قوي ۋە مەن

تەپەككۇر تامچىلىرى 2014-08-29 05:54 1,641 3

قوي ۋە مەن

qoy we men

كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە مەكتەپتىن قايتىپلا قويلارنى ئېغىلدىن چىقىرىپ، قورۇقىمىز تەرەپكە ھەيدەپ ماڭدىم ( قورۇقىمىز توغرۇلۇق ئالدىنقى يازمىلىرىمدا تەپسىلىي دەپ ئۆتكەنىدىم، بۇرۇنقى يازمىلارنى ئوقۇغان دوستلىرىمنىڭ ئېسىدە بار بەلكىم). يەنە شۇ ئەسكى ئاق قۇلاق قوي ھەممە قويلارنىڭ ئالدىدا يۈگرەشكە باشلىدى. ھېچ يېرىدە باشقا رەڭ يوق، رەڭگى ئاپئاق كەلگەن بۇ قويغا مەنلا ئەمەس، ئاكا-ھەدىلىرىم ھەممىسى ئۆچ ئىدى، نېمىشقا دېسەڭلار، بۇ قوينىڭ قۇلىقى بەكلا قاتتىق، قويلارنى ئېغىلدىن چىقىرىپ بولغىچە ئاستىراق، ئادەم كەينىدىن يېتىشكىدەك ماڭماي قورۇق تەرەپكە ئوقتەك ئېتىلىدۇ، ياكى بولمىسا باشقىلارنىڭ ئېتىزلىقىغا كىرىپ كېتىدۇ، بۇ قوينىڭ كەينىدىن باشقا قويلارمۇ تەڭلا ئەگىشىپ بىزنى قىينايدۇ، قورۇقىمىز تەرەپكە مېڭىپ شۇ يەرگە بېرىپ توختىسىغۇ تەلىيىمىز، خەقنىڭ ئېتىزلىقىغا كىرىپ كېتىپ، ئېتىزلىقتىكى زىرائەتلەرنى بۇزۇۋەتسە، ئېتىزنىڭ ئىگىسىدىن بىرمۇنچە تىل ئاڭلايدىغان گەپ.

بۈگۈنمۇ بۇ قوينىڭ يەنە شۇ كېسىلى تۇتتى. ئېغىلنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشىمغىلا قويلارنى باشلاپ قورۇق تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى، ئۇھ دېدىم ئىچىمدە، ھەر نېمە بولسا باشقىلارنىڭ ئېتىزى تەرەپكە كىرىپ كەتمىدى.

بۈگۈن بۇ قويغا نېمە بولدىكىن، باشقا كۈندىكىدەك ئادەمنى كەينىدىن ھالسىرىتىپمۇ يۈگەمەيدۇ، قويلارنى ئاستا باشلاپ قورۇققا يېتىپ كەلدى، مەنمۇ كۆڭلۈمدە ھېرىپ قالمىغىنىمغا خۇشال بولدۇم. قويلارنى ئوتلاققا قويۇۋېتىپ، سۈيى تۈگىمەس ئۆستەڭنىڭ يېنىدىكى ئېگىزرەك بىر يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇپ، نەۋرە ئاكامدىن يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئارىيەت ئالغان تارىم ژورنىلىنى ئوقۇشقا باشلىدىم. ئۇ چاغلاردا بۇنداق ژورناللار بەكلا قىس ئىدى، كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ كىتاپقا بەكلا ئىشتىياقىم بار، ئاساسلىقى ژورناللاردىكى ھېكايىلەرنى قىزىقىپ ئوقۇيتتىم، ھازىر ئويلىسام شۇ ۋاقىتلاردا ئوقۇغان ھېكايىلىرىم مېنىڭ تەپەككۇرۇمنىڭ ھازىرقىدەك يېتىلىشىگە نۇرغۇن پايدىسى بوپتىكەن، ھەمدە تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئىشلارنى ھەل قىلىشنى، قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگۈنۈپتىكەنمەن، نەۋرە ئاكامنىڭ ھەدىسى شەھەردىكى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولغاچ، ھەم ئۇلارنىڭ ئانا تەرەپ تۇققانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خىزمەتچىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە كىتاب-ژورناللار كەڭرى ئىدى، ئۆيىگە ھەر بارسام ئىككىدىن ژورنالنى ئارىيەت ئېلىپ كېلەتتىم، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە باشقىسىغا ئالماشتۇرۇپ بېرەتتى، شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئۆيىدىكى ژورناللىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئوقۇپ تۈگەتكەنىدىم.

