ھايات تەلقىنلىرى

«ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكىس سادايىڭىدىن ئىبارەت»مانا بۇ بىر جۈملە سۆز مېنىڭ ھەر ۋاقىت ئىشلىتىدىغان ئىمزايىم. مەن تور دۇنياسىغا قەدەم قويغاندىن تارتىپ، مۇشۇ بىر جۈملە سۆزنى ھەر ۋاقىتلىق ئىمزايىم قىلىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ مەنىسى ماڭا بەكلا چوڭقۇر بىلىنىدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى مەن مۇنداق چۈشۈنىمەن.
مۇنداقلا قارىماققا«ھايات خۇددى تاغقا ئوخشايدۇ»، يەنى تاغدەك مۇستەھكەم قەد كۆتۈرۈپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇيۇ، لېكىن سىنچىلاپ ئوبدان قارىساڭ، بۇ تاغ زىمىنغا مۇستەھكەم ئورناشقان تاغ بولماي، ھاۋادا لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتلار قوشۇنىدىن ھاسىل بولغان لەيلىمە تاغلارغا ئوخشايدۇ.بۇ ھاياتتا نەچچە مىڭ يىل ياشىمايمىز،نەچچە ئون يىللا ياشايمىز.ھەر بىر كۈنىمىزنى قەدىرلەيلى. بۈگۈن ئۆتۈپ كەتتى ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدۇ. ئەتە نېمە ئىش بولىدىغانلىقى ھەمىمىزگە نامەلۇمدۇر.
«ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكىس سادايىڭدىن ئىبارەت»بۇ ھايات بىزگە نېمە ئاتا قىلدى؟ بىزگە ئاتا قىلغىنى پەقەتلا تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرى، تۈگىمەس غەم-ئەندىشىلەر، بەزىدە يىغلاپ، بەزىدە كۈلۈشلەر بولدى. بىزنىڭ بۇ ھاياتتىن ئېرىشكىنىمىز، ئېگىز تاغقا چىقىپ تۇرۇپ توۋلىساق بىزنىڭ ئەكىس سادايىمىز يېنىپ كەلگەندەكلا، ئەجەل سىنىقى بېشىمىزغا كەلگەندە، بىز شۇنچە تىرىشىپ-تىرمىشىپ بارلىققا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنيادا قالىدۇ. ھەرگىز كېيىنگە ئېلىپ كېتەلمەيمىز. بىزنىڭ بىردىنبىر ئېلىپ كېتەلەيدىغىنىمىز، بىزنىڭ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىمىز خالاس.
بۈگۈنىمىزنى قەدىرلەپ، ئۆزىمىزنىڭ بۇ دۇنياغا بىر يولۇچى ئىكەنلىكىمىزنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدىن چىقارمايلى. بىز ھامان كەتكۈچىلەرمىز!