوگ بىرەر كەسىپنى ئاساس قىلغان ھالدا تەرەققى قىلدۇرۇلمايدۇ. بلوگ پەقەتلا ماڭا خاس ئۆي. بۇ يەرگە ئۆزۈم ئويلىغان نەرسىلىرىمنى يازىمەن.
مەن يازغان نەرسىلەرنى ئوقۇشقا قىزىقسىڭىز بلوگىمنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇڭ. بۇ يەردىن بەك كۆپ بىلىم ئېلىشتىنمۇ ئۈمۈد كۈتمەڭ. بلوگقا كۈندە يېڭى تېما يوللىنىدۇ دەپ كاپالەت بېرەلمەيمەن. چۈنكى مەنمۇ بىر ئىنسان، مېنىڭمۇ نۇرغۇن ئىشلىرىم بولىدۇ. شۇ ئالدىراشلىقلىرىمنى تۈگۈتۈپ كىرگەندە، پارچە-پۇرات يازمىلارنى ھوزۇرىڭىزغا سۇنىمەن. مەن يازغان ئاشۇ ئاددىي يازمىلارنى ياقتۇرسىڭىز بلوگىمنى يوقلاپ تۇرۇڭ، سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىمەن!
ھۆرمەت بىلەن:~~~جــــــۇلالـــــــىق.