تۈنۈگۈن ئوقۇپ يېرىمى قالغان ھېكايىنىڭ داۋامىنى ئەمدى باشلاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئاق قۇلاققا نېمە بولدى، خوشنىمىزنىڭ يارلىقتىكى قوناقلىقى تەرەپكە ئۇچقاندەك يۈگۈردى، باشقا قويلارمۇ تەڭلا ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى، قۇلىقى قاتتىق ئەبلەخ، دەپ قوينى ئىچىمدە نەچچىنى تىللىغاچ، قويلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈردۈم، قولۇمدا ئۆزۈم ياسىۋالغان كىچككىنە بىر يېرىم مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چوڭ بارمىقىمچىلىك توملۇقتىكى كالتىكىم بار ئىدى، ئۇ  مەزگىللەردە غەرىپكە ساياھەت فىلىمىنى بەكلا تولا بېرەتتى، بىز قوي باقىدىغان كىچىكلەر قوي باققاچ، ئۆزىمىزچە سۇنۋۇكۇڭنىڭ ئالتۇن گۈرزىسى دەپ ياسىۋالغان كەلتەكلەردىن بىردىن كۆتۈرۈۋالاتتۇق، كالتەكنى تۇتقان پېتى يۈگۈردۈم، مەن بېرىپ بولغىچە قويلار خوشنىمىزنىڭ قوناقلىقىنىڭ يېرىمىغا كىرىپ بولدى، ئاچچىقىمدا بېرىپ ئاق قۇلاقنى كالتەك بىلەن ئىككى ئۈچنى سېلىۋېدىم، ئۇ بىزنىڭ يارلىقتىكى شىۋاقلىق تەرەپكە ماڭدى، قويلارمۇ بۇ قۇلىقى قاتتىققا ئەگىشىپ سالپىيشىپ ماڭدى. قويلارنى توسۇپ مېڭىپ، ئوتلىرى سەل قويۇق يەرگە ئەكىلىپ قويۇپ يەنە ھېلىقى دۆڭلۈككە چىقىپ ئولتۇردۇم، بايىقى ھېكايىنىڭ داۋامىغا بولغان قىزىقىشىم ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەنىدى، ئەتراپلارغا قاراپ خىيال دۇنياسىدا ئۈزۈشكە باشلىدىم.

بۇرۇندىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوينى ئىنسانغا زىيىنى تەگمەيدىغان يۇۋاش-يۇمشاق ھايۋان ، ئۇيغۇرلار قوي مىجەز ھەم گۆشىنى يېيىشكە ئامراق، شۇڭا ئۇلارنىڭ باشقىلارغا زىيىنى يەتمەيدۇ، دەيدىغان گەپلەرنى كىتاپلاردا تولا ئوقۇيتتىم، تۇرۇپلا ئاق قۇلاققا قاراپ، قوينىڭمۇ ئۇنچىۋالا قۇلىقى يۇمشاق ئەمەسلىكىنى، شۇ قۇلىقى يۇمشاق قويغا بىرەرسى باش بولۇپ ماڭسا، باشقا قويلار ئۇنىڭ كەينىدىن بۇ قەيەر؟ نەگە ماڭىمەن؟ دېمەي كېتىۋېرىدىغىنىنى ھېس قىلدىم. كۆرۈنۈشتە ئاق قۇلاققا ھەممەيلەن ئۆچتەك قىلغىنىمىز بىلەن بۇ قويغا ھەممەيلەن خېلى ئامراق ئىدۇق، ئۇنىڭ بەزىبىر ئەسكىلىك خۇيى تۇتۇپ قالغان ۋاقىتلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، قويلارغا ياخشى باش بولۇپ ئۇياق-بۇياققا قېيىپ كەتمەي، قورۇققا باشلاپ ماڭاتتى، باشقا قويلارمۇ خۇددى مۇشۇ ئاق قۇلاقنى ئۆزىگە يول باشچى قىلىۋالغاندەكلا ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭاتتى. ھەر نەرسىنىڭ يامان تەرىپى بولغىنىدەك ئاق قۇلاقنىڭ شۇ يامان خۇيلىرى بولمىسا، بەلكىم ئۇمۇ ئاق قۇلاق بولماي باشقا قويلاردىن پەرقى يوق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. سەركىسىز قوي توپىنى ھامان بۆرە يەيدۇ،

