دوستلۇق رىشتى

ھايات ئۇ ئىنسانغا بىر سىناق،
دوستقا بولغىن كۆيۈملۈك ئىناق.
قەدىرلە دوستۇڭنى ھەر زامان،
خاتالىققا سۈكۈت ياخشى سوراق.

مەن ھەر ۋاقىت بۇ بىر جۈملە سوئالنى ئۆزۈمدىن سوراپ تۇرىمەن.
«دوستلۇق ئۇ بىر ئۈزۈلمەس رىشتە، بۇ ئۈزۈلمەس رىشتىگە ۋاپا قىلالايدىغانلار زادى قانچىلىك؟»
مەن سورىدىم: دوستلۇقنىڭ ئۆلچىمى بولامدۇ؟ قانداق بولسا ئاندىن ھەقىقىي دوستلۇق بولغان بولىدۇ؟ بۇ دۇنيادا ھەقىقىي دوست يوقمىكىن دەيمەن؟
خىيالىم جاۋاب بەردى: دوستلۇقنىڭ ئۆلچىمى يوق. دوستلار ئارا ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولۇشى كېرەك. دوستلۇقنىڭ قەدرىنى بىلگەن ئادەمگە ھەقىقىي دوستلۇق بار. دوستلۇقنىڭ قەدرىنى بىلمىسە ئۇ دوستلۇق بولمايدۇ. پەقەتلا، ئىككى كىشى بىر-بىرىدىن پايدىلىنىپ ياشاش بولىدۇ خالاس. بىر ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا چىن قەلبىدىن يېقىن بىلىدىغان دوستى بولۇشىمۇ مۇمكىن ۋە بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. دوستلۇق رىشتىسىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ يەتكەندىلا ھەقىقىي دوستلۇق بولىدۇ.