خىياللار بىلەن بولۇپ كېتىپ، قۇياشنىڭ پېتىشقا باشلىغىنىنىمۇ سەزمەپتىمەن، قويلارنىڭمۇ قورسىقى تويۇپ ئۇ يەر بۇ يەرلەرگە چېچىلىپ، ئوتلارنى خوش ياقمىغان ھالدا يەۋاتاتتى، ئورنۇمدىن ئاستا تۇرۇپ قويلارنى ھەيدەپ ماڭدىم، بايا ئېغىلدىن چىققان ۋاقتىدا ئوقتەك ئېتىلىپ ماڭغان قويلار ئەمدى قۇلاقلىرىنى سالپايتىپ، توپىلىق يولدا بوزاڭ توپىلارنى توزىتىپ ئاستا ماڭماقتا، مەن قويلارنىڭ كەينىدىن يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېتىزلىقلارغا كىرىپ كەتمىسۇن دەپ توسۇپ ماڭماقتا ئىدىم، قۇياش ئاستا-ئاستا پېتىۋاتىدۇ، مەن توپىلىق يولدا قۇياشنىڭ پېتىشى بىلەن تەڭ ئۆي تەرەپكە ئىلگىرلىمەكتىمەن…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 3 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    دون_ئەپەندى 2014-09-18 23:37

    ھەي ئاشۇ ئېسىل بالىلىق ۋاقىتلىرىمىز،
    ماۋۇ تەسىرات ئۈنچىللىرىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداقمۇ خۇش بولدۇم
    چۈنكى مېنىڭمۇ بالىلىق ئاشۇ سەھرانىڭ گۈزەل يايلاقتەك بولمىسىمۇ،ئوتلاق جاڭگاللاردا كالا بېقىپ ئوقۇشقا بېرىپ ئۆتكەن،ھازىرمۇ بەزىدە ۋاقتىم چىققان چاغلاردا بېرىپ ئەتراپنى چۆرگىلەپ كېلىمەن،شۇ ۋاقىتتىكى غەمسىز ۋاقىتلار ئادەمنىڭ ئېسىدىن زادىلا چىقمايدۇ،
    بالىلىقنىڭ شۇنداق مەنىلىك،ھەم تاتلىق ۋاقتىنىڭ تولىمۇ قىسقا بولىشىنى ئۇ ۋاقىتلاردا ھېچ ئويلاپ قويماپتىكەنمىز..
    قاچان چوڭ بولارمەن،چوڭلاردەك يۈرەرمەن دەپ ئويلاپ كېتىشلىرىمىزچۇ تېخى

    رەھمەت

    جۇلالىق

    ھەر بىرىمىزنىڭ ئەشۇنداق تاتلىق ئەسلىمىلىرىمىز بولغان، ئۇ ۋاقىتلار بەكلا خۇشال، غەمسىز چاغلار ئىدى. كەلمەسكە كەتكەن كۈنلەر…

  •   #2  

    سالىھ بەگ 2014-11-14 10:04

    ھەي ھەي بۇ بالىلىق ۋاقىتلاردىكى بۇنداق تاتلىق ئۇنچىلەرنى كۆرسە ئادەم كۆزىدىن كىنو لىنتىسى قويىلىدۇ دىسە . ھەي بالىلىق . كىچىك ۋاقتىمىزدا قىزىمنى بىرەي دىگەن شۇ ئاپىلار نەدىدۇ دەيمەن دىگەندەك بالىلىق يۇمۇرلارنىڭ چىقىشلىرى . ھەي بالىلىقنى بالىمىز بولغاندا يەنە بىر ھىس قىلىشىمىز مۇمكىن جۇمۇ .